يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىشى
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
يەر شارىنىڭ پۈتكۈل تارىخىنى يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخى دېيىشكە بولىدۇ. تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ ئاساسلىق ئىپادىلىرىنىڭ بىرى. «دۇنيانىڭ ئۆگزىسى» − ھىمالايا تاغ تىزمىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز چوققا − چومولاڭما چوققىسى (دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى13 .8848 مېتىر) بىلەن ئوخشاشلا ئەينى چاغلاردا بىپايان دېڭىز ئىدى. ئۇنداقتا ئىلگىرىكى دېڭىز نېمە ئۈچۈن ئېگىز تاغقا ئۆزگىرىپ قالدى؟ بۇ ھەقتە ئالىملار نىسبەتەن قانائەتلەندۈرەرلىك جاۋابلارنى تېپىپ چىقتى.1960
- يىلى5 - ئايدا جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتى تۇنجى قېتىم ھىمالايا تېغىنىڭ شىمالىي باغىردىن چومولاڭما چوققىسىغا چىقتى ھەمدە چومولاڭما چوققىسىدىكى چۆكۈندە قاتلىمىدىن قەدىمكى ھايۋانلارنىڭ نۇرغۇن تاشقاتمىلىرىنى تاپتى. بۇلارنىڭ ئىچىدە دېڭىز - ئوكيان مۇھىتىدا ياشايدىغانلارغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلاردىن ئاممونىت تۈرلىرى، ئىختىئوزاۋر قاتارلىقلارنىڭ تاشقاتمىلىرى بار. بۇ تاشقاتمىلار بۇنىڭدىن100 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا شەكىللەنگەن.1975 - يىلى جۇڭگو تاغقا چىقىش ئەترىتى چوققا ئەتراپىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىدىن400 −500 مىليون يىللار بۇرۇنقى قەدىمكى ھايات ئېراسىنىڭ ئوردوۋىك دەۋرىدىكى دېڭىزدا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ، مەسىلەن، ترىلوبىتا قۇرتى، دېڭىز گۈلسامسىقى، براخىئوپودالار قاتارلىقلارنىڭ تاشقاتمىلىرىنى تاپتى. بۇلار ھىمالايا تاغلىق رايونىنىڭ بۇرۇنقى زامانلاردا بىپايان دېڭىز ئىكەنلىكىنى ئېنىق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ.
زادى قانداق كۈچ بۇ پايانسىز قەدىمىي دېڭىزنى ھەيۋەتلىك تاغقا ئايلاندۇرغان؟ ئالىملار بۇ ھەقتە مۇنداق بىر پەرەزنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يەر شارىدىكى تاغ جىنس قاتلاملىرى بىر پۈتۈن گەۋدە بولماستىن، بەلكى بىرقانچە چوڭ پارچىغا بۆلۈنگەن، گېئولوگلار ئۇنى «بۆلەك» دەپ ئاتايدۇ. بۇ بۆلەكلەر خۇددى ئارا قاتلامدىكى ئاستېنوسفېرا قەۋىتى ئۈستىدە لەيلەپ يۈرىدىغان «سال» غا ئوخشاش لەيلەپ تۇرىدۇ. بۇ تەلىمات بويىچە ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بىر چوڭ بۆلەك، جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇقى يەنە بىر بۆلەك بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن30 مىليون يىللار ئىلگىرى جەنۇب تەرەپتىكى ھىندى ئوكيان ئاستىدىكى ئاستېنوسفېرا قەۋىتىنىڭ ھەرىكىتى تۈپەيلىدىن دېڭىز تېگى كېڭىيىپ جەنۇبىي ئاسىيا ئىككىنچى چوڭ قۇرۇقلۇق بۆلىكى تەدرىجىي شىمالغا يۆتكىلىپ، ئەڭ ئاخىر ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقى بۆلىكى بىلەن سوقۇلغان. بۇ ئىككى چوڭ بۆلەك ئارىلىقىدىكى ھىمالايا قەدىمكى دېڭىزى ئىككى تەرەپتىن قىسىلىش تۈپەيلىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، بىپايان دېڭىز ئېگىز تاغقا ئايلانغان. گېئولوگىيە تارىخىدا يەر پوستىنىڭ تاغ ھاسىل قىلىشتىن ئىبارەت بۇ قېتىمقى بىنورمال كۈچلۈك ھەرىكىتى ھىمالايا تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتى دەپ ئاتىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان ھىمالايا تېغى ھازىرمۇ يەنىلا ئاستا كۆتۈرۈلمەكتە.
يەر پوستىدىكى دېڭىز - قۇرۇقلۇقنىڭ بۇنداق غايەت زور ئۆزگىرىشى پەقەت ھىمالايا تېغى ئەتراپى بىلەن چەكلىنىپ قالمايدۇ، ياۋروپادىكى ئالپ تاغلىق رايونى، شۇنداقلا باشقا نۇرغۇن رايونلاردىمۇ بۇ خىل غايەت زور تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئىزنالىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. مەسىلەن، ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق زور يەر پوستى ھەرىكىتى − ھىندىچىنى ھەرىكىتى ۋە يەنشەن ھەرىكىتى ئېلىمىز قۇرۇقلۇقى ۋە ئاسىيانىڭ شەرقىي قىسىم يەر پوستىغا غايەت زور تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن. بۇ ئىككى قېتىملىق يەر پوستى ھەرىكىتىدىن كېيىن ئېلىمىزدىكى سىچۇەن، يۈننەننىڭ شەرقىدىكى ئەسلىدە پايانسىز دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ ئاستىدىكى رايونلار دېڭىز ئاستىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ قۇرۇقلۇققا ئايلانغان، شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئېلىمىزنىڭ جەنۇبى دېڭىز، شىمالى قۇرۇقلۇق بولۇشتەك ۋەزىيىتى ئاخىرلىشىپ، شىمال بىلەن جەنۇبتىكى قۇرۇقلۇق تۇتىشىپ بىر پۈتۈن گەۋدىگە ئايلانغان. كۈچلۈك يەنشەن ھەرىكىتىدە ئېلىمىزدىكى كوئىنلۇن تېغى، تەڭرىتېغى، چىليەنشەن تېغى، چوڭ ھىنگان تېغى ۋە تەيخاڭشەن تېغى قاتارلىق تاغ تىزمىلىرى كەينى - كەينىدىن كۆتۈرۈلۈپ چىققان؛ بىپايان شىمالىي جۇڭگو تۈزلەڭلىكى، غەربىي شىمال تۈزلەڭلىكى، چاڭجياڭ - خەنجياڭ دەريالىرى تۈزلەڭلىكى قاتارلىقلارمۇ ئارقا - ئارقىدىن شەكىللەنگەن.
يەر پوستى ھەرىكىتى چوڭ تىپتىكى تاغ ھاسىل قىلىش ھەرىكىتىدىن سىرت، يەر تەۋرەش، يانار تاغنىڭ پارتىلىشى قاتارلىقلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدۇر.