يەر قاتلىمى
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
يەر شارى تەخمىنەن4 مىليارد600 مىليون ياشقا كىردى. گېئولوگىيە ئالىملىرى ئىپتىدائىي يەر پوستىنى قاپلاپ تۇرغان قاتمۇقات تاغ جىنس قاتلاملىرىنىڭ يەر شارىنىڭ نەچچە مىليارد يىللىق ئۆزگىرىپ راۋاجلىنىشى جەريانىدا قېپقالغان بىر «چوڭ تاش كىتاب» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، ئۇ گېئولوگىيە ئىلمىدە يەر قاتلىمى دەپ ئاتىلىدۇ.
گېئولوگلار بۇ تەڭداشسىز چوڭ كىتابنى ۋاراقلاش ئارقىلىق ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان نۇرغۇن ئالاھىدە يېزىق ۋە رەسىملەرنى، يەنى تاشقاتمىلارنى تېپىپ چىقتى. بۇ چوڭ كىتابنىڭ ئالدىنقى بىرنەچچە ۋارىقىدا ئىنسانىيەتنىڭ ئەجدادى بولغان قەدىمكى ئادەمسىمان مايمۇننىڭ تاشقاتمىسىنى؛ يەنە ۋاراقلاپ يەر بېغىرلىغۇچى ھايۋانلار، قوش ماكانلىق ھايۋانلار ۋە بېلىقلارنىڭ نۇرغۇن تاشقاتمىلىرىنى بايقىدى؛ ئەڭ ئاخىرقى بىرنەچچە ۋارىقىدا بىر قىسىم يۈسۈنلەر ۋە ئىپتىدائىي باكتېرىيىلەرنىڭ قالدۇقىنى تاپتى.
يەر قاتلىمى ھەرقايسى گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردە شەكىللەنگەن چۆكمە جىنس، مېتامورفىلىق جىنس ۋە ماگماتىت جىنسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىش تارىخى ئىلگىرى - كېيىن بولىدۇ، ئادەتتە ئاۋۋال شەكىللەنگەن يەر قاتلىمى ئاستىدا، كېيىن شەكىللەنگەن يەر قاتلىمى ئۈستىدە بولۇپ، يەر قاتلىمىنىڭ ئۈستى قىسمىغا يېقىنلاشقانسېرى تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ شەكىللەنگەن يىلى شۇنچە قىسقا بولىدۇ. يەر قاتلىمىنىڭ شەكىللىنىشى جەريانىدا جانلىقلارمۇ توختىماستىن تۆۋەن باسقۇچتىن يۇقىرى باسقۇچقا تەدرىجىي تەرەققىي قىلىدۇ. مەلۇم بىر دەۋردىكى جانلىقلار ئۆلگەندىن كېيىن تۇپراققا كۆمۈلۈپ، گېئولوگىيىلىك تارىخىي ئۆزگىرىش جەريانىنى باشتىن كەچۈرۈش ئارقىلىق تاشقاتما شەكلىدە ئەسلىدىكى يەر قاتلىمىدا ساقلىنىدۇ. ئوخشاش بولمىغان دەۋرلەرنىڭ يەر قاتلىمىغا ماس كېلىدىغان تاشقاتمىلار ئوخشاش بولمايدۇ. گېئولوگلار تاشقاتمىلارنىڭ تۈرى، شەكىل - ھالىتىگە ئاساسەن يەر قاتلىمىنىڭ كونا - يېڭىلىق مۇناسىۋىتىگە ھۆكۈم قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردىكى يەر قاتلىمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئايرىپ چىقىدۇ. مەسىلەن، ھازىر دېڭىزدا نۇرغۇن دېڭىز ھايۋانلىرى ياشايدۇ، ھەر خىل دېڭىز ھايۋانلىرىنىڭ ياشاش مۇھىتى (جۈملىدىن تېمپېراتۇرا، يورۇقلۇق، سۇنىڭ چوڭقۇرلۇقى قاتارلىقلار) غا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. ئەگەر دېڭىز - ئوكيانلاردىن يىراق بولغان تەيخاڭشەن تېغىدىكى مەلۇم بىر يەر قاتلىمىدىن ھازىرقى زامان دېڭىز ھايۋىنى بىلەن ئوخشاش تۈردىكى تاشقاتما ۋە دېڭىز - ئوكيان چۆكۈندى ماددىلىرىنى تاپساق، بۇ يەرنىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتلاردا دېڭىز - ئوكيان ئىكەنلىكىنى جەزملەشتۈرەلەيمىز ھەمدە بۇ ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى دېڭىز - ئوكيانلارنىڭ بىر قىسىم ئەھۋالىغا ھۆكۈم قىلالايمىز. ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولغان، ئېلىمىزنىڭ شىمالىي سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى مەشھۇر ئالىمى شىن كو ئۆزىنىڭ «مېڭشى باغچىسى پۈتۈكلىرى» دېگەن كىتابىدا، ئەينى يىللاردا تەيخاڭشەن تېغى ۋە جېجياڭدىكى يەنداڭشەن تېغىنى تەكشۈرگەن چاغدا تاغلاردىكى قىيا تاشلارنىڭ قېتىدىن نۇرغۇن شېغىل تاش ۋە قۇلۇلە - سەدەپدار قېپىنىڭ تاشقاتمىلىرىنى تاپقانلىقىنى خاتىرىلەش ئارقىلىق بۇ جايلارنىڭ قەدىمكى چاغلاردا دېڭىز ئاستى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.
يەر قاتلاملىرى ئەڭ قەدىمىي گېئولوگىيىلىك دەۋردىن باشلاپ قەۋەتمۇقەۋەت تىزىلىپ يەر يۈزىگىچە يېتىپ بارىدۇ، مەيلى قۇرۇقلۇقتا ياكى سۇدا بولسۇن، يەر قاتلىمىدىكى دۆۋىلەنمە ماددىلارنىڭ خۇسۇسىيىتى، تەركىبى ۋە قۇرۇلمىسى ئوخشاش بولمايدۇ. يەر قاتلىمى ئوخشاش بولمىغان گېئولوگىيىلىك دەۋرلەردىكى تەبىئىي جۇغراپىيىلىك ئەھۋالغا ۋەكىللىك قىلىدۇ، شۇڭا ئۇ يەر شارىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى خاتىرىلەنگەن تارىخىي كىتابتۇر. گېئولوگلار گېئولوگىيىلىك دەۋر جەدۋىلى ئارقىلىق يەر قاتلاملىرىنى خاتىرىلەپ چىقتى. بۇ گېئولوگىيىلىك دەۋر جەدۋىلى1881 - يىلى خەلقئارا گېئولوگىيە ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن رەسمىي ماقۇللاندى، كېيىنچە ئۈزلۈكسىز تۈزىتىش كىرگۈزۈپ تولۇقلاش ئارقىلىق ھازىرغا قەدەر قوللىنىلىپ كەلمەكتە. ئالىملارنىڭ رادىئوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ئارقىلىق ئۆلچىشىگە ئاساسلانغاندا، يەر شارىدىكى ئەڭ قەدىمىي يەر قاتلىمىنىڭ تارىخى4 مىليارد يىلدىن5 .4 مىليارد يىلغىچە ئىكەن.