نېفىتنىڭ شەكىللىنىشىدىكى سىر
يەر شارىدىكى سىرلار
بۈگۈنكى دۇنيادا ئىستېمال قىلىنىۋاتقان بارلىق ئېنېرگىيىلەرنىڭ يېرىـمـى نېفىتتىن كېلىدۇ، شۇڭا، كىشىلەر ھازىرقى زامانـنـى «نـېـفـىـت دەۋرى» دەپ ئاتايدۇ.
ئىنسانلارنىڭ نېفىت بىلەن تونۇشۇشى ئۇزاق تارىخقا ئىگـە. تـارىـخـىـي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنىشىچە، مىلادىيىدىن ئىلگىرىكى3 - ئەسـىـردىلا ئېلىمىزنىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدىكىلەر نېفىت ۋە تەبىئىي گـازنـى يېقـىلغـۇ قىلىپ تاماق ئېتىش، ئىسسىنىش ۋە يورۇقلۇق چىقىرىشنى بىلگـەن. بـىـراق، نېفىتنىڭ سانائەتتە كەڭ كۆلەمدە ئېچىلغىنىغا100 نەچچـە يىللا بـولـدى. نېفىتنىڭ قىممىتىگە بارغانسېرى ئەھمىيەت بېرىلىپ، نـېفىتـقـا بولغـان ئېھتىياج كۈنسايىن ئاشقاچقا، يېڭى نېفىتلىكلەرنى تېپىش نۆۋەتتىكى جىددىي ئىشقا ئايلاندى، ھالبۇكى، نېفىتنىـڭ شەكىللىنىش سەۋەبى توغرىسىدىكى تەتقىقات نېفىتلىكنى تېپىشقا نەزەرىيىۋى جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدۇ، شۇڭا، بـۇ تـېـمـا جۇڭگو ۋە چەت ئەلدىكى گـېئولـوگلارنىڭ ئىزچىل دىققىتىنى تارتىپ كەلدى.
نېفىتنىڭ شەكىللىنىشى توغرىسىدىكى تەلىماتلارنى ئومۇمەن ئانئورگانىك مەنـبـە تـەلـىـمـاتـى ۋە ئورگانىك مەنبە تەلىماتىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئېقىمغا ئايرىشقا بـولىـدۇ.19 - ئەسىردە گېرمانىيىلىك جۇغراپىيىشۇناس خۇمبوۋ، روسىيىلىك خىمىـك لومونوسوۋ نېفىتنىڭ ئانئورگانىك ماددىلاردىن پەيدا بولغانلىقىـنى قـىـيـاس قىلغان.1876 - يىلى مېندېلېيېۋ نېفىت يەر شارى شەكىللەنـگـەنـدە، كـاربـون بىلەن تۆمۈرنىڭ ئۆزئارا بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن تۆمۈر كاربىـت بـىـلـەن يەر يۈزىدىكى سۇنىڭ رېئاكسىيىگە كىرگەندىن كېيىـنـكـى مـەھسـۇلى، دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى. ئانئورگانىك مەنبە تەلىماتى نېفىتنىڭ مۇرەككـەپ خىمىيىلىك تەركىبى ۋە نېفىتلىكنىڭ ئەمەلىي گېئولوگىيىلىك تارقىلىشىـنـى چۈشەندۈرۈپ بېرەلمىگەچكە،20 - ئەسىردىن كېيىن بۇ خـىـل قـاراشـنـىـڭ تەسىرى بارغانسېرى ئاجىزلىدى.
ئورگانىك مەنبە تەلىماتى19 - ئەسىرنىڭ ئوتـتۇرىلىرىدا بـەرپـا قىلىنغان، نېفىتلىك گېئولوگىيىسى ۋە نېفىت - خىمىـيـە تـەتـقـىـقـاتىنـىـڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنى قوللايـدىـغان ئىـسـپاتلار بـارغـانـسـېـرى كۆپەيدى. مەسىلەن، نېفىت تەركىبىدىكى »پورفىرىن« ئۆسۈملۈكـلەرنىڭ يوپۇرمىقىدىكى خلوروفىل ۋە ھايۋاناتلاردىكـى ھېـماتىنـغا ئوخـشـىـشـىـپ كېتىدۇ؛ نېفىتتە جـانـلىـقلاردىـكـى ئورگانـىـك مـاددىلاردىلا بـار بـولـغـان ئوپتىكىلىق ئاكتىپلىق بار؛ نېفىتتىـكـى كاربون12 نـىـڭ كـاربون13 تـىـن كۆپ بولۇشىنى جانلىقلارنىڭ فوتوسىنتېز رولى ئارقىلىق چۈشەندۈرۈشـكـە بولىدۇ ... تېخىمۇ كۈچلۈك ئىسپات شۇكى، دۇنيادىكـى %99 تـىـن كـۆپـرەك نېفىتلىك جانلىقلارنىڭ رولى بىلەن مۇناسىۋىتى زىـچ بـولـغـان چـۆكمە جىنسلاردا شەكىللەنگەن. شۇڭا،50 - يىللاردىن بۇيان ئورگانىـك مەنبە تەلىماتى ئىلىم - پەن ساھەسىدىكىلەر تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى.
بىراق، ئورگانىك مەنبە تەلىمـاتـىـدا نـېـفـىـتـنىـڭ قـەدىـمـكـى زامـان ھايۋانلىرىنىڭ ئۆلۈشى ياكى «دېڭىـز-ئوكـيـانـدىـكـى چـارۋا ئوتـى» دەپ ئاتالغان دىنوفىتسىيە يۈسۈنى تۈرىدىكـى لەيلىگۈچى ئۆسۈملۈكلەرنىڭ گېئولوگىيىلىك ئۆزگـىـرىـش داۋامـىـدىـكـى يـۇقـىـرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى بېسىمدا ئوكسىدسىزلىنىشىدىن پەيدا بولغانلىـقـى؛ زادى دېڭىز فاتسىيىلىك يەر قاتلىمى ياكـى قـۇرۇقـلـۇق فاتسىيىلىك يـەر قاتلىمىدىن شەكىللەنگەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق تەبىر يـوق. بـۇ جـەھەتـتـە ئېـلىمـىـز گېئولوگى خۇاڭ جىچىڭ، پەن جۇڭشياڭ داچىڭ، غالىبىيـەت قاتارلىق نېفىتلىكلەرنى بايقاش جەريانىدا شەكىللەنگەن نـەزەرىيـىلەرگە ئاسـاسـەن «نېفىت قۇرۇقلۇق فاتسىيىسىدە ھاسىل بولۇش تەلىماتى» نى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىزچىـل ئۈستۈنلۈكتە تۇرۇۋاتقان «نېفىت دېڭىز فاتسىيىسىدە ھاسىل بولۇش تەلىماتى» غا كەسكىن جەڭ ئېلان قىلدى.
دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، يېقىنقى يىللاردىـن بـۇيـان ئالـەم بوشلۇقىدىن نەچچە10 خىـل مـۇرەكـكـەپ ئورگانىك مـاددا بـايـقـالـدى، نېـفىتنى گېئولوگىيىلىك قىدىرىپ تەكشۈرۈشمۇ يەر پوستىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا نېفىت، گاز مەنبەسى بارلىقىنى ئىسپاتلىدى، شۇڭـا «ئانئورگـانىك مـەنبە تەلىماتى» قايتىدىن ئوتتۇرىـغـا قويۇلدى.
ئامېرىكىنىڭ تېكساس شتاتىدا دۇنيا بويىچە تۇنجى نېفىت قۇدۇقى قېزىـلـىـپ، تا ھازىرغىچە بولغان100 نەچچە يىلدا نەچچە100 مىليارد تونـنـا نـېـفـىـت چىقىرىلدى، ئىنسانلارنىڭ يېمەك -ئىچمەك، كىـيىـم - كـېـچـەك، يـۈرۈش - تۇرۇشى نېفىتتىن ئايرىلالمايدۇ، بىراق، تا ھازىرغىـچـىـلـىـك نېفىتنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ئېنىق چۈشەنچە يوق ، «ئىشنى قىلماق ئاسان، تېگىگە يەتمەك تەس» دېگىنى مۇشۇ بولسا كېرەك!