UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىيەر پوستى

يەر پوستى

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى يەر شارى تاشقى قىسىم قەۋىتى بىلەن ئىچكى قىسىم قەۋىتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ قىسىمدىن تەشكىل تاپقان. تاشقى قىسىم قەۋىتى ئاتموسفېرا، گىدروسفېرا ۋە بىئوسفېرانى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ ئىچكى قىسىم قەۋىتى يەر پوستى، ئارا قاتلام ۋە يەر يادروسىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر پوستى ئىچكى قىسىم قەۋىتىنىڭ ئەڭ سىرتقى قەۋىتى بولۇپ، يىمىرىلگەن توپا قەۋىتى ۋە قاتتىق تاغ جىنسلىرىدىن تەركىب تاپقانلىقى ئۈچۈن لىتوسفېرا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر پوستى يەر شارى ھەجمىنىڭ ئاران 5%.0 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئەگە ئارا قاتلام بىلەن يەر يادروسىنى تۇخۇم ئېقى ۋە تۇخۇم سېرىقى دەپ قارىساق، ئۇنداقتا يەر پوستى تۇخۇمنىڭ شاكىلىغا ئوخشايدۇ. يەر شارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا يەر پوستىنىڭ قېلىنلىقى ئوخشاش بولمايدۇ، بەزى جايلاردا نىسبەتەن قېلىن بولىدۇ، مەسىلەن، ئېلىمىزدىكى چىڭخەي - شىزاڭ ئېگىزلىكىدە قېلىنلىقى60 ~80 كىلومېتىرغا يېتىدۇ؛ بەزى جايلاردا نىسبەتەن نېپىز بولىدۇ، مەسىلەن، ئاتلانتىك ئوكيان دېڭىز ئويمانلىقىدا قېلىنلىقى ئاران5 -6 كىلومېتىر، تىنچ ئوكيان دېڭىز ئويمانلىقىدا قېلىنلىقى تەخمىنەن8 كىلومېتىر كېلىدۇ. دېڭىز - قۇرۇقلۇق يەر پوستىنىڭ ئوتتۇرىچە قېلىنلىقى تەخمىنەن33 كىلومېتىر بولۇپ، يەر شارى رادىئۇسىنىڭ200 /1 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەر پوستى گەرچە ئىنتايىن نېپىز بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى قەۋىتىنىڭ ماددىي تۈزۈلۈشى ئوخشاش بولمايدۇ. يەر پوستىنىڭ ئۈستى قىسمى ئاساسەن زىچلىقى نىسبەتەن كىچىك، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى نىسبەتەن يېنىك بولغان گرانىتتىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى كرېمنىي، ئاليۇمىن ئېلېمېنتى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قەۋەت «كرېمنىي - ئاليۇمىن قەۋىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. يەر پوستىنىڭ ئاستى قىسمى ئاساسەن زىچلىقى نىسبەتەن چوڭ، سېلىشتۇرما ئېغىرلىقى نىسبەتەن يۇقىرى بولغان بازالىتتىن تەشكىل تاپقان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ماگنىي، تۆمۈر، كرېمنىي ئېلېمېنتى بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ قەۋەت «كرېمنىي - ماگنىي قەۋىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئوكيانلارنىڭ ئاستى قىسمىدا يەر پوستى ئىنتايىن نېپىز بولغانلىقتىن، ئادەتتە پەقەت كرېمنىي - ئاليۇمىن قەۋىتىلا بولۇپ، كرېمنىي - ماگنىي قەۋىتى بولمايدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، يەر پوستىنىڭ ئەڭ ئۈستى قەۋىتىدە يەنە بىر قىسىم نېپىز چۆكمە جىنس، مېتاسېدىمېنت ۋە يىمىرىلگەن توپا بار بولۇپ، ئۇلار يەر پوستىنىڭ «تېرە» سىنى ھاسىل قىلىدۇ. يەر پوستى تىپتىنچ ۋە مەڭگۈ بىر خىللا تۇرمايدۇ. يەر شارىنىڭ ئۇزاق تارىخىدا ئالەمشۇمۇل غايەت زور ئۆزگىرىشلەر بولۇپ تۇرىدۇ. قۇرۇقلۇقنىڭ لەيلەپ يۈرۈشى، بۆلەكلەر ھەرىكىتى، يانار تاغنىڭ پارتلىشى، يەر تەۋرەش قاتارلىقلار يەر پوستى ھەرىكىتىنىڭ ئىپادىلىنىش شەكىللىرىدۇر. يەر پوستى يەنە ئاتموسفېرا، گىدروسفېرا ۋە بىئوسفېرانىڭ تەسىرى ۋە ئۇپرىتىشىغا ئۇچرىغاچقا، ھەر خىل شەكىل ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە يەر پوستى سىرتقى يۈزى ھاسىل بولىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۇپراق بىلەن ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ مۇناسىۋىتى ئەڭ زىچ بولىدۇ. يەر پوستىدا كۆمۈلۈپ ياتقان كان بايلىقلىرى ئىنتايىن مول بولۇپ، ھازىر تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان مىنېراللار2000 خىلدىن ئاشىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئالتۇن، كۈمۈش، مىس، تۆمۈر، قەلەي، ۋولفرام، مانگان، قوغۇشۇن، سىنك، سىماب، كۆمۈر، نېفىت قاتارلىقلار ئىنسانلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتىدە كەم بولسا بولمايدىغان بايلىقلاردۇر.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى