سىرلىق »ئەرۋاھ ئارىلى»
يەر شارىدىكى سىرلار
1831 - يىل7 - ئاينىڭ10 - كۈنى ئىتالىيىنىڭ بىر كېمىسـى سىتسىلىيە ئارىلىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقىنىدا، كاپىتان تـوسـاتـتـىـنلا شـەرقىي ئۇزۇنلۇق ″15 ′42 °12، شىمالـىـي كـەڭـلـىـك ″30 ′1 °37 بولغان دېڭىز يۈزىدە سۇنىڭ قايناپ،20 نـەچـچـە مېتىر ئېگىزلىكتىكى سۇ تۈۋرۈكى شەكىللەنگەنلىكىنى، دىئامېتىرىنـىـڭ200 مېتىر ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى بايقىغان. بۇ سۇ تـۈۋرۈكى ھەش - پەش دېگـۈچـە500 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتىكى ئىس - تۈتەك تۈۋرۈكىگە ئايلىنىپ، دېڭىز يۈزىگـە كېڭەيگەن. كاپىتان بۇنداق ئەھۋالنى كۆرۈپ باقمىغانـلىقى ئۈچـۈن ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپلا قالغان. سەككىز كۈندىن كېيىن كاپىتان بۇ يەردىن يەنە ئۆتكەندە ئىلگىرى ئەسلا ئۇچرىتىپ باقمىغان كىچىك ئارالنىڭ پەيدا بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرگەن. بۇ ئارالنىڭ ئېگىـزلـىـكـى3 مـېـتـىـر ئۆپچۆرىسىدە بولۇپ، مەركىزىي قىسمىدىن يەنىلا غايەت زور پـار تـۈۋرۈكـى ۋە ئۇششاق نەرسىلەر ئېتىلىپ چىقىپ تۇرغان، ئەتراپىدىـكـى دېـڭـىـز يـۈزىـدە قوڭۇر رەڭلىك نۇرغۇن تاش پارچىلىـرى ۋە ئۆلـگـەن بېـلىـقلار بـار ئىكەن.
شۇ يىلى8 - ئاينىڭ4 - كۈنى بۇ ئارال ئېگىزلەپ60 نەچچە مـېـتـىـرغـا يەتكەن، نۇرغۇن كىشىلەر ئوتتەك قىزىق پارغا قارىـمـاي ئارالـغـا چىقىپ تەكشۈرگەن. ئۇلار ئارالدا ھايۋانات، ئۆسۈملۈك، قۇلۇلە ۋە دېڭىز يۈسۈنلىرىنىڭ يوقلۇقىنى، بۇ يەرنى لەيلىمە تاش، يانار تـاغ داشقاللىرى ۋە ئۇرچۇقسىمان ۋولقان بومبىسى قاتارلىقلارنىڭ قاپلىغانلىقىنى بايقىغان. ئارقىدىنلا ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە قـاتـارلـىـق دۆلەتلەر تەتقىق قىلىش، قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈچۈن مۇتەخەسسىـس ئەۋەتـكـەن ھەمدە بۇ ئارالغا بەس - بەستە نام قويۇشقان، «فېردىـنـانـد ئارىلى» مـۇشـۇ ناملارنىڭ بىرى. ئەنگلىيە پادىشاھى ئالـدىـراپ - تـېـنـەپلا ئارالـنـىـڭ ئىگىلىك ھوقۇقىنىڭ ئەنگلىيىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان.
كىشىلەر بۇ ئارالنى ئۆلچەش، ئۇنىڭغا نام قويۇش، ئۇنـى دېـڭـىـز خەرىتىسىگە چۈشۈرۈش ھەمدە ئۇنىڭ ھەربىي ئىشلار ۋە خەلق ئىـشـلىرىدىكى قىممىتىنى بېكىتىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتكەن.9 - ئايـنـىـڭ29 - كـۈنـى، يەنى ئارال شەكىللىنىپ بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، ئارال كىچىكلەپ ئەسلىدىكىنىڭ سەككىزدىن بىر قىسمىلا قالغان؛ يەنە ئىككى ئايدىن كېيىن دېڭىز يۈزىدىن ئىز - دېرەكسىز يوقالغان.
شۇنىڭدىن كېيىنكى100 نەچچە يىل ئىچىدە بۇ ئارال گاھ پەيـدا بولۇپ، گاھ يوقالغان،1950 - يىلى دېڭىز يۈزىدە ئاخىرقى قېتىم پەيدا بولغان.
تارىختا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولىدىغان بۇنداق ئاراللار توغرىسـىـدىـكـى خاتىرە ۋە خەۋەرلەر كۆپ. مىلادىيىدىن ئىلگىرىكـى186 - يىلىدىن مىلادىيە19 - يىلىغىچە ئېگېي دېڭىزىدا مۇشۇنداق كـىـچـىـك ئارالدىن تۆتى ئىلگىرى - كېيىن پەيدا بولغان ۋە ئەينى چاغدا «سىـرلـىـق ئارال» دەپ ئاتالغان. نورۋېگىيە دېڭىز تەۋەسـىدىكى «دۇگېرتـى ئارىلى» 1840 - يىلىدىن1929 - يىلىغىچە كۆپ قېتىم گاھ پەيدا بولـۇپ گاھ غـايىـب بولغان.
ئۇنداقتا گاھ پەيدا بولۇپ، گاھ غايىب بولىدىغـان بۇ خىل ئاراللار نـەدىـن پـەيـدا بولغان ھەم نەگە يوقالغان؟
كۆپ ساندىكى گېئولوگلار كىچىك ئارالنىڭ شەكىللىنىش سەۋەبـىـنـى دېڭىز تېگىدىكى يانار تاغ پارتلىـشـىنىڭ تـەسىرى، دەپ قـارايدۇ. دېڭىز - ئوكياننىڭ تېگىدە نۇرغۇن ھەرىكەتتىكى يانار تاغلار بـار. بۇ يانار تـاغلار پارتلىغاندا، ئۇنىڭدىن ئېتىلىپ چىققان ئۇششاق ماددا ۋە ماگمىلار دېڭىز تېـگـىـدە سوۋۇپ قېتىشىپ دۆۋىلىنىدۇ، بۇ خىل ماددىلار ئۈزلۈكسىـز كۆپىيىدۇ. ئاخىر، دېڭىز يۈزىدىن كۆتۈرۈلۈپ يېڭى ئارالنى شەكىللەندۈرىدۇ.
بەزى ئالىملار كىچىك ئارالنىڭ غايىب بولۇشىنى يانار تاغ ماگمىسىنىـڭ ئېتىلىشىدىن شەكىللەنگەن لاۋا دېڭىز تېگىدىكى ئۇل جىنس بىلەن مۇستەھكەم تۇتـاشـقـان ئۇل ھاسىل قىلالمايدۇ، يېڭى ئارال دېڭىز ئېقىمىنـىـڭ ئۈزلـۈكـسـىـز ئۇرۇلۇشىغا بەرداشلىق بېرەلمەي، يىلتىزىدىن سۇنۇپ كېتىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا غايـىـب بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. بەزى ئالىملار دېـڭـىـز تېگىدە يۈز بەرگەن شىددەتلىك پـارتلاشلار تۈپەيلى كـىـچـىـك ئارال غايىب بولىدۇ، دەپ قارايدۇ؛ يەنە بەزى ئالىملاردا يـانـار تـاغ ھەرىـكىـتـى تۈپەيلى يەر پوستى ئولتۇرۇشىدۇ، بـۇنـىـڭ بـىـلـەن كىچىك ئارالمۇ ئولتۇرۇشۇپ كېتىدۇ، دېگەن قاراشمۇ مەۋجۇت. بۇ قىيـاسلار ئۆزىگە خاس ئاساسقا ئىگە بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار كىچىك ئارالنىڭ ئوخـشـاش بىر نۇقتىدا تەكرار پەيدا بولۇشى ۋە يوقىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ بـېـرەلـمـەيـدۇ، يەنە كېلىپ، يېقىن دېڭىز رايونـىـدا كـۈچـلـۈك يـەر تـەۋرەش، دېـڭىـز تاشمىسى ۋە شىددەتلىك ئېقىممۇ كۆرۈلمىگەن. بۇ ھادىسىلەر سانسىز ئالىملارنى ئىزچىل گاڭگىراتماقتا.