UyghurWiki
UyghurWikiيېزا ئىگىلىك بىلىملىرىئىنسانلار يېزا ئىگىلىكىدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ

ئىنسانلار يېزا ئىگىلىكىدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ

يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى بەزىلەر كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئىنسانلار كۈنىگە بىر تال قانداقتۇر بىر خىل دورا كۇمىلىچىنى يەپ ئۆز بەدىنىنىڭ ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىغان بولىدۇ، ئەگەر شۇنداق بولسا جاپالىق يېزا ئىگىلىكى بولسىمۇ - بولمىسىمۇ بولىۋېرىدۇ دەپ تەسەۋۋۇر قىلىشقان. بۇ خىل تەسەۋۋۇر ئادەمنى قىزىقتۇرسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭدا ئىلمىي ئاساس يېتەرسىز. چۈنكى، ئىنسانلارمۇ جانلىقلار دۇنياسىنىڭ بىر ئەزاسى، ئادەم بەدىنىدىكى ئاساسىي تەركىبلەر مەسىلەن، ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا، شېكەر، ياغ قاتارلىقلار باشقا جانلىقلار تېنىدىكىلەر بىلەن ماھىيەت جەھەتتىن پەرقلەنمەيدۇ، شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن ھايۋانات، ئۆسۈملۈكلەرنى ئىستېمال قىلغاندىن كېيىن ناھايىتى تېزلا ھەزىم بولىدۇ، سۈمۈرۈلىدۇ ۋە پايدىلىنىلىدۇ. ئىنسانلار ئۇزاقتىن بۇيان مۇشۇ خىل مۇھىتقا ماسلاشقاچقا، ئىرسىيەت ئالاھىدىلىكى جەھەتتە ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا، شېكەر، ياغ تۈرىدىكى ئورگانىك مولېكۇلىلارنىلا ھەزىم قىلالايدۇ، بۇنىڭ ئورنىنى باشقا ماددىلار ئالالمايدۇ. ئەگەر بۇ دورا كۇمىلىچى ئانئورگانىك تەركىبلەردىن تۈزۈلىدۇ دېسەك، ھەزىم بولمايدىغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق رول ئوينىيالمايدۇ؛ ئەگەر ئورگانىك ماددىدىن تۈزۈلىدۇ دېسەك، سانى بەك ئاز بولىدىغانلىقى ئۈچۈن ئاچلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلالمايدۇ. شۇڭا، رېئال تۇرمۇشتا كۈندىلىك غىزالىنىش كەم بولسا بولمايدۇ. كەلگۈسىدە سۈنئىي ئۇسۇل ئارقىلىق ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا، ياغ قاتارلىق مولېكۇلىلارنى سىنتېزلىغىلى بولغان تەقدىردىمۇ، يېزا ئىگىلىكىدىن ئايرىلغىلى بولمايدۇ. چۈنكى، ئۆسۈملۈكلەرنىڭ سىنتېزلاش ئىقتىدارى ئىنتايىن كۈچلۈك، ھالبۇكى، سەرپ قىلىدىغىنى سۇ، كاربون (Ⅳ) ئوكسىد، ئوغۇت ھەمدە قۇياش نۇرى قاتارلىق خام ئەشيالار بولۇپ، بۇ خام ئەشيالارنى تەبىئەت دۇنياسىدىن ئېلىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ، شۇڭا، ئۇ ئورگانىك ماددىلارنى كۆپ، تېز، ياخشى، تېجەشلىك سىنتېزلاشتىكى ياخشى ئۇسۇل. ئەگەر بۇ تەييار سىنتېزلاش ماھىرىدىن ۋاز كېچىپ، بىر يۈرۈش مۇرەككەپ ئۈسكۈنە، يۇقىرى تەننەرخ ئارقىلىق چوڭ مولېكۇلىلىق يېمەكلىكلەرنى سىنتېزلاپ چىقماقچى بولساق، يالغۇز ئىقتىسادىي نۇقتىدىنلا قارىغاندىمۇ ھەم ئەخمەقلىق، ھەم ئۆزىمىزگە ئاۋارىچىلىك بولىدۇ. شۇڭا يىراق كەلگۈسىگە بارغاندىمۇ يېزا ئىگىلىكى يەنىلا ئىنسانلار ئۈچۈن كەم بولسا بولمايدىغان كەسىپ بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېزا ئىگىلىك بىلىملىرى
ئىنسانلار يېزا ئىگىلىكىدىن مەڭگۈ ئايرىلالمايدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki