پۈرۈلمە
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
ئادەمنىڭ يۈزىدىكى قورۇقلار بېشىدىن كۆپ ئىسسىق - سوغۇق ئۆتكەنلىكنىڭ شاھىتىدۇر. يەر شارىدىكى پۈرۈلمە يەر شارىنىڭ مىليون يىللاردىن بۇيان بېشىدىن كەچۈرگەن داۋالغۇشلارنىڭ ئىزنالىرىدۇر. پولات تاختىغا يېتەرلىك چوڭلۇقتا تاشقى كۈچ چۈشۈرگەندە ئېگىلىدىغانلىقى، ھەتتا سۇنىدىغانلىقى ھەممەيلەنگە ئايان، شۇنىڭغا ئوخشاش قاتتىق تاغ جىنس قاتلاملىرىدىن تەشكىل تاپقان يەر پوستىمۇ مۇئەييەن شارائىتتا ئېگىلىپ پۈرمىلىنىدۇ.
قاتتىق تاغ جىنس قاتلاملىرى ئېلاستىكلىققا ئىگە، ئۇ يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ كۈچلۈك قىسىشى، سوزۇشى ۋە ئېگىشىگە ئۇچرىغاندا ئىچكى كۈچنى ئاستا - ئاستا توپلايدۇ، بۇ خۇددى رەگەتكىنى سوزۇپ بەتلىگىنىمىزگە ئوخشايدۇ. يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بۇ كۈچ توپلانغانسېرى چوڭىيىپ، ئاخىردا تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ ئۆزىدىكى كۈچتىن ئېشىپ كەتكەندە تاغ جىنس قاتلاملىرى بەرداشلىق بېرەلمەي ئېگىلىدۇ، ھەتتا ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ. گېئولوگىيە ئىلمىدە تاغ جىنسلىرىنىڭ گورىزونتال يۆنىلىشتىكى كۈچنىڭ قىسىشى تەسىرىدە دولقۇنسىمان ئېگىلىدىغان، بىراق ئۈزلۈكسىزلىكى بىلەن پۈتۈنلۈكىنى يوقاتمايدىغان بۇ خىل ھادىسە پۈرۈلمە دەپ ئاتىلىدۇ.
پۈرۈلمىنىڭ شەكلى كۆپ، ئەڭ ئاساسلىقىدىن سىنكلىنال بىلەن ئانتىكلىنالدىن ئىبارەت ئىككى خىلى بار.
سىنكلىنال پۈرۈلمە دېگىنىمىز، تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ «چوڭ دولقۇن سىزىقى» دىكى تۆۋەنگە قاراپ ئېگىلگەن قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. سىنكلىنالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ دەۋرى نىسبەتەن يېڭى بولۇپ، ئىككى يېنىغا قاراپ بارغانسېرى كونىراپ بارىدۇ. ئانتىكلىنال پۈرۈلمە دېگىنىمىز، تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ «چوڭ دولقۇن سىزىقى» دىكى يۇقىرىغا قاراپ كۆتۈرۈلۈپ چىققان قىسمىنى كۆرسىتىدۇ. ئانتىكلىنالنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ دەۋرى نىسبەتەن كونا بولۇپ، ئىككى يېنىغا قاراپ بارغانسېرى يېڭىلىنىپ بارىدۇ. ئادەتتىكى ئەھۋاللاردا ئانتىكلىنال تاغ چوققىلىرىنى، سىنكلىنال جىلغىلارنى شەكىللەندۈرىدۇ. بىراق بەزىدە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ، بۇنداق بولۇشى پۈرۈلمە شەكىللەنگەندىن كېيىن ئەگەر يەر پوستى كۈچلۈك تەۋرىنىشنى يەنە باشتىن كەچۈرسە، بۇ پۈرۈلمىلەر يەنە بىر قېتىم سىقىلىشقا ئۇچرايدۇ، ھەتتا كۆمتۈرۈلۈپ كېتىدۇ ياكى سىنكلىنال يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، ئانتىكلىنال تۆۋەنلەپ ئىنتايىن مۇرەككەپ گېئولوگىيىلىك ئەھۋاللار يۈز بېرىدۇ. سىنكلىنال تاغقا، ئانتىكلىنال جىلغىغا ئايلىنىپ قالىدىغان بۇ خىل ھادىسە «يەر شەكلىنىڭ كۆمتۈرۈلۈشى» ياكى «تەتۈر يەر شەكلى» دەپ ئاتىلىدۇ.
دۇنيادىكى نۇرغۇن مەشھۇر تاغ تىزمىلىرى يەر پوستىنىڭ پۈرمىلىنىش ھەرىكىتىدىن شەكىللەنگەن. ياۋروپادىكى ئالپ تېغىدىن ئاسىيادىكى ھىمالايا تېغىغىچە بولغان بەلۋاغ دۇنيا بويىچە شەرق - غەرب يۆنىلىشىدىكى ئەڭ ئۇزۇن پۈرۈلمە بەلۋېغى بولۇپ، كاۋكاز تاغ تىزمىسى، ھىندۇقۇش تاغ تىزمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
پۈرۈلمىلىك تۈزۈلمە ھەمىشە چوڭ تىپتىكى نېفىتلىكلەر بىلەن باغلىنىشلىق بولىدۇ. بەزىدە چوڭ ئانتىكلىنال گۈمبەزسىمان تۈزۈلۈشنى ھاسىل قىلىدۇ، ئۇ يەر پوستىنى قىستاپ چىقارغان يۇمىلاق شەكىلدىكى ئىسكىلاتقا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچكى قىسمى ياخشى «ماي ساقلاش باكى» ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادىكى نۇرغۇن نېفىتلىكلەردىكى نېفىت قازغۇچىلار بۇ خىل «ماي باكى» دىكى نېفىتنى تارتىپ چىقارماقتا. ئېلىمىزدىكى داچىڭ نېفىتلىكى شۇلارنىڭ بىرىدۇر.