يەر يادروسى
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
يەر يادروسى يەر شارىنىڭ يادروسىدۇر. ئۇ ئاستىنقى ئارا قاتلامنىڭ ئاستى قىسمىدىن تاكى يەر شارىنىڭ يادروسىغىچە بولغان قىسىم بولۇپ، ئارىلىقى تەخمىنەن3473 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئىلمىي كۆزىتىپ تەھلىل قىلىشقا ئاساسلانغاندا، يەر يادروسى تاشقى يادرو، ئۆتكۈنچى قەۋەت ۋە ئىچكى يادرو دەپ ئۈچ قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. تاشقى يادرونىڭ قېلىنلىقى1742 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە زىچلىقى تەخمىنەن3 mc/g5.10، ماددىلار سۇيۇق ھالەتتە بولىدۇ. ئۆتكۈنچى قەۋەتنىڭ قېلىنلىقى ئاران515 كىلومېتىر، ماددىلار سۇيۇق ھالەتتىن قاتتىق ھالەتكە ئۆتىدىغان ئۆتكۈنچى ھالەتتە بولىدۇ. ئىچكى يادرونىڭ قېلىنلىقى1216 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە زىچلىقى3 mc/g9.12 غا يېتىدۇ. ئاساسلىق تەركىبى تۆمۈر، نىكېلنى ئاساس قىلغان ئېغىر مېتاللار بولغاچقا، تۆمۈر - نىكېللىق يادرو دەپمۇ ئاتىلىدۇ.
يەر يادروسىنىڭ ئومۇمىي ماسسىسى1021 ×88.1 توننا بولۇپ، پۈتۈن يەر شارى ماسسىسىنىڭ %5 .31 ىنى، ھەجمى پۈتۈن يەر شارى ھەجمىنىڭ %2 .16 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر يادروسىنىڭ ھەجمى قۇياش سىستېمىسىدىكى مارستىنمۇ چوڭ. يەر يادروسى يەر شارىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قىسمىغا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن، ئۇچرايدىغان بېسىم كۈچى يەر پوستى ۋە ئارا قاتلامدىكىدىن كۆپ چوڭ بولىدۇ. تاشقى يادرو قىسمىدا بېسىم كۈچى1 مىليون360 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىدۇ، يادرو قىسمىغا بارغاندا تېخىمۇ ئېشىپ3 مىليون600 مىڭ ئاتموسفېرا بېسىمىغا يېتىدۇ. بۇنداق بېسىم كۈچىنى يەر شارى يۈزىدە تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن. ئالىملار مۇنداق تەجرىبە ئىشلىگەن، ئۇلار ھەربىر كۋادرات سانتىمېتىر قىسمىغا1770 توننا بېسىم كۈچى چۈشۈرگەن چاغدا ئەڭ قاتتىق بولغان ئالماسمۇ سېرىقمايغا ئوخشاش يۇمشاپ كەتكەن.
يەر يادروسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بېسىم كۈچى چوڭ بولۇپلا قالماستىن، بەلكى تېمپېراتۇرىمۇ ناھايىتى يۇقىرى، تېمپېراتۇرىنىڭ ℃2000~ ℃5000 قا يېتىدىغانلىقى، ماددىنىڭ زىچلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن3 mc/g10~3mc/g16 بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. بۇ خىل يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى زىچلىق شارائىتىدا، بىز دائىم ئېيتىپ كېلىۋاتقان «قاتتىق ھالەت» ياكى «سۇيۇق ھالەت» ئۇقۇمىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ، چۈنكى يەر يادروسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلار ھەم پولاتقا ئوخشاش «قاتتىق خۇسۇسىيەت» كە، ھەم ئاق موم، قارا مايغا ئوخشاش «ئەۋرىشىم» لىك (پلاستىك خۇسۇسىيەت) كە ئىگە بولىدۇ. بۇ خىل ماددىلار پولاتتىنمۇ ئون نەچچە ھەسسە قاتتىق بولۇپ قالماستىن، بەلكى يەنە ئاستا - ئاستا شەكىل ئۆزگەرتىدۇ، ئەمما ئۈزۈلۈپ كەتمەيدۇ.
يەر يادروسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى يۇقىرىقىدەك ئالاھىدە ئەھۋاللارنى تەجرىبىخانىلاردا تەقلىد قىلىش قىيىن بولغاچقا، كىشىلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىسى ئىنتايىن يېتەرسىز بولماقتا. بىراق ئالىملار يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمى ئىنتايىن تىنچسىز دۇنيا بولۇپ، ھەرقايسى ماددىلار باشتىن - ئاخىر توختىماستىن ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، دېگەن بىر نۇقتىغا شەكسىز ئىشىنىدۇ. بەزى ئالىملار يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ھەرقايسى قەۋەتتىكى ماددىلار گورىزونتال يۆنىلىشتە قىسمەن ھەرىكەت قىلىپ قالماستىن، بەلكى يەنە يۇقىرى - تۆۋەن ئوتتۇرىسىدا كونۋېكسىيىلىك ھەرىكەت قىلىپ تۇرىدۇ، ئەمما بۇ خىل كونۋېكسىيىنىڭ سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولۇپ، ھەر يىلى ئاران بىر سانتىمېتىر ئەتراپىدا يۆتكىلىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار يەر يادروسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ماددىلار قۇياش ۋە ئاينىڭ تارتىش كۈچىگە ئۇچراپ رىتىملىق تەۋرىنىش ھاسىل قىلىشى مۇمكىن، دەپ پەرەز قىلماقتا.