UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىتاشقاتما

تاشقاتما

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى قېلىن يەر قاتلاملىرى بىر تەڭداشسىز «چوڭ تاش كىتاب» قا ئوخشايدۇ، ئوخشاش بولمىغان يەر قاتلاملىرىدا ساقلانغان تاشقاتمىلار بىر خىل ئالاھىدە يېزىققا ئوخشاش ئۆزى ياشىغان تارىخ بىلەن يەر قاتلاملىرىنىڭ يېشىنى خاتىرىلەيدۇ. تاشقاتمىلار گېئولوگىيىلىك دەۋرلەرگە ئايرىشنىڭ مۇھىم ئاساسى، شۇنداقلا ئىنسانلار يەر شارى سىرلىق ئوردىسىنى ئاچىدىغان «ئاچقۇچ» تۇر. رەڭگارەڭ بەزى مەرمەر تاشلاردا نۇرغۇن چىرايلىق ۋە نەپىس سىزىقلار، شەكىللەر بولىدۇ، بۇلارنىڭ بەزىلىرى سۇدىكى دولقۇنغا ئوخشىسا، بەزىلىرى دەرەخنىڭ يىل ھالقىلىرىغا ئوخشايدۇ. بۇ سىزىق ۋە شەكىللەر بىر خىل ئىپتىدائىي ئۆسۈملۈكلەردىن شەكىللەنگەن تاشقاتمىلار بولۇپ،700 -800 مىليون يىللار ئىلگىرى سۇدا ياشىغان بىر خىل يۈسۈننىڭ قالدۇقلىرىدۇر. جانلىقلارنىڭ تاپلىرىدىن شەكىللەنگەن بۇ خىل تاشقاتمىلار تاپ تاشقاتمىلار دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئىسكىلىتى، چىشى، قۇلۇلە قېپى ۋە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ شېخى، گۈل - يوپۇرماقلىرى، ئۇرۇقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جانلىقلارنىڭ تاپ تاشقاتمىلىرىدىن سىرت يەنە يادىكارلىق تاشقاتمىلىرى ۋە ئىز تاشقاتمىلىرى بار، مەسىلەن، ھايۋانلارنىڭ تېزىكى، تۇخۇمى، قەدىمكى كىشىلەرنىڭ ئىشلەتكەن قورالى، شۇنداقلا ھايۋانلارنىڭ ماڭغاندا قېپقالغان ئىزى قاتارلىقلار.1963 - يىلى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭ رايونىدا جۇڭغار ئۇچار كەسلەنچۈكى دەپ ئاتىلىدىغان چوڭ تىپتىكى بىر خىل يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋاننىڭ تاشقاتمىسى تۇنجى قېتىم تېپىلدى، ئۇنىڭ تارىخى100 مىليون يىلدىن ئاشىدۇ. بۇ خىل تېنى غايەت زور ئۇچار كەسلەنچۈك دىنوزاۋرغا ئوخشاشلا قەدىمكى زاماندىكى نەسلى قۇرۇغان يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانغا كىرىدۇ، بىراق ئۇچار كەسلەنچۈكنىڭ ئىككى مېتىر ئەتراپىدا ئىككى ئالدى پۇتى بار بولۇپ، پۇتىنى كېرىپ ئۇچالايدۇ. ئۇنىڭ كۆزى يۇمىلاق، چوڭ ۋە ئۆتكۈر، كەڭ ئىچكى دېڭىز ۋە كۆل يۈزىدە قانات كېرىپ ئۇچۇۋېتىپ بېلىق ۋە باشقا ھايۋانلارنى چەبدەسلىك بىلەن تۇتۇپ يەيدۇ. جۇڭغار ئۇچار كەسلەنچۈكىنىڭ تاشقاتمىسىنىڭ تېپىلىشى100 مىليون يىل ئىلگىرى ئېلىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى چۆل - جەزىرە رايونلىرىنىڭ ئەسلىدە ئۆسۈملۈكلەر بۈك - باراقسان ئۆسكەن كۆل رايونى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.1964 - يىلى ئېلىمىزنىڭ تاغقا چىقىش ئەترىتى شىزاڭدىكى دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى8000 مېتىردىن ئاشىدىغان شىشاباڭما چوققىسىدىن بىر خىل غايەت زور دېڭىز ھايۋىنى ئىختىئوزاۋرنىڭ تاشقاتمىسىنى تاپتى، ئۇنىڭ تارىخى200 مىليون يىلدىن ئاشىدۇ. ئىختىئوزاۋر ئوكيانلاردا ياشايدىغان بىر خىل غايەت زور ھايۋان بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى10 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئۇ ۋەھشىي، شۇنداقلا سۇ ئۈزۈشكە ماھىر. بۇ قېتىمقى بايقاش ھىمالايا تاغلىق رايونىنىڭ بۇنىڭدىن200 مىليون يىل ئىلگىرىكى ئوتتۇرا ھايات ئېراسىدا كەڭ كەتكەن بىپايان دېڭىز ئىكەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلاپ بەردى.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى