سىرلىق» ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك»
يەر شارىدىكى سىرلار
بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونى تىلغا ئېلىنسا كىشىـنـى ۋەھىـمە بـاسـىـدۇ، چـۈنـكـى نۇرغۇن ئۇششاق گېزىت - ژۇرناللار تا ھازىرغا قەدەر بۇ دېڭىز رايونىدا ئۈزلۈكسىز يۈز بېرىۋاتقان سـىـرلـىـق يـوقـاپ كـېـتـىـش ۋەقەلىرىنى زېرىكمەي خەۋەر قىلىپ، بۇ جاينى قانداقتۇر غايىبانە كۈچ تەسىر كۆرسىتىدىغان خەتەرلىك جاي دەپ سۈرەتلەۋاتىدۇ، شۇڭـا بـۇ دېڭىز رايونى «ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك» دېگەن نام بىلەن مەشھۇر.
بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى شىمالـىـي ئامـېـرىـكـىدىكى فلورىدا يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدا، كونكرېـت قىلىپ ئېيتقاندا، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، مىئامى (ئامېرىكا) ۋە سان خۇئان (پورتورىكو) دىن ئىبارەت ئۈچ نۇقتىنى تۇتاشتۇرۇش ئارقىلىق شەكىللەنگەن شەرقىي ئاتلانتىك ئوكـيـانـدىـكـى ئۈچبۇرجەك بەلۋاغنى كۆرسىتىدۇ. نەچچە يۈز يىللاردىن بۇيان، بۇ يـەردە يـۈز بـەرگـەن نۇرغۇن دېڭىز ۋەقەلىرى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تـارىـلـىـپ كـەلـدى.500 يىل ئىلگىرى كولومبو كېمە ئەترىتىنى باشلاپ ئۈچبۇرجەك رايـون ئىـچىدىكى باھاما تاقىم ئاراللىرىغا بېرىپ، ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلۇقىنـى بايقىغـاندا، بـۇ جايدىكى بوران - چاپقۇندىن ھەيران قالـغـان. ئۇ «ئۇدا8 −9 كـۈن قۇياش ۋە يۇلتۇزلارنى كۆرەلمىدىم ... مەن تـۈرلـۈك بـوران - چـاپـقـۇنلارنـى كۆرگەن، بىراق بۇنداق ئۇزاققا سوزۇلغان، شـىـددەتـلـىـك بـوران - چاپقۇنغا يولۇقۇپ باقمىغانىدىم» دەپ يازىدۇ. كولومبودىن كېيىـن، بـۇ دېـڭـىـز رايونىدا كېمە، پاراخوت ۋە ئايروپىلانلارنىڭ غايىب بولۇش ھادىسىلىرى ئارقـا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن.19 - ئەسىردىن ئىلگىرى كىشىلەر بـۇ ھادىـسىـلـەرنـى دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھۇجۇمىدىن كۆرگەن.19 - ئەسىرگە كـىـرگـەنـدىـن كېيىن دېڭىز قاراقچىلىرى تازىلانغان بولسىمۇ، بىراق غايىب بولۇش ۋەقەلىرى پـات - پات يۈز بەرگەن، بۇنىڭ بىلەن بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونى سىرلىق تـۈس ئالغان.
مەسىلەن،1918 - يىل3 - ئاينىڭ4 - كۈنى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيـىـسـى قارىمىقىدىكى20 مىڭ توننىلىق «يەكچەشمە ئىلاھ» ناملىق پوچتا پـاراخـوتى بۇ دېڭىز رايونىغا كىرىپ ئۇزاق ئۆتمەيلا، پاراخوت بىلەن پاراخوتتىكـى309 نەپەر ماتروس ۋە يولۇچىنىڭ ھەممىسى غايىب بـولىدۇ، بۇ ئامـېـرىـكـا دېـڭىز ئارمىيىسى تارىخىدىكى ئەڭ چۈشىنىكسىز ۋەقەگە ئايلىنىدۇ.1976 - يىـل10 - ئاينىڭ17 - كۈنى پاناما دۆلىتىنىڭ بايرىقىنى ئاسقان15 مىڭ توننـىلىـق «سېرۋىيا.L. ئوسا» ناملىق ترانســپـورت پـاراخـوتى برازىلىيىدىن ئامېرىكىدىكى فىلادېلفىيىگە قاراپ يولغا چىقىدۇ، پاراخوت «ئالۋاستى ئۈچبۇرجەك» رايونىغا كىرىشتـىـن ئىلگىرى ھەممە ئىشنىڭ نورمال ئىكەنلىكى توغرىسىدا دوكلات كېلىدۇ، ئارقىدىنلا پاراخوت غايىب بولىدۇ. كىشىلەر بۇنى قارا قۇيۇننىڭ كاساپىتىدىن بـولغان دەپ ئويلايدۇ، بىراق شۇ كۈنلەردىكى ھاۋا رايى مەلۇمات خـاتىـرىـسـىـنـى تەكشۈرگەندە، بۇ دېڭىز رايونىدا ھاۋانىڭ ياخشى،64 كىلومېتىر ئارىلىقـنـى كۆرگىلى بولىدىغانلىقىنى، دېڭىز يۈزىنىڭ تىنچ ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ. كىشىنى تېخىمۇ ھەيـران قالدۇرىدىغىنى ئايروپىلاننىڭ غايىب بـولـۇش ۋەقـەسى بولۇپ،1945 - يـىـل12 - ئاينىڭ5 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاۋىئاتسىيە قىسمى19 - ئوتتۇرا ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ليۇتچىكلار تورپېدىلىق بەش بومباردىمانچى ئايروپىلاننى ھەيدەپ، دېڭىز ئۈستىدە نىشانـسىز يـول باشلاش مەشقى قىلىدۇ، ئەينى چاغدا دېڭىز رايونـىـدىـكـى ھاۋا ئىنتايىن ئوچۇق ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئوتتۇرا ئەترەت قاراشلىق ئاۋىئاتسىيە بازىسى ليۇتچىكلارنىڭ بىر - بىرىدىن نېمە ئۈچۈن ئايروپىلاندىكى تەرەپ بەلگىلىگۈچ ئىشلىمەيدۇ؟ دەپ سوراشقانلىقىنى ئاڭلايدۇ. ئارقىدىنلا ئالاقە ئۈزۈلۈپ كېتىدۇ،5 دانە بومباردىمانچى ئايروپىلانمـۇ قـايـتىپ كەلـمەيدۇ. ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيىسى دېڭىز رايونىنـى كەڭ دائىرىدە بەش كـۈن ئىـزدەپمۇ غايىب بولغان ئايروپىلانلارنىڭ ھېچقانداق ئىزىنى تاپالمايدۇ، ئەكسىچە يـەنـە بىر چارلىغۇچى ئايروپىلان ۋەقەگە يولۇقىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ۋەقەلەر ناھايىتى كۆپ، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ رايوندا خەتەرگە يولۇققان كېمـە، پـاراخوت100 دىن، ئايروپىلان30 دىن ئاشىدىكەن.
بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىدا دائىم بالايىئاپەت كۆرۈلگەنىكەن، ئۇنـداقـتـا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار، بولۇپمۇ ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەرنىڭ بۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىش مەسئۇلىيىتى بار. كۆپ قېتىملىق تەكشۈرۈپ تەتقـىـق قىلىش ئارقىلىق، بۇ جاينىڭ ھەقىقەتەن مۇنـداق ئالاھىدە تـەرەپـلىرى بارلىقى بايقالدى: كومپاس ئىسترېلكىسى بۇ جايدا دەل شىمالنى كـۆرسىتىدۇ، ھالبۇكى ئۇ ئادەتتە ماگنىتلىق شىمالنى كۆرسىتىشى كېرەك، بۇ، يول باشلىغۇچىغا ئاۋارىچىلىك تېپىپ بېرىشى مۇمكىن؛ شىددەتلىك مېكسىكا قولتۇقى ئېقىمىنىڭ كارىب دېڭىزى ھاۋا رايـى تىپى تۈپەيلى بەزىدە توساتتىن شىددەتلىك بـوران چىقىپ غـايـەت زور دولـقـۇن كۆتۈرۈلىدۇ؛ بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىنىڭ ئەتراپىدىكى دېڭىز تېگىگە يـوشۇرۇن خادا تاشلار كەڭ تارالغان، كۈچلۈك دېڭىز ئېقىمى خادا تاشلار توپىـدىـن ئۆتـكـەنـدە قاينام شەكىللەندۈرۈپ، دېڭىز يۈزىدىكى پاراخوتلارنى چوڭـقـۇر دېـڭـىـزغـا سۆرەپ كېتىدۇ. ئەگەر بۇ دېڭىز رايونىنىڭ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئانـچـە تونۇش بولمىغاندا ياكى دېڭىزدا يۈرۈش تېخنىكىسى دېگـەنـدەك پـىـشـشـىـق بولمىغاندا، پەۋقۇلئاددە ۋەقەنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار. شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بېرمۇدا دېڭىز رايونى بېسىق دېڭىـز ترانسپورتى لىنىيىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئەتراپىـدىـكـى فـلـورىـدا يېرىم ئارىلى، بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى، كۇبا، باھاما تاقىم ئاراللىرى مەشـھـۇر سەيلىگاھ بولغاچقا، بۇ جايدىن ئۆتىدىغان پاراخوت، سـايـاھەت پـاراخـوتـى، ئايروپىلانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ھەر يىلى بىرقانچە قېتىـم خەتەرنىڭ كۆرۈلۈشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇنداق بولۇش ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس.
مانا شۇنداق بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ دېڭـىـز رايـونىنىڭ ئىجتىـمـائىـي مەسلىھەتچىلىكىگە مەسئۇل ئامېرىـكـا دېـڭـىـز قـىـرغـىـقـى گـارنـىـزونـى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئاپپاراتلىرى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بېـرمـۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىدىكى تاسادىپىي دېڭىز خەتەرلىرىدىن ئاخبارات دولقۇنى كـۆتـۈرۈپ، جامائەتنى قايمۇقتۇرۇشىغا ئارقا - ئارقىدىن قارشى تۇردى ھەمدە «ئالـۋاسـتـى ئۈچبۇرجەك» دېگەن نامنىڭ مەزكۇر رايوننىڭ مەشھۇر ساياھەت ئورنىـلىـق سالاھىيىتىگە بەكمۇ ياراشمايدۇ، دەپ قاراپ بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىنىڭ نـامىنـى ئۆزگەرتىشنى تەلەپ قىلدى.