UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق »ئالۋاستى دېڭىزى»

سىرلىق »ئالۋاستى دېڭىزى»

يەر شارىدىكى سىرلار سارگاسسو بىر خىل دېڭىز يۈسۈنى بولۇپ، دېڭىز تېگىدىكى تاغ جىنسلىرىدا ئۆسىدۇ. ئۇنـىـڭ يـىـلـتـىـزى بـار، بىراق، ئاتلانتىك ئوكيـانـدىـكـى سارگاسسو ئۆزگىچە بولۇپ، يىلتىزى بولمايدۇ، ئۇ بەئەينـى يـۇمـشـاق بـۇلـۇتـقـا ئوخشاش دېڭىزدا لەيلەپ تۇرىدۇ. بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىنىڭ شەرقىـي قـىـسـمـىـدا شىمالىي كەڭلىك °20 ~ °40، غەربىـي ئۇزۇنلـۇق °35 ~ °75 لۇق دائىرىدىكى شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندا كۆلىمى تەخمىنەن4 مىلـيـون500 مـىـڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان ئېللىپسسىمان دېڭىز رايونى سارگاسـسـو بىلەن تولغان. شۇڭا، بۇ دېڭىز رايونى سارگاسسو دېڭىزى دەپ ئاتىلىدۇ. قەدىمدىن ھازىرغىچە سارگاسسو دېڭىزىـغـا ئۇقۇشـمـاي كـىـرىـپ قالغان قانچىلىغان كېمىنى دېڭىزدىكى چۆپلەر چىرمىۋالغانلىقى، ماتروسلارنىـڭ يېمەكلىك ۋە تاتلىق سۈيى تۈگىگەنلىكى تۈپەيلى، ئاچلىقتىن، ئۇسسۇزلۇقتىن ئۆلـۈپ كەتكەنلىكى نامەلۇم. شۇڭا، سارگاسسو دېڭىزى «دېڭىزدىكى قەبرىـگـاھ» ۋە «ئالۋاستى دېڭىزى» دەپ ئاتىلىدۇ. سارگاسسو دېڭىزى ئالاھىدە ئىقلىم شارائىتىغا ئىگە، ئۇ يەردە يىـل بويى شامال چىقمايدۇ، دېڭىز ئېقىمىمۇ ناھايىتى ئاستا ئاقىدۇ، دېڭىـز سـۈيـى مۇقىم بولۇپلا قالماستىن، يۈز قىسمى، ئوتتۇرا قىسمى ھەمدە ئاستى قىسمىدىكى دېڭىز سۈيى ئۆزئارا ئارىلىشىپ كەتمەيدۇ. نەتىجىدە، ئۇنىڭ تېيىز سۇ قەۋىتىدىكى ئوزۇقلۇقلار يېڭىلانمايدۇ، لەيلىگۈچى جانلىقلارنىڭ سانى ئادەتتىكى دېڭىز رايونلىرىدىكىدىن ئۈچتىن ئىككى قـىـسـىـم ئاز بولىدۇ، شۇڭا، لەيلىگۈچى جانلىقلارنى ئوزۇق قىلىدىغان دېڭىز ھايۋانلىرى ۋە چـوڭ تىپتىكى بېلىقلارنى بۇ جايدا تاپقىلى بولمايدۇ، بېلىـق، راك، قـۇلـۇلـە، قىسقۇچپاقا قاتارلىقلار تېپىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ شەكلـى ۋە رەڭـگـى باشقا جايلاردىكىگە ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭ ئەكـسـىـچـە، نەچچە مىليون توننا سارگاسسولار بۇ جايدا كۆپىيەلەيدۇ. نەتىجىدە، بىپايان «دېڭىزدىكى كەڭ يايلاق» نى شەكىللەندۈرگەن. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، بۇ جايدىكى سارگاسـسـومـۇ توختىماي لەيلەپ ئاقىدۇ، گاھ غايىـب بـولـۇپ، گـاھ پـەيـدا بـولـىـدۇ. بـەزى ئالىملار مۇشۇ رايوندىن ئۆتۈش، قايتىش داۋامىدا تەكـشـۈرۈش ئارقـىـلـىـق بەزى چاغلاردا سارگاسسونىڭ سايىسىنىمۇ كۆرگىلى بولمايدىغانلـىـقـىـنـى، بىر مەھەل ئۆتكەندىن كېيىن يەنە شۇ جايدا بۇ يۈسۈنلەرنىڭ دېڭىز يۈزىـنـى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان. ياپونىيە دۆلەت زېمىنىنىڭ ئىككى ھەسسىـسىـگـە باراۋەر كېلىدىغان دېڭىزدىكى بۇ كەڭ يايلاقنىڭ شامالمۇ، دېڭىز ئېـقىمىمۇ بولمىغان ئەھۋالدا ئىختىيارىي لەيلەپ يۈرۈشىنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ھازىر بۇنىڭغا تېخى جاۋاب تېپىلمىدى.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار
سىرلىق »ئالۋاستى دېڭىزى» | UyghurWiki | UyghurWiki