كېڭىيىۋاتقان دېڭىز تەكتى
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
دولقۇنلاپ تۇرغان دېڭىزلار نەچچە مىليارد يىللىق تارىخقا ئىگە. بىراق ئالىملار دېڭىز تېگىدىكى تاغ جىنسلارنىڭ ئىنتايىن ياش بولۇپ، ئادەتتە يېشىنىڭ200 مىليون يىلدىن ئاشمايدىغانلىقى، ئەمما قۇرۇقلۇقتىكى ئەڭ كونا تاغ جىنسلار يېشىنىڭ4 مىليارد يىلدىن ئاشىدىغانلىقىنى بايقاپ ھەيران قالدى. بۇ زادى قانداق ئىش؟20
- ئەسىرنىڭ60 - يىللىرى ئەنگلىيىلىك ئىككى نەپەر دېڭىز - ئوكيان گېئولوگى ۋىنې بىلەن ماتتېۋس «دېڭىز تېگىنىڭ كېڭىيىش» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، يەر پوستى ئاستىدىكى ئارا قاتلامدا نەچچە يۈز كىلومېتىر قېلىنلىقتا ئاستېنوسفېرا قەۋىتى بولۇپ، بۇ يەردىكى ماددىلار توختىماستىن كونۋېكسىيە ھەرىكىتى قىلىپ تۇرىدۇ، كونۋېكسىيە سۈرئىتى ھەر يىلى تەخمىنەن بىر سانتىمېتىردىن نەچچە سانتىمېتىرغا يېتىدۇ. كونۋېكسىيە ھەرىكىتىدە نىسبەتەن ئېغىر بولغان ماددىلار تەدرىجىي ھالدا يەر يادروسىنىڭ مەركىزىگە توپلىنىدۇ، نىسبەتەن يېنىك ماددىلار ئاستا - ئاستا يۇقىرى ئۆرلەيدۇ. يۇقىرى ئۆرلىگەن ماددىلار ھەرىكەت قىلىپ يەر پوستىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ ئاستى قىسمىغا يېتىپ كەلگەندە تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچراپ بۆلۈنۈش ھادىسىسى كېلىپ چىقىدۇ، يەنى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى بېسىملىق ئاستېنوسفېرا ماددىلىرى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ ئاستى قىسمىنى بويلاپ تۆت ئەتراپقا تارقىلىپ ئاقىدۇ. بۇ خىل ئاقما ھەرىكەتنىڭ تەسىرى ئىنتايىن چوڭ بولۇپ، تاغ جىنس قاتلاملىرىنى ئاستا - ئاستا يېرىپ تاشلايدۇ. ماگما بۇ يېرىقنى بويلاپ يەر پوستى يۈزىگە ئېتىلىپ چىقىپ سوۋۇغاندىن كېيىن تاغ جىنس تېمىنى ھاسىل قىلىدۇ، ئەسلىدىكى دېڭىز تېگى ئىككى يانغا سۈرۈلىدۇ. ماگمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېتىلىپ چىقىشىغا ئەگىشىپ تاغ جىنىس تېمىمۇ ئۈزلۈكسىز ئېگىزلەپ بارىدۇ. يېڭى دېڭىز تېگى ئىككى يانغا ئۈزلۈكسىز كېڭىيىپ ئۇزىرايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئوكياننىڭ ئاستى قىسمىدا ئەگرى - بۈگرى سوزۇلغان ھەيۋەتلىك يېڭى دېڭىز تېگى تاغ تىزمىلىرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ، گېئولوگىيىدە «ئوكيان ئوتتۇرىسى ئومۇرتقىسى» ياكى «دېڭىز يوتىسى» دەپ ئاتىلىدۇ. تىنچ ئوكيان، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە ھىندى ئوكياننىڭ ئاستىدا بۇنداق دېڭىز يوتىلىرىنى كۆرگىلى بولىدۇ.
دېڭىز يوتىسى ۋە يېڭى دېڭىز تېگى تۈزلەڭلىكى شەكىللەنگەندىن كېيىنمۇ داۋاملىق ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئارا قاتلامدىكى ئاستېنوسفېرا قەۋىتى «توشۇش تاسمىسى» لىق رولىنى ئوينايدۇ. ئاستېنوسفېرا قەۋىتىنىڭ سىلجىتىشى تەسىرىدە يېڭى دېڭىز يوتىلىرى يەر پوستىدىكى تاغ جىنس قاتلىمىدىن ئايرىلىپ چىقىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئوكياندىكى دېڭىز جىلغىلىرىغا ئاستا - ئاستا يېتىپ بېرىپ ئېرىپ ئارا قاتلامغا قايتىپ كېلىدۇ. ئۆلچەشلەرگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز تېگىنىڭ كېڭىيىش سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولۇپ، تىنچ ئوكياننىڭ تېگىدە دېڭىز يوتىسىنىڭ ئىككى يېنىدىكى يەر پوستى ھەر يىلى تەخمىنەن ئالتە سانتىمېتىرلىق سۈرئەت بىلەن، ئاتلانتىك ئوكياندا بولسا ھەر يىلى ئىككى سانتىمېتىر ئەتراپىدا سىرتقا كېڭىيىدىكەن. ئوكيان ئاستى قىسمىدىكى يەر پوستىنىڭ قىياپىتى تەخمىنەن200 -300 مىليون يىللىق ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق ئاندىن زور دەرىجىدە ئۆزگىرىپ بىر قېتىم يېڭىلىنىدۇ.