UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىمۇز دەۋرى

مۇز دەۋرى

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى زور مۇز دەۋرى دېگىنمىز، يەر شارى تارىخىدا يۈز بەرگەن پۈتۈن يەر شارى دائىرىسىدىكى تېمپېراتۇرىنىڭ شىددەت بىلەن تۆۋەنلەپ، قۇرۇقلۇقنى كەڭ كۆلەمدە مۇز قاپلاپ، ئىنتايىن سوغۇق بولغان مەزگىلنى كۆرسىتىدۇ. يەر شارى تارىخىدا ھازىرغا قەدەر ئۈچ قېتىم زور مۇز دەۋرى بولۇپ ئۆتتى، ئۇ بولسىمۇ سىنىئان دەۋرىدىكى زور مۇز دەۋرى، تاشكۆمۈر − پېرم دەۋرىدىكى زور مۇز دەۋرى ۋە تۆتىنچى دەۋردىكى زور مۇز دەۋرىدىن ئىبارەت. سىنىئان دەۋرىدىكى زور مۇز دەۋرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن700 ~950 مىليون يىللار ئىلگىرى يۈز بەرگەن. ئەينى چاغدا يەر شارىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىنى قېلىن مۇز قەۋىتى قاپلىغان بولۇپ، ئەڭ قېلىن مۇز قەۋىتىنىڭ قېلىنلىقى نەچچە يۈز مېتىر، ھەتتا1000 مېتىرغا يەتكەن. سىبىرىيىدىن ئېلىمىزنىڭ شىمالى ۋە چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا - تۆۋەن ئېقىنىغىچە، غەربىي شىمالى ياۋروپادىن ئافرىقىغىچە، شىمالىي ئامېرىكىدىن ئاۋسترالىيىنىڭ جەنۇبىي قىسمىغىچە ھەممە جايلار دېگۈدەك ئاپئاق قارلىق دالا ۋە مۇز تاغلارغا ئايلانغان. تاش كۆمۈر − پېرم دەۋرىدىكى زور مۇز دەۋرى بۇنىڭدىن تەخمىنەن200 نەچچە مىليون يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى زور مۇز دەۋرى ئاساسەن جەنۇبىي يېرىم شاردىكى ئاۋسترالىيە، جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئافرىقا قىتئەسى قاتارلىق جايلارغا تەسىر قىلغان. جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئافرىقا قىتئەسىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدا ئاشۇ يىللاردىكى مۇزلۇق ھەرىكىتى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىزلارنى ھازىرمۇ كۆرگىلى بولىدۇ. تۆتىنچى دەۋردىكى زور مۇز دەۋرى يۈز بەرگەن ۋاقتى بىزگە ئەڭ يېقىن بولغان بىر قېتىملىق زور مۇز دەۋرى بولۇپ، بۇنىڭدىن تەخمىنەن2 مىليون يىل ئىلگىرى يۈز بەرگەن. بۇ قېتىمقى مۇز دەۋرىنىڭ ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ، مۇز دەۋرىنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى ئۇزاق بولۇشتىن سىرت، زور مۇز دەۋرى ئىچىدە تېمپېراتۇرا نىسبەتەن يۇقىرى بولغان ئىللىق مەزگىلمۇ بولغان، بۇ مەزگىل مۇزلۇقلار ئارا دەۋر دەپ ئاتىلىدۇ. گېئولوگلارنىڭ تەتقىقاتىغا ئاساسلانغاندا، پۈتكۈل تۆتىنچى دەۋردە تۆت قېتىم سوغۇق مۇز دەۋرى ۋە ئۈچ قېتىم ئىللىق مۇزلۇقلار ئارا دەۋر بولغان. سوغۇق مۇز دەۋرىدە ئافرىقىنىڭ ئېكۋاتورغا يېقىن نۇرغۇن ئېگىز تاغلىرىدىمۇ چوڭ كۆلەملىك مۇزلۇق ھەرىكىتى بولغان. بۇ مەزگىلدە ئېلىمىزدىكى چاڭجياڭ دەرياسى ھەۋزىسى ۋە غەربىي جەنۇب رايونىنىڭ تاغلىقلىرىدىمۇ مۇزلۇق ھەرىكىتى بولغان. مۇز دەۋرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇزلۇقلار ئارا دەۋر باشلانغان، بۇ ۋاقىتتا پۈتكۈل يەر شارىدا تېمپېراتۇرا ئۆرلەپ، قار - مۇزلار ئاستا - ئاستا ئېرىپ، غايەت زور مۇزلۇقلار تەدرىجىي شىمالغا چېكىنگەن، ئوتتۇرا - تۆۋەن كەڭلىكلەردە ئۆسۈملۈكلەر قايتىدىن كۆكلەپ، ئورمانلىقتىكى ھەر خىل ھايۋانلار جانلىنىشقا باشلىغان. مۇزلۇق مۇز دەۋرىنىڭ مەھسۇلى. مۇزلۇقنىڭ ئىككى خىل شەكلى بار، بىر خىلى ماتېرىك مۇزلۇقى، يەنە بىر خىلى تاغلىق مۇزلۇقى دەپ ئاتىلىدۇ. بىز ھازىرقى زاماندا كۆرەلەيدىغان ماتېرىك مۇزلۇقى ئانتاركىتىدا مۇزلۇقى بىلەن گرېنلاندىيە مۇزلۇقىدۇر، بىراق بىز كۆرەلەيدىغان تاغلىق مۇزلۇقى ئىنتايىن ئاز. ھازىر يەر شارىنىڭ يۇقىرى - ئوتتۇرا كەڭلىكىدىكى ئېگىز تاغ رايونىدا تۆتىنچى دەۋر مۇزلۇقى يەنىلا يېتىلمەكتە. مۇزلۇقلار غايەت زور ئېنېرگىيىسىگە تايىنىپ ئۆزىگە خاس مۇزلۇق لاندىشافتىنى ھاسىل قىلىدۇ. تاغلىق مۇزلۇق قىياپىتىنىڭ ئۇچلۇق چوققا، مۇز قىرى، مۇز ئازگال قاتارلىق تىپلىرى بار.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى