گېئولوگىيىلىك دەۋرلەر
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
يەر شارى شەكىللەنگەن، ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلغان4 مىليارد600 مىليون يىلدىن بۇيان تەبىئەتنىڭ مەزمۇنى ئىنتايىن مول غايەت زور تارىخىي كىتابىنى قالدۇردى، ئۇ بولسىمۇ ھەرقايسى دەۋرلەردىكى يەر قاتلاملىرىدۇر. گېئولوگىيىلىك دەۋرلەرگە بۆلۈش يەر شارىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش، ھەرقايسى جايلاردىكى يەر قاتلاملىرىنىڭ ۋاقتى ۋە ئۇلاردا يۈز بەرگەن ئۆزگىرىشنى چۈشىنىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى.1881 - يىلى خەلقئارا گېئولوگىيە جەمئىيىتى بۈگۈنگىچە قوللىنىلىپ كېلىۋاتقان يەر قاتلاملىرىنىڭ بۆلۈنۈش جەدۋىلىنى رەسمىي ماقۇللىدى، كېيىنچە بۇ جەدۋەلگە ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللىشىپ، سىستېمىسى مۇكەممەل بولغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەر جەدۋىلى شەكىللەندى.
گېئولوگلار كۆپىنچە رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلارنى ئۆلچەش ئۇسۇلى بىلەن پالېئونتولوگىيىدىن ئىبارەت ئىككى خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئوخشاش بولمىغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەرنىڭ يەر قاتلاملىرىنى ئايرىپ چىقىدۇ. رادىئوئاكتىپ ئىزوتوپلار ئارقىلىق ئۆلچەنگەن يەر قاتلىمى ياكى تاغ جىنسلىرىنىڭ دەۋرى يەر قاتلىمى ياكى تاغ جىنسلىرىنىڭ ھەقىقىي يېشى بولۇپ، مۇتلەق گېئولوگىيىلىك دەۋر دەپ ئاتىلىدۇ؛ پالېئونتولوگىيە ئارقىلىق ئۆلچەنگەن دەۋر پەقەتلا يەر قاتلاملىرىنىڭ ئىلگىرى - كېيىنلىك تەرتىپى بىلەن ئىلگىرى - كېيىنلىك باسقۇچىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ، كونكرېت ۋاقتىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ، ئۇ نىسپىي گېئولوگىيىلىك دەۋر دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۇسۇلنى بىرلەشتۈرگەندە، يەر پوستىنىڭ ئۆزگىرىش تارىخىنى تېخىمۇ توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى بولىدۇ.
گېئولوگلار يەر قاتلاملىرىنى ئالتە باسقۇچقا بۆلدى. ئۇلار ئەڭ يىراق ئارخېئوزوي ئېراسى، ئارخېئوزوي ئېراسى، پروتېروزوي ئېراسى، قەدىمكى ھايات ئېراسى، ئوتتۇرا ھايات ئېراسى ۋە يېڭى ھايات ئېراسىدۇر. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ يىراق ئارخېئوزوي ئېراسى، ئارخېئوزوي ئېراسى ۋە پروتېروزوي ئېراسى يەر شارى تەرەقىياتىدىكى دەسلەپكى باسقۇچلار بولۇپ، ھازىر بىلەن بولغان ئارىلىقى ئەڭ يىراق، بېسىپ ئۆتكەن ۋاقتىمۇ ئەڭ ئۇزاق. ئۇ چاغدىكى جانلىقلار پەقەت پەيدا بولۇش ۋە ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۇرغانىدى. قەدىمكى ھايات ئېراسىغا كەلگەندە دېڭىز - ئوكياندا جانلىقلار خېلىلا كۆپەيدى، مەيلى ئۆسۈملۈك ياكى ھايۋانلار بولسۇن، ئوخشاشلا تۆۋەن دەرىجىدىن يۇقىرى دەرىجىگە قاراپ تەدرىجىي تەرەققىي قىلدى. ئوتتۇرا ھايات ئېراسى ۋە يېڭى ھايات ئېراسىغا كەلگەندە دىنوزاۋر، بوۋىقۇش، ئىختىئوزاۋر، مامونت قاتارلىق چوڭ تىپتىكى ھايۋانلار كەينى - كەينىدىن پەيدا بولدى، يەر شارى جانلىقلار دۇنياسىدا مىسلىسىز گۈللىنىشلەر يۈز بەردى.
گېئولوگلار ھەرقايسى گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردىكى يەر قاتلاملىرى ۋە جانلىقلار دۇنياسىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىش ئۈچۈن، «ئېرا» نىڭ ئاستىدا نۇرغۇن ئىككىلەمچى گېئولوگىيىلىك دەۋرلەرنى بۆلۈپ چىقتى، مەسىلەن، قەدىمكى ھايات ئېراسىنى كونىدىن يېڭىغا قاراپ كېمبرىي دەۋرى، ئوردوۋىك دەۋرى، سىلۇر دەۋرى، دېۋون دەۋرى، تاشكۆمۈر دەۋرى، پېرم دەۋرى دەپ ئالتە دەۋرگە بۆلدى. ئوتتۇرا ھايات ئېراسىنى ترىئاس دەۋرى، يۇرا دەۋرى ۋە بور دەۋرىگە بۆلدى. يېڭى ھايات ئېراسىنى ئۈچىنچى دەۋر ۋە تۆتىنچى دەۋرگە بۆلدى. بۇ «دەۋر» لەرنىڭ نامى ئاڭلىماققا غەلىتە بولغان بىلەن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۆزىگە خاس كېلىش تارىخى بار. مەسىلەن، ئەنگلىيىنىڭ ۋالېس رايونىدا قەدىمكى ۋاقىتلاردا «ئوردوۋىك» ۋە «سىلۇر» دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى مىللەت ياشىغان، شۇڭا گېئولوگلار بۇ جايدىن تېپىلغان ئىككى يۈرۈش ئۆلچەملىك يەر قاتلىمىنى «ئوردوۋىك دەۋرى» ۋە «سىلۇر دەۋرى» نىڭ يەر قاتلىمى دەپ ئاتىغان. يەنە مەسىلەن، گېرمانىيە بىلەن شۋېتسارىيىنىڭ چېگرىسىدىكى يۇرا تېغىدىن يەنە بىر خىل ئۆلچەملىك يەر قاتلىمى تېپىلغانلىقى ئۈچۈن، «يۇرا دەۋرى» يەر قاتلىمى دەپ نام بەرگەن. «تاشكۆمۈر دەۋرى» ۋە «بور دەۋرى» يەر قاتلىمىدا مول كۆمۈر قاتلىمى ۋە بور توپىسى بارلىقىنى بىلدۈرىدۇ.