UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىئارا قاتلام

ئارا قاتلام

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى ئارا قاتلام يەر پوستى بىلەن يەر يادروسىنىڭ ئارىلىقىغا جايلاشقان. ئۇ ئادەتتە يەر يۈزىدىن33 ~2900 كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتا بولۇپ، يەر شارى ئومۇمىي ھەجمىنىڭ تەخمىنەن %3 .83 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئۇ يەر پوستى بىلەن يەر يادروسى ئارىلىقىدا بولغانلىقى ئۈچۈن، «ئوتتۇرا قەۋەت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئارا قاتلام ئۈستۈنكى ئارا قاتلام ۋە ئاستىنقى ئارا قاتلام دەپ ئىككى قەۋەتكە بۆلۈنىدۇ. ئۈستۈنكى ئارا قاتلام كرېمنىي، ئوكسىگېن، تۆمۈر، ماگنىي قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەشكىل تاپقان، ئۇنىڭدىكى تۆمۈر ۋە ماگنىينىڭ مىقدارى يەر پوستىدىكى تۆمۈر ۋە ماگنىينىڭ مىقدارىدىن كۆپ، شۇڭا بۇ قەۋەت ئارا قاتلامنىڭ كرېمنىي - ماگنىي قەۋىتى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئادەتتە بۇ جايدىكى ماددىلار قىسمەن ئېرىتمە ھالەتتە بولۇپ، خۇددى توشۇش تاسمىسىغا ئوخشاش يەر پوستىنى ئاستا سىلجىتىدۇ ھەمدە يەر شارىنىڭ ئاستى قەۋىتىدىكى ماددىلار بىلەن ئۈستى قەۋىتىدىكى ماددىلارنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، دەپ قارىلىدۇ. بۇ جاي ماگمىنىڭ كېلىش مەنبەسى، يەر پوستىغا كەڭ تارقالغان بازالىتلار مۇشۇ قەۋەتتىن ئېتىلىپ چىققان. ئاستىنقى ئارا قاتلامدا سىلىكاتلىق تاغ جىنسلاردىن سىرت، مېتال ئوكسىدلىرى ۋە سۇلفىدلار روشەن ھالدا ئېشىپ بارىدۇ. ئۇنىڭدىكى ماددىلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى ئۈستۈنكى ئارا قاتلامدىكى ماددىلارنىڭ سېلىشتۇرما ئېغىرلىقىدىن چوڭ بولۇپ، قاتتىق جىسىم ھالىتىدە بولىدۇ. ھېسابلاشلارغا قارىغاندا، ئارا قاتلامنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃1000 − ℃2000 ، ئىچكى قىسمىنىڭ بېسىم كۈچى9000 ~382000 ئاتموسفېرا بېسىمى، ماددىلارنىڭ زىچلىقى3 mc/g3.3~3mc/g6.4 ئىكەن. مۇشۇنداق يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ۋە يۇقىرى زىچلىق مۇھىتى شارائىتىدا ماددىلار بىر خىل پلاستىك خۇسۇسىيەتكە ئىگە قاتتىق ھالەتتە بولىدۇ. ئۇلار خۇددى قارا مايغا ئوخشاش قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قاتتىق جىسىم خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولىدۇ، ئەگەر ئۇزۇنراق تۇرۇپ قالسا شەكىل ئۆزگەرتىدۇ، ئەۋرىشىملىككە ئىگە بولىدۇ. ئارا قاتلامنىڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدە بېسىم كۈچى نىسبەتەن كىچىك بولغاچقا، ماددىلار يېرىم ئېرىگەن ھالەتتە بولىدۇ، بۇ قەۋەت «ئاستېنوسفېرا (يۇمشاق ئېقىن قەۋىتى)» دەپ ئاتىلىدۇ. قاتتىق يەر پوستى ئاستېنوسفېرا قەۋىتى ئۈستىدە لەيلەپ تۇرىدۇ. ئەگەر يەر پوستىنىڭ تېيىز بۆلىكىدە يېرىلىش يۈز بەرسە، چوغدەك قىزىق ماگمىلار يېرىقنى بويلاپ يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ يانار تاغنىڭ پارتلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئارا قاتلام كەڭ كەتكەن بىر يەر ئاستى دۇنياسى، كىشىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر ئۇ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرى ناھايىتى ئاز، ئۇ داۋاملىق تەتقىق قىلىشىمىزنى كۈتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى
ئارا قاتلام | UyghurWiki | UyghurWiki