UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىئۈزۈلمە

ئۈزۈلمە

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى يەر پوستىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ پلاستىكلىقى ناھايىتى ئاجىز بولىدۇ، ئۇ يەر پوستى ھەرىكىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان كۈچلۈك تاشقى كۈچكە ئۇچرىغاندا يېرىلىش ۋە پارچىلىنىش يۈز بېرىدۇ. بۇ خىل ئۈزۈلگەن تاغ جىنس قاتلىمى ئۈزۈلمە دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈزۈلمە ھەر خىل تاغ جىنس قاتلىمىدا يۈز بېرىدۇ، نەتىجىدە بەزى يەر پوستلىرى كۆتۈرۈلسە، بەزى يەر پوستلىرى ئولتۇرۇشىدۇ، بەزىلىرى جىلغىنى ھاسىل قىلسا، بەزىلىرى تاغنى ھاسىل قىلىدۇ. ئۈزۈلمە كۆلىمىنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى زور دەرىجىدە پەرقلىنىدۇ. كىچىكلىرىنىڭ ئورۇن ئۆزگىرىشى پەقەت نەچچە سانتىمېتىر، چوڭلىرىنىڭ نەچچە كىلومېتىر، ھەتتا نەچچە ئون كىلومېتىرغا يېتىدۇ. ئۈزۈلمە ھەرىكەت قىلىدىغان يۈز ئۈزۈلمە يۈزى دېيىلىدۇ. يېرىلغاندا ئۈزۈلمە يۈزىدە يۇقىرى - تۆۋەن سۈركىلىش يۈز بېرىپ، ھەمىشە يول - يول ئىزلار قېپقالىدۇ، بۇ، ئۈزۈلمىنىڭ سۈركىلىش ئىزى دېيىلىدۇ. ئۈزۈلمە يۈزى كۆپىنچە يانتۇ بولىدۇ، ئۈزۈلمە يۈزىنىڭ ئۈستى قىسمىغا جايلاشقان قىسمى ئۈستۈنكى قانات، ئاستى قىسمىغا جايلاشقان قىسمى تۆۋەنكى قانات دەپ ئاتىلىدۇ. مەشھۇر شەرقىي ئافرىقا يېرىلمىسىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى6400 كىلومېتىر، ئوتتۇرىچە كەڭلىكى32 ~56 كىلومېتىر، ئېگىز تاغلار بىلەن چوڭقۇر جىلغىنىڭ پەرقى1 ~2 كىلومېتىر كېلىدۇ. ئۇ شەرقىي ئافرىقا ئېگىزلىكىنى جەنۇبتىن شىمالغا قاراپ ئۇزۇنىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، شەرقىي ئافرىقا يېرىلمىسى دۇنيادىكى ئەڭ ئۇزۇن، ئەڭ چوڭقۇر چوڭ ئۈزۈلمىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، «يەر شارىدىكى تاتۇق» دەپ ئاتىلىدۇ. گېئولوگلارنىڭ تەھلىل قىلىشىچە، يۇقىرىغا ئۆرلىگەن ئارا قاتلام ماددىلىرى يەر پوستىنىڭ بۇزۇلۇپ يېرىلغان ئورۇنلىرىدىن بۆسۈپ ئۆتۈش جەريانىدا، يەر پوستىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە نېپىزلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىن چوڭ يېرىق ئېغىزى ھاسىل بولغان، قۇرۇقلۇقنىڭ ئىككى يانغا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشى نەتىجىسىدە بۇ چوڭ يېرىلما شەكىللەنگەن. كۆزىتىشكە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە بۇ چوڭ يېرىلما ھەر يىلى ئىككى يانغا بەش سانتىمېتىردىن كېڭەيمەكتە. دۇنيادىكى داڭلىق ئۈزۈلمە بەلۋاغلاردىن يەنە تىنچ ئوكيان ئۈزۈلمە بەلۋېغى ۋە ياۋرو - ئاسىيا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ جەنۇبىدىكى ئۈزۈلمە بەلۋاغ بار. كۆلىمى كىچىكلىرىدىن رېين گرابېنى، بايقال كۆلى ۋە ديەنچى كۆلى، ئېرخەي كۆلى قاتارلىق ئۈزۈلمە كۆللەر بار. گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشتە پۈرۈلمە بىلەن ئۈزۈلمە دائىم بىرگە پەيدا بولىدۇ، ئۇلار دائىم پۈرۈلمە ۋە ئۈزۈلمە تاغ تىزمىلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى تەڭرىتاغ تىزمىسى مەشھۇر پۈرۈلمىلىك ئۈزۈلمە تاغ تىزمىسىدۇر. ئۈزۈلمىنىڭ جايلىشىشىنى بىلىش رېئال تۇرمۇشىمىزدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى چوڭ ئۈزۈلمە بەلۋېغى كۆپىنچە ھاللاردا يانار تاغ، يەر تەۋرەش پائالىيىتى كۆپ يۈز بېرىدىغان بەلۋاغ بولۇپ، ئەگەر قۇرۇلۇش ئەسلىھەلىرى ئۈزۈلمىنىڭ ئۈستىگە سېلىنسا، ئۈزۈلمە ئاجرىلىپ ھەرىكەت قىلىش ياكى چۆكۈش سۈرئىتىنىڭ بىردەك بولماسلىقى تۈپەيلىدىن قۇرۇلۇشلاردا يېرىلىش، ئۆرۈلۈش، سۇ ئامبارلىرىدا سۇ ئېقىپ كېتىش، توسمىلار ئۆرۈلۈپ چۈشۈش ھادىسىلىرى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا چوڭ قۇرۇلۇشلارنى سالغاندا قۇرۇلۇش باشلاشتىن بۇرۇن گېئولوگىيىلىك تۈزۈلۈشنى ياخشى تەكشۈرۈپ چىقىش ئىنتايىن زۆرۈر.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى