UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق كۆل

سىرلىق كۆل

يەر شارىدىكى سىرلار «گۈيلىن تاغ - دەريالىرىنىڭ مەنزىرىلىرى ئالەمدە تەڭداشسىزدۇر، ياڭشونـىـڭ تاغ - دەريالىرىنىڭ مەنزىرىلىرى گۈيلىننى بېسىپ چۈشىدۇ». ئېلىمىـزنـىـڭ گـۇاڭـشـى جۇاڭزۇ ئاپتونۇم رايونىنىڭ ياڭشو ناھىيىسىدىكى ساھىبجامال چوققىـسـى ئاسـتىـدا كـۆلـىـمـى300 مـو كېلىدىغان شىنيۇ كۆلى بار، كۆل سۈيى ئىنتـايىـن سـۈزۈك، ئۇنىڭدا بېلىق، راكلار ئەركىن ئۈزۈپ يۈرىدۇ. ۋەھالەنكى،1987 - يىل9 - ئاينىڭ30 - كۈنى زۇمرەتتەك كۆل سۈيى توساتتىنلا غايىب بولۇپ، كۆل تېگىدىكى لاي - لاتقىلارلا قالغان، كىشىلەر بۇنىڭدىن ئىنتايىن تەئەججۈپلەنگەن! شۇ جايدىكى كىشىلەرنىڭ ئەسلىشىچە، بـۇنـىـڭـدىـن بـىـر ئاي ئىلگىرى شىنيۇ كۆلىنىڭ ئەتراپىدىكى يەر ئاستىدىـن «گـۈلـدۈر - گـۈلـدۈر» قىلغان ئاۋازلار ئاڭلانغان، كۆلدىكى سۇ يۈزىمۇ ئازدۇر - كۆپتۇر تۆۋەنلىگەن، بىـراق سـۇنـىـڭ چـوڭـقـۇرلـۇقى يـەنـىلا2 مـېـتـىـر ئۆپچۆرىسىدە بولغان.9 - ئاينىڭ29 - كۈنى كېچىدە كۆلدە بىر تامچىمۇ سۇ قالمىغان. ياڭشو ناھىيىسى تەزكىرىسىدە شىنيۇ كۆلىنىڭ تەخمىنەن30 يىلدا بـىـر قـېـتـىـم غايىب بولىدىغانلىقى خاتىرىلەنگەن. بەزى گـېئولـوگلارنىڭ ئىزاھلىشىچە، شىـنيـۇ كۆلىنىڭ سۈيى يامغۇر سۈيى، يەر ئۈستى سۈيى ۋە يەر ئاستى سۈيى ئارقىلىق تولۇقلىنىدىكەن، ھالبۇكى، كۆل سۈيى گۈيلىن رايونىغىلا خاس ھاكتاش جىنسلىق قۇرۇلمىدىكى يەر ئاستى ئېقىنىغا سىـڭـگەنـدە، سـۇ بىلەن بىللە چۆككەن لاتقىلار ھاكتاش جىنسلىـرىـدىـكـى تـۆشـۈكـلـەرنـى ئېتىۋالىدىكەن، بۇنىڭ بىلەن يەر ئاستى ئېقـىنى ئۈزۈلۈپ، كـۆل سۈيى ئۆرلەيدىكەن، سۇنىڭ بېسىمى ئۈزلۈكسىز چوڭـايـغـاندا، تۆشۈكلەر يەنە ئېچىلىدىكەن، سۇنىڭ كىرىش - سىڭىش مىقدارى تەڭلەشكەن چاغلاردا كۆل سۈيىنىڭ ھالەت تـەڭـپـۇڭـلـۇقى بۇزۇلمايدىكەن. مۇبادا، تۆشۈكلەر توساتتىن چوڭىيىپ ئۆڭكۈرگە ئايلانسا، يەر ئاستىدىن «گۈلدۈر - قاراس» قىلغان ئاۋازلار ئاڭلىنىدىكەن - دە، كۆل سۈيى ھەش - پەش دېگۈچە ئېقىپ تۈگەيدىكەن. نەتىجىدە، شـىنيۇ كۆلىنىڭ «غايىب بولۇشى» غا ئوخشاش غـەلىتـە ۋەقە يـۈز بـېـرىدىكەن. بىراق، بۇنىڭدىكى30 يىلدا بىر قېتىم غايىب ۋە پەيدا بولۇش دەۋرىيلىكىنى قانداق چۈشەندۈرۈش كېرەك؟ بۇنىڭدىن باشقا، ئاۋسترالىيە ۋە ئامېرىكا قىتئەسىدىمۇ شىنيۇ كۆلـىـگـە ئوخشاش «گاھ پەيدا بولۇپ گاھ يوقـىـلـىـدىـغـان» دەۋرىـي كـۆلـلـەر بـار. ئاۋسترالىيىنىڭ سىدنېي شەھىرىگە يېقىن جايدىكى گېئورگې كـۆلـىـنـىـڭ سۈيى زۇمرەتتەك بولـۇپ، كـۆل يـۈزىـدە تـوپ - تـوپ قۇشلار ئۇچـۇپ يـۈرىـدۇ، ھالبۇكى،1982 - يىلى يازنىڭ مەلۇم بىر كۈنى كۆل سۈيى سـىـرلـىـق غايىب بولغان، كۆل تېگىدىكى يېشىل چۆپلەر زۇمرەتتەك كۆل سـۈيـىـنـىـڭ ئورنىنى ئالغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە،1820 - يىلى گېئورگې كۆلى تۇنجى قېتىم غايىب بولغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا، ھازىرغـا قـەدەر بەش قېتىم غايىب بولغان، تەخمىنەن30 يىلدا بىر قېتىم دەۋرىيلەنگەن. ئوتتۇرا ئامېرىكا قىتئەسىدىكى كوستارىكادا دۇنياغا مەشھۇر يانار تـاغ − پوئاس يانار تېغى بار. بۇ يانار تاغ1955 - يىلى ئاخىرقى قېتىم پارتلىغانـدىـن كېيىن، يانار تاغ ئاغزىغا سۇ يىغىلىپ كۆل شەكىللەنگەن، ئۇنىڭدا لاۋالاردىن ئېرىگەن نۇرغۇن مىقداردىكى گاز بـولغـاچـقـا، كـۆل سۈيىنىڭ تېمپېراتۇرىسى ھاۋا تېمپېراتۇرىسىدىن خېلىلا ئۆرلەپ كەتكەن.1987 - يىلىدىن ئېتىبـارەن نـېـمـە سـەۋەبـتـىـنـدۇر بۇ ئىـسـسـىـق سـۇ كـۆلـى كىچىكلەشكە باشلىغان،1989 - يىل2 - ئايدا كۆل سۈيى پۈتۈنلەي قـۇرۇپ كەتكەن، كۆل تېگىدە سېرىق «ستالاگمىت» لار پەيدا بـولـغـان. تـېـخـىـمـۇ ئەجەبلىنەرلىكى، يېرىم يىلدىن كېيىن «ستالاگمىت» لار ئارقـا - ئارقـىـدىـن گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ، ئىسسىق سۇ كۆلىنىڭ ئەسلىي ئورنـىـدا دىئامـېـتـىـرى ئايرىم - ئايرىم ھالدا11 .24 مېتىر،15 .28 مېتىر كېلىدىغان ئىككى يېڭى كۆل پەيـدا بولغان، ستالاگمىتنى شەكىللەندۈرگەن گۈڭگۈرت سۇدا ئېـرىـگەچـكـە، سۇنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئەسلىدىـكـى كۆل سۈيى تېمپېراتۇرىسىدىن نـەچـچـە ھەسسە ئۆرلەپ، ℃116 قـا يـەتـكەن، كـىـشـىـلـەر ئۇنـى «گۈڭگۈرت كۆلى» دەپ ئاتىغان. بۇ كۆللەر نېمە ئۈچۈن توساتتىن «يوقىلىدۇ»، يەنە نېمە ئۈچۈن ئۇنىڭدا30 يىللىق «ھاياتلىق دەۋرىيلىكى» بولىدۇ؟ ئىسسىق سۇ كۆلى نېمە ئۈچۈن ئىككى گۈڭگۈرت كۆلىگە ئايلىنىپ قالىدۇ؟ كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن ئىـسـسـىـق سـۇدىـن قايناق سۇغا ئايلىنىدۇ؟ بۇ سوئاللار شىنيۇ كۆلى مەسىلىسىگە ئوخشاشلا، كىشىلەرنىڭ ئىزدىنىشىنى كۈتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار