UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق »ئاتلانتىك قىتئەسى»

سىرلىق »ئاتلانتىك قىتئەسى»

يەر شارىدىكى سىرلار «غەربتىكى كۇڭزى» دەپ ئاتالغان قەدىمكى يۇنان كاتـتـا پـەيلاسـوپـى پلاتون ئۆزىنىڭ ئەسىرىدە ئەۋلادمۇئەۋلاد تارقىلىپ كېلىۋاتقان قـەدىمكـى ئارال دۆلىتى − ئاتلانتىس توغرىسىدىكى رىۋايەتنى جانلىق تەسۋىرلـەپ بـەرگـەن. بۇ ئارال دۆلىتى بۇنىڭدىن12 مىڭ يىل ئىلگىرى مەۋجۇت بولغان، ئۇنىڭ ئاھالىسى كۆپ، مەدەنىيىتى گۈللەنگەن. بۇ دۆلەتنىڭ قوشۇنلىرى مىـسـىـر ۋە شىمالىي ئافرىقىنى بويسۇندۇرغان، كېيىـن ئافـېـنـا شـەھىـرىـدە قـەدىـمـكـى يۇنانلىقلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان. ئارقىدىنلا مىـسـلـىـسىـز ئاپـەت يـۈز بەرگەن، بىر قېتىملىق كۈچلۈك يەر تەۋرەشتـە بـۇ دۆلـەت دېـڭـىـزغـا غـەرق بولۇپ كەتكەن ... پلاتون بۇ دۆلەتنىڭ ئورنىنى ئاتلانتـىـك ئوكـيـانـدا دەپ بېكىتكەنلىكى ئۈچۈن كېيىنكىلەر ئاتلانتىـسـنـى «ئاتلانـتىك قـىـتئەسـى» دەپ ئاتىغان. پلاتون ۋاپات بولغاندىن كېيىن، كىشىلەر ئارىـسىدا ئاتلانـتىك قىتئەسىنىڭ راستلىقى توغرىسىدىكى بەس - مۇنازىرە توختىمىـغـان.16 - ئەسىردىن بۇيان بۇ مۇنـازىـرە بـارغـانـسـېرى كۈچىـيـىـپ ئۇنىڭغا ئوكيانشۇناسلار، جۇغراپىيىشۇناسلار، ئارخېئولوگلار... قاتـنـىـشـىـپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك «ئاتلانتىك قىتئەسى ئىلمى» نى شـەكىلـلەندۈردى، ئېكسپېدىتسىيە، تەكشۈرۈش، ئىلمىي تەتقىقات ئىشلىرى ئۈزۈلمىدى، ئەدەبىـيـات - سـەنئەت ئىجادىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. ئاتلانتىك قىتئەسىنىڭ جۇغراپىيىلىك ئورنى توغرىسىدا مۇنداق ئوخشـاش بولمىغان بىرنەچچە پىكىر بار. بىرىنچىسى، ئاتلانتىك قىتئەسى ئەسلىدە كاۋكازنىـڭ غەربىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، ھازىر قارا دېڭىزنىڭ ئاستىـغـا چـۆكـۈپ كەتكەن. ئىككىنچىسى، ئاتلانتىك قىتئەسى ئەسلىدە ئاتلانتىك ئوكـيانـدا قـەد كـۆتـۈرۈپ تۇرغان بولۇپ، ھازىر ئاتلانتىك ئوكياننىڭ تېگـىـگـە چـۆكـۈپ كـەتـكـەن. ئۈچىنچىسى، ئاتلانتىك قىتئەسى ئېگېي دېڭىزىدىكى سـانتـورىـن ئارىـلـىـنـىـڭ ئەتراپىغا جايلاشقان. يۇقىرىقى ئۈچ خىل پىكىرنىڭ تـارىـخـىـي ئاساسلىرى ۋە دېڭىز-ئوكيان ھەمدە قۇرۇقلۇقتىكـى ئارخـېئولوگىـيىلـىـك بايقاشلاردىن ئېرىشكەن ئىسپاتلىرى بولسىمۇ، لېكىن ھېچقايسىسى ئوخـشـاش بولمىغان پىكىرلەرنى ئاغدۇرۇۋېتەلمەيدۇ. شۇنداق بـولـسىمۇ، ئوخـشاش بولمىغان ئىلمىي ئېقىمدىكىلەرنىڭ جاپالىق ئىسـپـات ئىـزدىـشـى ئارقـىـسـىـدا جۇغراپىيە ۋە گېئولوگىيە ساھەسىدە نۇرغۇن بايقاشلار بولدى. مەسىلەن، روسىيىلىكلەر قارا دېڭىزنىڭ ئەتراپىدىن قـەدىـمـكى ئابىدە ۋە قەبرە تەزكىرىلىرىنى بايقىدى، سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىكىلەر قارا دېڭىـز ئاستىدىن چۆكۈپ كەتكـەن شەھەرنى بـايـقـىـدى؛ ئامېـرىـكىـلىقلار ۋە فرانسىيىلىكلەر بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىدا نۇرغۇن ئېھراملارنـى بايـقـىدى، نورۋېگىيىلىك ماتروسلار بېرمۇدا ئۈچبۇرجەك رايونىدا چاسا شەكىلدىكى قەدىـمـىـي شەھەرنى بايقىدى؛ ... كىشىنى روھلاندۇرىدىغان بۇ بايقاشلارنىڭ ئاتلانـتىك قىتئەسىنىڭ ھەقىقىي ئورنىنى ئېچىپ بېرىشكە مۇقەررەر ياردىمى بولىدۇ. ئاتلانتىك قىتئەسىنىڭ ئورنى توغرىسىدىكـى تـالاش - تـارتـىـش بـىـلـەن مۇناسىۋەتلىك يەنە بىر مەسىلـە شـۇكـى، ئاتلانـتىك قـىـتئەسـىـنـىـڭ توساتتىن دېڭىز يۈزىدىن يوقىلىشىغا نېمە سەۋەبچـى بولدى؟ بـىـرىنچى خـىـل قاراشتىكىلەر دېڭىز ئاستىدىكى يانار تاغنىڭ كۈچـلـۈك پـارتـلـىـشـى ھەمـدە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يەر تەۋرەش دېڭىز تاشمىسىنىڭ بىرلىشىپ ھۇجۇم قىلىشى بىـلـەن ئاتلانتىك قىتئەسى بىر كېچە - كۈندۈزدىلا سۇ ئاستىغا غەرق بولۇپ كەتكەن، دەپ قارايدۇ. يەنە بىر خىل قاراشتىكىلەر بۇنىڭدىن12 ~14 مىڭ يـىـللار ئىلگىرى يەر شارى ئىسسىپ مۇزلار ئېرىگەن،2000 نەچچە يىل ئىـچـىـدە دېڭىز تەكشىلىكى ئۈزلۈكسىز كۆتۈرۈلۈپ، ئاخىرىدا ئاتلانتىك قـىـتئەسـىـنى سۇ بېسىپ كەتكەن، دەپ قارايدۇ. يۇقىرىدىكى قاراشلاردىن زادى قايسىسىنىڭ توغرىلىقىنى ئىلمىي دەلىللەشكە توغرا كېلىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار