UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارمۇز پۈركۈيدىغان سىرلىق يانار تاغ

مۇز پۈركۈيدىغان سىرلىق يانار تاغ

يەر شارىدىكى سىرلار سىز ئېھتىمال كىنو ياكى تېلېۋىزوردىن يانار تاغ پارتلىغاندىكى مەنزىـرىـنـى كۆرگەنسىز، ئوتتەك قىزىق ماگما يىراقلارغا سوزۇلـۇپ ئاقــىـدۇ، يانار تاغ كۈلى كۈن نۇرىنى توسۇۋالىدۇ ... بۇ مەنـزىـرە ھەيۋەتلىك ھەم كىشىنى ۋەھىمىگە سالىدۇ. بىراق، سىز مۇز پارچىسـى پۈركۈيدىغان يانار تاغنى ئاڭلىغانمۇ؟ ئىسلاندىيىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى گرىمىس يانار تېغىـدا مـۇشـۇنـداق ئىش بولغان. بۇ يانار تاغ ئىلگىرىكىدەك ئوتـتـەك قـىـزىق ماگمىلارنى پۈركۈمەستىن، بەلكى سانسىز سۈزۈك مۇز پارچىـلـىـرىـنى پۈركۈگەن. بۇ قېتىمقى پارتلاش ئىككى ھەپتە داۋاملىشىپ، سېكۇنـتـىـغـا تەخمىنەن42 كۇب مېتىر مۇز پارچىسى پۈركۈپ چىقىرىلغان؛ زور پـارتلاش يۈز بەرگەندە سېكۇنتىغا پۈركۈلگەن مۇز پارچىـسـى2000 كۇب مـېـتـىـرغـا يەتكەن. بۇ قېتىمقى پارتلاشتا پۈركۈپ چىقىلغان مۇزنىڭ ئومۇمىي مىقدارى تەخمىنەن1 مىليارد300 مىليون كۇب مېتىرغا يەتكەن. ئىسلاندىيىدىكى يانار تاغنىڭ مۇز پۈركۈش ھادىسىسى قەدىمىي خاتىرىلەردىمۇ تىلغا ئېلىنغان، لېكىن يانـار تـاغ نېمە سەۋەبتىن مۇز پۈركۈيدۇ؟ ئۇلارنىڭ پارتلىشىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ نېمە؟ بـۇ سوئاللار ئۈستىدە يەنىمۇ ئىزدىنىشكە توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار
مۇز پۈركۈيدىغان سىرلىق يانار تاغ | UyghurWiki | UyghurWiki