سىرلىق خۇفۇ ئېھرامى
يەر شارىدىكى سىرلار
ھازىر دۇنيادا بايقالغان قەدىمىي يادىكارلىقلار ئىـچـىـدە مـىـسىردىكـى ئېھراملار كىشىنى تولىمۇ ھەيران قالدۇرىدۇ. بولۇپمۇ، فىرئەۋن خۇفۇنىڭ ئېھرامى پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ.
قەدىمىي مىسىر پادىشاھلىقىنىڭ فىرئەۋنى (پادىشاھنىڭ ھۆرمەت نامى) ئۆلگەندىن كېيىن، غايەت زور تاشلار بىلەن قەبـرە يـاسـىلاتـتـى، ئۇنىڭ شەكلى پىرامىداغا ئوخشىغاچقا، پىرامىدا دەپمۇ ئاتىلىدۇ. قـەدىـمـكـى مىسىردا كىشىلەر يېڭىدىن كۆتۈرۈلگەن قۇياشنى ھاياتلىقنىڭ باشلىـنـىـشـى، پاتقان قۇياشنى ھاياتلىقنىڭ ئاخىـرلىشىشى دەپ قـارايـتـتـى. شـۇڭا، فىرئەۋنلەر ئۆزلىرىنىڭ ئېھراملىرىنى نىل دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا يـاسـىـتـىـپ، قۇياشنىڭ غەربكە پاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. نىل دەرياسى قىرغىقىنـى بـويلاپ جـەمئىـي80 نەچچە ئېھرام ياسالغان بولۇپ، خۇفۇ ئېھرامى بۇلارنـىـڭ ئىـچـىـدىـكـى ئەڭ چوڭى، ئەڭ مەشھۇرىدۇر.
خۇفۇ مىسىر پادىشاھلىقى4 - سۇلالـىـسىنىـڭ فىرئەۋنى بولۇپ، مىسىرنىڭ تارىخىي كىتابلىرىدا چېئوپىس دەپ ئاتالغان. خۇفۇ ئېھرامى تەخمىنەن مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى2800 - يىلى ياسالغان. ئېھرامنىڭ ئاساسىنىڭ تەرەپ ئۇزۇنلۇقى239 مېتىر، ئېھرامنىڭ ئېگىزلىكى6 .146 مېتىر بولۇپ،40 قـەۋەتـلـىك بىنانىڭ ئېگىزلىكىگە باراۋەر كېلىدۇ.1889 - يىـلى پارىژدا320 نەچچە مېـتىر ئېگىزلىكتىكى ئېيففېل تۆمۈر مۇنارى ياسىلىشتىن ئىلگىرى ئۇ دۇنـيـا بويىچە ئەڭ ئېگىز قۇرۇلۇش ئىدى. ناپولېئوننىڭ ھېسابلاب كۆرۈشىچە، ئەگـەر خۇفۇ ئېھرامىدىكى2 مىليون300 مىڭ پارچـە غايەت زور تـاشـنـىـڭ ھەممىسىنى سۆكۈپ ئالغاندا، فرانسىيىنى ئايلاندۇرۇپ3 مېتىر ئېگىزلىكتە،1 مېتىر قېلىنلىقتا تام ياساشقا بولىدىكەن!
خۇفۇ ئېھرامى لايىھىلىنىشى جـەھەتتە ئاجـايىپ بولۇپلا قالماستىن، كېيىنكىلەرگە نۇرغۇن يەشكىلى بولمايدىغان سىرلارنى قالدۇردى، ئۇ ئالىملارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.
ئالدى بىلەن، بۇ ئېھرام قـانداق ياسالغان؟4000 −5000 يىل ئىلگىرىكى مىسىردا ئاددىي تاش قوراللار ياكى قىزىل مىـس قورالـلىرى ۋە يىرىك ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىلا بار ئىدى، ئادەمنىڭ كۈچىگىلا تايىنىـپ بۇنچە ھەيۋەتلىك ھەم نەپىس ئېھرامنى قانداقمۇ ياساپ ىـڭچىققىلى بولسـۇن؟ ئەگەر قۇرۇلۇش باشلاشتىن ئىلگىرى ئېھرامنىڭ بۇلۇڭلىرى، سىـزىقلىرى، ئۇلىنىڭ بەرداشلىق بېرىش كۈچى قاتارلىقلار ئىـنـچىكىلىك بـىلەن ھېسابلانمىسا ئېھرامنىڭ ئۈستىگە قويۇلغان تاشلارنى قانداق قىلىپ شۇنچـە جايىدا يونۇغىلى ھەمـدە شـۇنـداق ھىـم قوپۇرۇپ چىققىلى بولسۇن؟ تاش ئارىلىقىدىكى يوچۇققا ئۆتكۈر بەكە تىـغـىـنـى تـىـقـىـپ كىرگۈزۈشمۇ ئىنتايىن قىيىن. ئېھرامنىڭ شەرقىي جەنۇب بۇلۇڭى بىلـەن غەربىي جەنۇب بۇلۇڭىنىڭ ئېگىزلىكى27 .1 سانتىمېتىرلا پـەرق قـىـلىدۇ، ئاستـى تـەرەپـتـىـكـى ھەرقـايـسـى تـەرەپلـەرنىڭ ئۇزۇنـلـۇق پـەرقـى20 سانتىمېتىردىن ئېشىپ كەتمەيدۇ، مۇشـۇنـداق ئىـنـچـىـكـە لايـىـھـە قـانـداق ئەمەلىيىلەشتۈرۈلگەن؟ بۇنىڭدىن باشقا2 مىليون300 مىـڭ پـارچـە غـايـەت زور تاشنىڭ ھەربىر پارچىسىنىڭ ئوتتۇرىچە ئېغىرلىقى5 .2 توننىـغا يـېـتىدۇ، ئەڭ ئېغىرلىرى ھەتتا15 توننىدىن ئېشىپ كېتىدۇ، ئېغىـرلـىـق كـۆتـۈرۈش ئۈسكۈنىلىرى بولمىغان شارائىتتا، قانداق قىلىپ ئۇلارنى بىر پـارچە - بىر پارچىدىن چوققا قىسمىغا يۆتكىگەن؟ تەكشۈرۈشلەرگە قارىـغاندا، بـۇ تاشلارنىڭ نۇرغۇنلىـرى نـىل دەريـاسىـنىڭ شـەرقـىـي قـىـرغـىـقـىـدىـن كەلتۈرۈلگەن، قەدىمكى مىسىرلىقلار بـۇ تـاشلارنـى ئادەم كۈچىگە تايىـنـىـپ دەريادىن قانداق ئۆتكۈزگەن؟ بۇنىڭغا كىشىنىـڭ ئەقـلـى يـەتـمـەيـدۇ. بـەزى ئالىملارنىـڭ قـارىـشـىـچە، مـۇشـۇنـداق مۇرەكـكەپ، نـازۇك قـۇرۇلـۇشـنـى كومپيۇتېر ئارقىلىقلا تاماملىـغىلى بولىدىكەن. بىراق،4000 −5000 يىـل ئىـلـگـىـرى توكمـۇ كـەشـىـپ قىلىنمىغان تۇرسا، كومپيۇتېر نېمىش قىلسۇن؟
خۇفۇنىڭ ئېھرامنى نېمە ئۈچۈن ياساتقانلىقىمۇ بىر سىر. كىشىلەر تـا ھازىرغىچە ئېھرام ئىچىدىكى «گۆر»، «پادىشاھ گـۆرى»، «خـان جـەمـەتـى گۆرى» دىن خۇفۇنىڭ جەسىتىنىمۇ، بىللە دەپنە قىلىنغان مال - دۇنيانىمۇ تاپالمىدى. بەزىلەر خۇفۇنىڭ جـەسـىـتـى بـۇ يـەرگـە قـويـۇلـغـان ئەمەس، ئېھرام غەرەزلىك ياسالغان يالغان قەبرە، دەپ قارىماقتا.
بىراق، ئالىملار ئېھرامنىڭ ئىچىدىن مۈشۈك، ئىتلارنىڭ چىرىمىگەن تاپلىرى ۋە سۈپىتى ئۆزگـەرمىگەن مېۋىلەرنى بـايـقـىـدى، ئۇلار سۇسىزلىنىپ مۇمىيالىشىپ كەتكەن. ئېھرامنىڭ ئىچىدە جانلىقلار تېنىنـى چىرىشتىن ساقلايدىغان سىرلىق ئېنېرگىيىنـىـڭ يـوشـۇرۇنـغـان بـولـۇشـى ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. كېيىن، ئامېرىكىلىق فىزىك گ . پـاتـىـرك . فېلنا يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەكشۈرۈپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئېھرام بىر خىل پەۋقۇلئاددە گېئومېتىرىيىلىك شەكىل بويىچە ياسالغاچقا، ھەر قايسى يۆنىلىشلەردىن كەلگەن ئالەم بوشلۇقـى مىكـرو دولقۇنلىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىدۇ - دە، ھايۋانات تاپلىرى ۋە مـېـۋە - چېۋىلەرنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئىسسىقلىق ئېففېكتى پەيدا بولۇپ، ئۇلارنىڭ تەركىبىدىكى سۇ ئىنتايىن تېز پارلىنىپ، «قۇرۇق تاپ ياكى مېۋە» شەكىللـىنىدۇ. كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىغىنى شۇكى،4000 −5000 يـىل ئىلگىرىكى مىسىردا ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ سەۋىيىسـى ئىنتـايىن تۆۋەن تۇرسا، ئۇلار بۇنداق ئىلغار تېخنىكىنى قانداق ئىگىلىيەلەيدۇ؟