ماڭالايدىغان سىرلىق دېڭىز ئارىلى
يەر شارىدىكى سىرلار
كانادانىڭ شەرقىي قىسمىدىكى ئاتلانتىك ئوكيانغا جايلاشقـان ســابل ئارىلى ھەر يىلى شەرققە يۈز نەچچە مېتىر سۈرۈلىدۇ.200 يىلدىن بۇيان بـۇ ئارال شەرققە20 كىلومېتىر «ماڭغان». برازىلىيىنىڭ فورموسو كۆلىـدىـمـۇ بىر لەيلىمە ئارال بولۇپ، ھەر يىلى مەلۇم مەزگىلدە كۆلنىڭ بۇ چېتىدىن ئۇ چېتىگـە لەيلەپ بارىدۇ، بىر يىل توشقاندىن كېيىن ئەسـلـىي ئورنـىـغـا قـايـتـىـپ كېلىدۇ، بۇ مۇساپە15 كىلومېتىرغا يېقىنلىشىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بـۇ لەيلىمە ئارال بىر ئەسىردىن بۇيان كۆلنىڭ ئىچىدە توختىماي لەيلەپ يۈرگەن.
بۇ خىل لەيلىمە ئاراللار دۇنيادىكى باشقا جايلار، مەسىلەن، مىسـىـر قاتارلىق ئەللەردىكى ئىچكى دەريا ياكى سۇ ئامبارلىرىدىمـۇ بـايـقـالـغـان. بـىـراق، بـۇ ئىچكى دەريا ياكى سۇ ئامبارلىرىدىكى لەيلىمە ئاراللارنىڭ كۆپىنچىسـى دەريـا سۈيىنىڭ بىر بۆلەك دەريا قىرغىقىنى «كېسىۋېتىشى» دىن شـەكىللەنگەن ياكى كەلكۈن كەلگەندە چوڭ بىر پارچە يەر يۈزى قەۋىتىنىڭ لەيلەپ چىقىشىدىن شەكىللەنگەن.
ئەڭ قىزىقارلىق لەيلىمە ئارالنى «ئەرۋاھ ئارال» دەپ ئاتاشـقـا بـولـىـدۇ.1707 - يىلى ئەنگلىيىلىك كاپىتان چارلىس سپوتسبېرگىننىڭ شىمالىـدا بـىـر ئارالنى بايقىغان ھەمدە ئۇنىڭ ئورنىنى دېڭىز خەرىتىسىگە بـەلـگـىـلـىـگەن. تەخمىنەن200 يىلدىن كېيىن دېڭىز ئارمىيە ئادمـىـرالـى س. ئو. مـاكاروف «ئېلمارك» ناملىق مۇز يارغۇچ پاراخوت بىلەن شـىـمالىي قـۇتـۇپـقـا ئېكسپېدىتسىيىگە بېرىش سەپىرىدە بۇ ئارالنىڭ كاپىتان چارلىس بەلگە قويغـان ئورۇندا ئىكەنلىكىنى كۆرگەن. بـىـراق، ئۇزاق ئۆتـمەيلا1928 - يـىـلـى سـابـىـق سـوۋېـت ئىتتىپاقىنىڭ «كراسىن» ناملىق مۇز يارغۇچ پـاراخوتـى بـۇ جايدىن ئۆتكەندە، ئارال غايىب بولغان. ئۇنداقتا، بۇ ئارال نەگە كەتتى؟ ئالىملارنىڭ چۈشەندۈرۈشى بىردەك ئەمەس: بەزىلـەر بـۇ ئارال قانداقتۇر يوشۇرۇن خادا تاش ۋە تېيىز سۇ قىسمىغا دۆۋىـلـەنـگـەن مـۇز پـارچـىـسـى، دەپ قارايدۇ؛ بەزىلەر ئۇ توڭلاپ قالغان چـوڭ مـىنېرال پارچىسى، كېيىن ئۇنى دېڭىز سۈيى پارچىلىۋەتـكەن، ئارالـمـۇ شـۇنـىـڭ بىلەن يوقالغان، دەپ قىياس قىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يـەنـە نـۇرغۇن ئىزاھاتلار بار، بىراق كىشىنى قانائەتلەندۈرەلمەيدۇ.