UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق سېرىق توپا

سىرلىق سېرىق توپا

يەر شارىدىكى سىرلار جۇڭخۇا مىللەتلىرى ئۆزىنىڭ ئۇزاق تارىخى، ئۆزگىچـە مـەدەنـىـيـىـتـى بىلەن شەرقتە قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ، كىشىلەر خۇاشيا مـەدەنـىـيىتىـنـى ئوتتۇرا دېڭىزنى چۆرىدەپ شەكىللەنگەن غەرب مەدەنىـيىـتـى − دېـڭـىـز - ئوكيان كۆك مەدەنىيىتى بىلەن سېلىشتۇرما قىلىپ سېرىق تـوپـا مەدەنىيىتى ياكى چوڭ قۇرۇقلۇق سېرىـق مـەدەنـىـيىتى دەپ ئاتايـدۇ. دەرۋەقە، خۇاڭخې دەرياسى يەنخۇاڭ ئەۋلادلىرىنى بېقىپ كەلگەن، ۋاھالـەنـكـى، خۇاڭخې دەرياسى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ باغرىدا سوزۇلۇپ ئاقىدۇ. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك ئېلىمىزنىڭ شىمالىـي جـۇڭـگـو ۋە غـەربـىـي شىمال رايونىدىكى يەتتە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، شەھەرنى توغرىسىغا كېسىـپ ئۆتـىـدۇ، كۆلـىمى540 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دېڭىـز يۈزىدىن ئېگىزلىكى1000 ~1500 مېتىر، توپا قەۋىتىـنـىڭ قېلىنلىقى50 ~80 مېتىر، ئەڭ قېلىن يېرى200 مېتىردىن ئاشىدۇ. سېرىق توپا بـوش بـولۇپ، ئۇنىڭدا ئازوت، فوسفور، كالىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول، تېرىقچىلىق قىلىـشقـا بـاب كېـلىدۇ، ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكا سەۋىيىسـى قـالاق يـىراق قـەدىمكـى زامـاندا ئەجدادلىرىمىزنى كۆڭۈلدىكىدەك تۇپراق بـايـلـىـقـى بـىلەن تـەمـىـنـلـەپ، ئېلىمىزنىڭ قەدىمكى زاماندا شانلىق يېزا ئىگىلىكى مەدەنىيىتىنـى ياراتقان. سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكنىڭ گېئولوگىيىلىك قۇرۇلمىسى تىك يۆنىلىشلىـك چاك قۇرۇلما بولۇپ، قىشتا ئىسسىق، يازدا سالقىن بولىدىغان گەمە ئۆيـلـەرنـى قـېـزىـشـقـا بـاب كېلىدۇ، بۇ گەمە ئۆيلەر شۇ جايدىكى خەلقنى تەبىئىي «ھاۋا تەڭشـىـگـۈچ» لۈك ئۆي بىلەن تەمىنلىگەن. بىراق، سېرىق تـوپىنـىڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى، سۇ ئۇنى ئاسانلا يالاپ كېتىدۇ. تەبىئىـي يـېـپـىـنـچـا ئۆسۈملۈكلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا توپا كەڭ كۆلەمدە يالىنىپ، ئەسلىدە تۈز ھەم تۇتاش كەتكەن تۇپراق پارچە - پارچە يەككە - يېگانە ئېدىر، تۆپىلىك دۆڭلۈككە ئايلىـنـىـپ، مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن جىلغا - جىرالار گىرەلىشىپ، چاك - چېكىدىن ئاجرىلىپ كەتكەن، قاقاس چوققىلار كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان ۋەيرانە مەنزىرە شەكىللىنىدۇ. نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرى سېرىق توپىلـىـق ئېـگىزلىك رايونىدا يامغۇر يېـتـەرلـىـك، ئورمـان، ئوت - چـۆپـلـەر قـويـۇق ئىدى، ئىلگىرىكىلەر چارۋىچىلىقنى ئاساس قىلغاچقا، سۇ - تـۇپراقنى ساقلاشقـا پايدىلىق ئىدى. چىن، خەن سۇلالىلىرىدىن كېيىن، نوپۇسنىڭ كۆپىيىشـى، تېخنىكىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، دېھقانچىلىق چارۋىچىلىقنىـڭ ئورنىنـى ئالدى، يەرلەر كۆپلەپ ئۆزلەشتـۈرۈلـدى، ئۇنىڭ ئۈسـتـىـگـە يـېـغـىـلـىـق بېسىقمىدى، تۇپراقنىڭ يالاپ كېتىلىشىمۇ بارغانسېرى كۈچەيدى، بۈگۈنكـى سېرىق توپىلىق ئېگىزلىك گىياھ ئۆسمەيدىغان، يەرلىرى قاغجىراپ كەتكـەن، سېرىق قۇم ئەزۋەيلىگەن تۇپراقـقـا ئايلىنىپ قالدى، شـاڭ، جـۇ سۇلالىلىرى دەۋرىدىكـى ئاۋاتلىقتىن ئەسەرمۇ قالمىدى. قەدىمكىلەرنىڭ قەلىمى ئاستىـدىـكـى «دەريـا» ئالدى بىلەن «دۇغ دەريا» غا، ئاندىن «خۇاڭخې» (سېرىق توپىلىق دەريـا) غـا ئايلاندى، «كۆتۈرۈلسە قاتتىق بوران، ياغىدۇ قۇم - شېغىل ھامان» دېگەن مىسرالاردا سېرىـق تـوپـىـلـىـق ئېگىزلىكنىڭ قۇملاشقاندىكى تىپىك مەنزىرىسى تەسۋىرلەنگەن. ئۇنداقتا، سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتىكى نـەچـچـە100 تىرىليون تـونـنـا سېرىق توپا قەيەردىن كەلگەن؟ قانداق شەكىللەنگەن؟ ئوخشاش بولـمـىـغـان ئىلمىي ئېقىمدىكى گېئولوگلار ئىلگىرى سېرىق توپىنىڭ شەكىـلـلـىـنـىـشى توغرىسىدا20 نەچچە خىل قىياسنى ئوتتۇرىغا قـويـغـانىـدى، بـۇلارنـىـڭ كۆپىنچىلىرى ئىنكار قىلىندى، ھازىر تەسىرى بـىـرقـەدەر چوڭلىرىدىن سۇنىڭ رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتى، قالدۇق چۆكۈندىدىن شەكىللىنىش تەلىماتى، شامال رولىدىن شەكىـلـلـىـنـىـش تەلىماتى ۋە كـۆپ خـىـل ئامىللاردىن شەكىللىنىش تەلىماتى قاتارلىق4 خىلى بـار. سـۇنىڭ رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتىدا ئېيتىلىشىچە، سېرىق توپا قاتلىمى ئاساسلىقى ئېگىزلىككە يېقىن ئەتراپتىكى رايونلاردىكى سېرىق توپىنىڭ ئېقىن سۇنىڭ رولى بىلەن ئېقىپ كېلىپ، دۆۋىلىنىشىدىن شەكىللەنـگەن؛ قالدۇق چۆكۈندىدىن شەكىللىنىـش تەلىماتىدا سېرىق توپا ئېگىزلىكتىكى ئۇل جىنسلارنىڭ10 مىليون يىللار داۋامىدا شامـالـنىڭ رولى بىلەن يىمىرىلىپ توپىغا ئايلانغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىلىدۇ. جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى كۆپ ساندىكـى ئالىـملار شـامـال رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتىنى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئۇلار ئىشنى سېرىق توپا ماددىلـىرىنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكلىرىنى تەھلىل قىلىشتىن بـاشلاپ، سېرىق توپا ماددىلىرى ئېلىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدىكى بىپـايان قـۇمـلـۇقلار بـىـلـەن مۇناسىۋەتلىك، سېرىق توپا ماددىلىرى ئاساسلىقى سىبىرىيە ۋە موڭغۇل ئېگىزلىكىدىن كەلگەن يۇقىرى بېسىملىق ھاۋا ئېقىمىغا تايىنىپ يۆتكەلگەن، ئۇنىڭ شەكىللىنىشى نەچچە مىليون يىللىق گېئولوگىيىلىك ئۇنىۋېرسـال تەسىرنى باشتىن كەچۈرۈپ، ماددا مەنبەلىـرىنىڭ شـەكـىـلـلـىـنـىـشـى، يۆتكىلىشى، تاللىنىشى ھەمدە توپلىنىپ توپا ھاسىل قىلىشىدەك ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ئۈچ تارىخىي باسقـۇچنى باشتىن كەچۈرگەن، دەپ قارايدۇ. ئۇزاق مۇددەتلىك تالاش - تارتىش داۋامىدا شامال رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتى ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە بولدى، بىراق، ئۇ سۇنىڭ رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتى ۋە قالدۇق چۆكۈندىدىن شەكىللىنىش تەلىماتىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلالمىدى. بولۇپمۇ، يېقىنقى بىرقانچە يىلـدىـن بۇيان كـۆپ خـىـل ئامىللاردىن شەكىللىنىش تەلىماتى بىردىنلا باش كۆتۈرۈپ، شـامـال رولىدىن شەكىللىنىش تەلىماتىغا خىرىس قىلدى. كىمنىڭ ھەق، كىمنىڭ ناھەقلىقى توغرىسىدا تېخىچە ھۆكۈم چىقىرىلغىنى يوق.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار