UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشىتاغ جىنسلىرى

تاغ جىنسلىرى

يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى تاغ جىنسلىرى يەر پوستىدىكى ئاساسلىق ماددا. ھەيۋەتلىك تەيشەن تېغى، تىك قىيالىق خۇاشەن تېغى، ئاجايىپ ۋە گۈزەل خۇاڭشەن تېغى، سىرلىق لۇشەن تېغى تاغ جىنسلىرىدىن تەشكىل تاپقان تاغلىقلاردۇر. تاغ جىنسلىرىنى تەشكىل قىلغۇچى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلار ئاساسلىق سەككىز خىل بولۇپ، سەككىز چوڭ ئېلېمېنت دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇلار ئوكسىگېن، كرېمنىي، ئاليۇمىن، تۆمۈر، كالتسىي، ناترىي، كالىي ۋە ماگنىيلاردۇر. تاغ جىنسلىرىنىڭ خىلى ناھايىتى كۆپ، شەكىل - ھالىتى، قۇرۇلمىسى، رەڭگى پەرقلىنىدۇ، بىراق شەكىللىنىش سەۋەبىگە ئاساسەن ئۇلارنى ماگماتىت، چۆكمە جىنس ۋە مېتامورفىلىق جىنس دەپ ئۈچ چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ. ماگماتىت لاۋا جىنس دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەر پوستىنى تۈزگۈچى ئاساسلىق تاغ جىنسى بولۇپ، ماگما پائالىيىتىدىن شەكىللەنگەن. ماگما پائالىيىتى ئىككى خىل بولىدۇ. بىر خىلى، ماگمىلار يانار تاغ ئېغىزىدىن يەر يۈزىگە ئېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، سوۋۇپ قېتىشىپ تاغ جىنسلىرىغا ئايلىنىدۇ، بۇنداق شەكىللەنگەن تاغ جىنسلىرى ئېتىلما جىنسلار دەپ ئاتىلىدۇ. قۇرۇقلۇق يەر پوستىدا كۆپ ئۇچرايدىغان ئېتىلما جىنس بازالىتتۇر. يەنە بىر خىلى، ماگمىلار يەر شارىنىڭ چوڭقۇر جايىدىن يەر پوستىنىڭ يېرىقلىرىنى بويلاپ يەر يۈزىگە شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقماستىن، بەلكى ئاستا - ئاستا بېسىپ كىرگەندىن كېيىن ئەتراپىدىكى تاغ جىنسلىرىنىڭ سوۋۇتۇپ قىسىشى بىلەن قېتىپ تاغ جىنسلىرىغا ئايلىنىدۇ، بۇنداق شەكىللەنگەن تاغ جىنسلىرى بۆسمە جىنسلار دەپ ئاتىلىدۇ. گرانىت يەر پوستىدا ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان بۆسمە جىنستۇر. گرانىتنىڭ رەڭگى ھال رەڭ بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق، ئۇنىڭغا قارا رەڭلىك چىرىمتال كرىستاللىرى تەكشى تارقالغان. ئۇ سۇ ئۆتكۈزمەيدۇ، سۇنى ساقلاپ تۇرالايدۇ، تەركىبىدە كالىي، ناترىي قاتارلىق مىنېراللار مول، شۇڭا گرانىتنىڭ يىمىرىلىشىدىن ھاسىل بولغان تۇپراق ئىنتايىن مۇنبەت بولىدۇ. ئېلىمىزدىكى مەنزىرىسى گۈزەل خۇاڭشەن تېغى، خۇاشەن تېغى ۋە خېڭشەن تېغى گرانىتتىن تەشكىل تاپقان. چۆكمە جىنس يەر پوستىنىڭ ئەڭ ئۈستى قىسمىدىكى تاغ جىنسى بولۇپ، ئۇ مىليون يىللار ئىلگىرى سۇ، شامال ۋە مۇزلۇقلارنىڭ تاغ جىنىسلىرى ھەم مېنېراللارنى يۆتكىشى، يالىشى ۋە دۆۋىلىشى نەتىجىسىدە ھاسىل بولغان. كۆپ ئۇچرايدىغان قۇم تاش، سلانېتس ۋە ھاك تاش چۆكمە جىنسلاردۇر. كۆمۈر بىلەن نېفىت بىر خىل ئالاھىدە چۆكمە جىنس ھېسابلىنىدۇ. قەۋەتمۇقەۋەت تۈزۈلۈش چۆكمە جىنسلارنىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكىدۇر. يەر پوستىدا چۆكمە جىنسلار ئىنتايىن كەڭ تارقالغان، ئەمما ھىندىستان بىلەن ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدا چۆكمە جىنسلار ئىنتايىن ئاز. ماگماتىت بىلەن چۆكمە جىنسلار يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىم ياكى تاشقى قىسىمدىكى ھەر خىل خىمىيىلىك ئېرىتمىلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاندا، ئىچكى قىسمىنىڭ تۈزۈلۈشى قايتىدىن تەشكىللىنىپ، مىنېراللاردىمۇ قايتىدىن كرىستاللىشىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ مېتامورفىلىق جىنسلار ھاسىل بولىدۇ. مېتامورفىلىق جىنسلار يەر پوستىغا ئىنتايىن كەڭ تارقالغان، ئۇنىڭ ئىشلىتىلىش قىممىتى ئىنتايىن زور. نۇرغۇن كانلار، مەسىلەن، تۆمۈر، ئالتۇن، گرافىت، تاشپاختا، تالك قاتارلىقلار ئۇنىڭ بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. تاغ جىنسلىرىمۇ بىر خىل تەبىئىي بايلىق بولۇپ، ھازىر كۆپىنچە بىناكارلىق ئىشلىرىدا ئىشلىتىلمەكتە. ئۇ بىزنىڭ ئېچىپ پايدىلىنىشىمىزنى كۈتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىنىڭ تۈزۈلۈشى
تاغ جىنسلىرى | UyghurWiki | UyghurWiki