UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق تاش ھەيكەللەر

سىرلىق تاش ھەيكەللەر

يەر شارىدىكى سىرلار بىپايان تىنچ ئوكياننىڭ شەرقىي جەنۇبى قىـسـمىدا كـۆلـىـمـى117 كۋادرات كىلومېتىرلا كېلىدىغان كىچىك ئارال بار، بىـراق ئۇ ھەرقـايـسى ئەللەر نەشر قىلغان دۇنيا خەرىتىسىگە ئېـنـىـق كـىـرگـۈزۈلـگەن بولۇپ، كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. مانا بۇ چىلى تەۋەلىكىـدىـكـى پاسخا ئارىلى، ئۇ چىلى تۇپرىقىدىن تەخمىنـەن3000 كـىـلـومېتىر يىراقلىقتا.1722 - يىـلى گوللاندىيىلىك ئېكسپېدىتسىيىچى لوگېئىن بۇ ئارالنى بايقىغان كۈن دەل خـرىسـتىئان دىنىدىكىلەرنىڭ پاسخا بايرىمى بولغاچقا، بۇ ئارال پاسخا ئارىلى دەپ ئاتالغان.1888 - يىلى چىلى ھۆكۈمىتى ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قولىدىن ئۇنى ئۆتكۈزۈۋالىدۇ، ئويلىمىغان يەردىن بۇ كۈنمۇ دەل پاسخا بايرىمىغا توغرا كېلىدۇ. بىراق، ئارالدىكى يەرلىك ئاھالە پولىنېزىيىلىكلەر بۇ ئارالنـى «لاپرۇگنى ئارىلى» ياكى «تىبتوئوتىخنى» دەپ ئاتايدۇ، بۇ «يەر شـارىنىڭ كىندىكى» دېگەن مەنىدە. پاسخا ئارىلىـنـىـڭ كـىـچـىـك ئارال تـۇرۇپ زور شـۆھرەت قازىنىشى ئاساسلىقى ئارالنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى دېڭىز بويىدىكـى600 دىـن ئارتۇق زور ھەيكەل سەۋەبىدىن بولغان، شۇنداقلا بۇ ھەيكەللەر بولغاچقىلا بۇ جاي مەشھۇر ساياھەت ئورنىغا ئايلانغان. بۇ تاش ھەيكەللەرنىڭ ئېگىزلىكى ئادەتتە7 ~10 مېتىر، ئېـغىرلىقى30 ~90 توننا، بەزىلىرىنىڭ بۆكىلا10 نەچچە توننا كېلـىدۇ. ھەيـكـەلـلـەر پـۈتۈن تۇتۇق قىزىل لاۋا جىنسلاردىن يونۇلغان بولۇپ، كۆزلىرىگە مەخسۇس پـارقىراپ تۇرىدىغان ئوبسىدىئانىت ياكى پارقىرايدىغان قۇلۇلە قېپى ئىشلىتىلگەن. ھەيكەللەرنىڭ ھەممىسى يېرىم گەۋدىلىك بولۇپ، پۇتى يوق، تاشقى قىـيـاپـىـتـى ئاساسەن ئوخشىشىدۇ. بۇ گىگانت تاش ھەيكەللەر دېڭىزغا يۈزلىنىپ تۇرىدۇ، ھەربىي يۈرۈشكە ئاتلىنىدىغـانـدەك چىرايى سۈرلۈك ھەم ھەيۋەتلىك، بۇ جەھەتتە ئۇلار چىن شـىـخـۇاڭ قەبرىسىدىكى ئەسـكـەر - ئات ھەيكەللەر بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ گىگانت تاش ھەيكەللەرنى كۆرگەن ھەرقانداق ساياھەتچى: بۇ ھەيكەللەر قاچان ياسالغان، قانداق ئەھمىيـەتـكـە ئىگە؟ ئۇلارنى ياسىغۇچىلار قانداق قىلىپ دېڭىز ساھىلىدا بۇ تاش ھەيكەللەرنى تۇرغۇزالىغان؟ دەپ سورىماي تۇرالمايدۇ. قايتا - قايتا دەلىللەش ئارقىـلـىـق ئالـىـملار ھازىر بۇنى دەسلەپكى قەدەمدە چۈشەندۈرەلەيدىغان بولدى. كۆپ ساندىكى ئالىملار بۇ تاش ھەيكەللەر ھازىرقى پولىنـېزىيىلىكلەرنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ ئەسىرى، دەپ قارايدۇ. پولىنېزىيىلىكلەر مىلادىيە1 - ئەسىردە ئارالغا كەلگەن بولۇپ، ھەيكەلتىراشلىقى7 - ئەسىردە باشلانغان،12 - ئەسىردە گۈللەنگەن، بـۇ ئارىلىقتا500 نەچچە يىل ئۆتكەن، بىراق1650 - يىلىنىڭ ئالدى - كەيـنـىـدە توساتتىن توختاپ قالغان، بۇنى ئارالدا چېچىلىپ ياتقان300 نەچچـە چالا قالغان تاش ھەيكەل ئارقىلىق دەلىللىگىلى بولىدۇ. قۇرۇلۇش نېمە ئۈچۈن يېرىم يولدا تـوخـتـاپ قـالىدۇ؟ تارىخىي ماتېرىياللاردا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، ئەينى چاغدا ئارالدىكى پولنېزىيىلىكلەر ئىككى چوڭ قەبىلىگە ئايرىلغان، بۇلارنىڭ بىرى، سېمىزلەر قەبىلىسى، يەنە بـىـرى، ئورۇقلار قەبىلىسى بولۇپ، سېمىزلەر ئورۇقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلغـان. نەچچە يۈز يىل داۋامىدا ئورۇقلار سېمىزلەرنىڭ كىشەنلەش، قامـچىلاش تۈزۈمى ئاستىدا قۇللارچە ئەمگەك قىلىپ، ھەربىر تاش ھەيكەلنى ياساش ئۈچۈن23 مىڭ گۇڭ (كۈن / ئادەم كۈچى)لۇق ئىش سـەرپ قىلىش ئارقىـسىدا بۇ بۈيۈك بەدىئىي ئەسەرلەرنى ياراتقان. مـەلۇم بـىـر كـۈنـى سېمىزلەر ئىش مەيدانىدىكى نەچچە مىڭ پارچە تاشنى دەرھال يۆتكىۋېتـىـش كېرەكلىكى، ئۇنداق بولمىسا ئېغىر جازالىنىدىغانلىقى توغرىـسىدا بـۇيـرۇق چۈشۈرگەن. غەزىپىنى ئاران بېسىپ تۇرغان ئورۇقلارنـىڭ سـەۋر - تـاقىـتـى تېشىپ ئىسيان كۆتۈرۈپ، سېمىزلەرنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن، پۇتىدىكى كىشەنلەرنى چېقىپ، كۈلپەتنىڭ سىمۋولى بولغان تاش مەيدانىـدىـن قېچىپ كەتكەن. قۇرۇلۇش شۇنىڭ بىلەن توختاپ قالغان. نەچچە يۈز تاش ھەيكەل نېمىگە سىمۋوللۇق قىـلىـدۇ؟ ئالـىـملارنـىـڭ قارىشىچە، ئۇلار ئالەمدىن ئۆتكەن قەبىلە باشلىقلىرى ياكى دىنىي داھىيلارغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن. پولىنېزىيىلىكلەرمۇ باشقا مـىـلـلـەتـلـەرگـە ئوخـشـاشلا ئۆزلىرىنىڭ ئالدىنقى ئاتامانلىرىنىڭ ئاجايىپ سېھرىي كۈچى ئەۋلادلىـرىنى بالايىئاپەتتىن ساقلاپ، بەخت - سائادەتكە ئېرىشتۈرىدۇ، دەپ قارايدۇ. بۇ نەچچە10 توننا ئېغىـرلـىـقـتـىـكـى غـايـەت زور ھەيـكـەلـلـەر تـاش مەيدانىدىن قانداق قىلىپ ساھىلغا كەلتۈرۈلگەن؟ كىشىلەر نـەق مـەيـدانـدىـن بايقالغان توم ئارغامچا، ئارغامچا باغلاش تۈۋرۈكى ۋە ھارۋا ئىزى قاتارلىق يادىكارلىقلارغا ئاساسەن ھەمدە قەدىمكى زامان قوراللىرىنىلا ئىشلەتكەن شارائىتتا تەقلىـدىـي تەجرىبە ئىشلەپ، ئاددىي پىشاڭ، توم ئارغـامـچـا، چـانـا قـاتـارلـىـقلاردىـن پايدىلىنىپ كۈچ تېـجـەش مـاھارىـتـى ۋە دانـالارچـە تـەشـكىللەپ ئىـش تەقسىملەش ئارقىلىق تاش ھەيكەللەرنى بەلگىلەنگەن نۇقتىغا يۆتكىگىلى ۋە پۇختا تۇرغۇزغىلى بولىدىغانلىقىنى ئىسپاتلـىـدى. ئەلـۋەتـتـە، بـۇنـىـڭـغـا كەتكەن ئادەم كۈچى، ۋاقىتنى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ. يۇقىرىقىسى ھازىرقى زامان ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر ئەڭ كـۆپ ئېـتـىـراپ قىلغان «مۇنتىزىم ئىزاھات»، ئۇنىڭ نۇرغۇن ئىسپاتلىرى بار، بىراق قـىـياس تەركىبىمۇ بار. بۇنىڭدىن باشقا يەنە مۇنتىزىم بولمىغان نۇرغۇن ئىزاھاتلارمـۇ بار. شۇڭا، پاسخا ئارىلى يەنىلا ناھايىتى سىرلىق بولۇپ، يىلىغا نەچچە يۈز مىڭ ساياھەتچىنى سەيلە قىلىشقا، ئىزدىنىشكە جەلپ قىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار