ماگما
يەر شارىنىڭ تۈزۈلىشى
ماگما يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر جايىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، تەركىبى مۇرەككەپ بولغان بىر خىل سىلىكاتلىق ئېرىمە جىسىم. بۇ خىل ئېرىمە جىسىمنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن ئالاھىدە بولۇپ، ئۇ ھەم قاتتىق جىسىمغا، ھەم يۇمشاق سۇيۇق جىسىمغا ئوخشايدۇ. ئۇ ئوتتا قىزدۇرغان ئەينەككە ئوخشاش ئېقىپ ئېگىلەلەيدۇ، ئەمما ئىنتايىن قاتتىق بولىدۇ، شۇڭا ماگمىنىڭ گرېك تىلىدىكى مەنىسى يۇغۇرغىلى بولىدىغان «خېمىر» دېگەننى بىلدۈرىدۇ. بۇ خىل «خېمىر» ھەرخىل مېتال، مېتاللوئىد ۋە باشقا گاز جىسىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەر شارىدىكى خىمىيىلىك ئېلېمېنتلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك ماگما تەركىبىدىن تاپقىلى بولىدۇ.
بۇ خىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق ئېرىمە ھالەتتىكى ماگما ئاساسلىقى يەر يۈزىدىن نەچچە يۈز كىلومېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى ئۈستۈنكى ئارا قاتلامغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، بۇ جايدا ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇ ئەسلىدە ھاياتىي كۈچى ناھايىتى كۈچلۈك ماددا بولسىمۇ، لېكىن ئۈستىنى قاپلاپ تۇرغان ناھايىتى ئېغىر تاغ جىنس قاتلىمىنىڭ بېسىم كۈچىگە ئۇچراپ تۇرغاچقا، بىر خىل ئىنتايىن كۈچلۈك قىسىلغان ھالەتتە تۇرىدۇ، سۇيۇقلۇققا ئوخشاش ئەركىن ئېقىپ ھەرىكەت قىلالمايدۇ. شۇنداقتىمۇ يەر پوستىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بېسىم پەرقى تۈپەيلىدىن ماگما يەنىلا ئادەم بەدىنىدىكى قانغا ئوخشاش يەر شارىنىڭ ئىچكى قىسمىدا يۇقىرى - تۆۋەن ھەرىكەت قىلىدۇ، ئەمما ھەرىكەت سۈرئىتى ئىنتايىن ئاستا بولىدۇ. يەر پوستىدا يېرىلىش يۈز بەرگەندە، ماگما سىرتقى بېسىم كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولغان يېرىق ۋە يەر قاتلىمى تېيىز ئورۇننى بويلاپ شىددەت بىلەن ئېتىلىپ چىقىدۇ، مانا بۇ يانار تاغنىڭ پارتلىشىدۇر.
يەر يۈزىگە ئېقىپ چىققان ماگما ھېلىلا تاۋلاش ئوچىقىدىن ئېقىپ چىققان پولات ئېرىتمىسىگە ئوخشاش چوغدەك قىپقىزىل بولىدۇ. ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، ماگمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئادەتتە ℃900~ ℃1200 ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ℃1300 قا يېتىدىكەن. شۇڭا ئۇ ئېقىپ ئۆتكەن جايلار ئوت دېڭىزىغا ئايلىنىدۇ. ماگما سوۋۇپ قاتقاندىن كېيىن ھەر خىل يانار تاغ جىنسلىرى ھاسىل بولىدۇ. مەسىلەن، بازالىت، ئاندېزىت، رىئولىت قاتارلىقلار. يەنە بىر خىل شەكلى دەھشەتلىك پارتلاپ يانار تاغ ئۇۋاق جىنسلىرىنى ھاسىل قىلىدۇ. بەزىدە ماگما يەر ئۈستىگە ئېتىلىپ چىقماستىن، يەر پوستىنىڭ تېيىز - چوڭقۇر جايلىرىدا سوۋۇپ قېتىپ ھەر خىل بۆسمە جىنسلارنى ھاسىل قىلىدۇ، مەسىلەن، گرانىت، پېرىدوتىت، دىئورىت قاتارلىقلار.
ماگمىنىڭ سوۋۇشىغا ئەگىشىپ ئېرىگەن ھەمدە ماگماتىتلارغا تارقىلىپ كەتكەن مىنېرال ماددىلار تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي ھالدا كرىستاللىنىپ ئايرىلىپ چىقىدۇ، ئېغىرلىرى ئاستى قىسمىغا چۆكىدۇ، يېنىكلىرى ئۈستىگە لەيلەپ چىقىدۇ. تەركىبىدە مىنېرال سۇيۇقلۇقى بار بىرقەدەر ئاكتىپ بولغان ئۇچۇچان تەركىپلەرئەتراپىدىكى تاغ جىنس يوچۇقلىرىغا كىرىپ كان تومۇرىنى ھاسىل قىلىدۇ.
ئوخشاش بولمىغان تۈردىكى بۆسمە جىنسلار ھەمىشە ئالاھىدە ئىچكى كان قىنىنى كونترول قىلىپ تۇرىدۇ، مەسىلەن، نىكېل رۇدىسى، خروم رۇدىسى، پلاتىنا تۈرىدىكى ئېلېمېنت رۇدىلىرى، ۋانادىي - تىتان - ماگنېتىت قاتارلىقلار پەقەت ئۇلترا ئاساسلىق تاشلاردىلا بولىدۇ؛ ۋولفرام، قەلەي، مولىبدېن، ۋىسمۇت، خرۇستال، سارغۇچ يېشىل ياقۇت قاتارلىقلارنى گرانىت گەۋدىسى ۋە ئۇنىڭ يېقىن ئەتراپىدىن ئىزدەش كېرەك. ھېقىق ۋە بەزى تۆمۈر رۇدىسى، ئالتۇن، كۈمۈش، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان مېتاللوئىد كانلار كۆپىنچە يانار تاغ جىنسلىرىدا ھاسىل بولىدۇ.