سادالىق سىرلىق قۇم
يەر شارىدىكى سىرلار
ئامېرىكىنىڭ ھاۋاي تاقىم ئاراللىرىدىكى ھونۇلۇلوغا تەخمـىـنـەن120 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا كاۋئاي ئارىلى دەيدىغـان كىچىك بىر ئارال بار. بۇ ئارالدىكى دېڭىز ساھىلىدا ئۇزۇنلۇقى800 مـېـتىر، ئېگىزلىكى تەخمىنەن18 مېتىر كېلىدىغان بىر قۇم بارخىنى بار. كىشىلەر ئۇنىڭ ئۈستىدە ماڭسا قۇمدىن ئىتنىڭ ھاۋشىغان ئاۋازى ئاڭلىنىدۇ؛ قۇمنى ئالىقانغا ئېلىپ ئۇۋۇلىسىمۇ ئوخشاش ئاۋاز چىقىدۇ. تېخىمۇ ئەجەبلىنەرلىكى، قۇمنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى ھەمدە سۈركەلگەن چاغدىكـى كـۈچ مىقدارى ئوخـشـاش بولمىغان ئەھۋالدا، ئۇنىڭدىن چىقىدىغان ئاۋازمۇ ئوخشاش بولمايدۇ. مۇبادا ئادەم قۇم بارخىنى ئۈستىدە يۈگۈرسە گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋاز ئاڭلىنىدۇ.
كىشىلەر بۇ خىل «ناخشا» ئېيتالايدىغان، «ئاۋاز» چىقىرالايدىـغـان قـۇم بارخانلىرىنى ناخشىلىق قۇم، غار - غار قۇم، مۇزىكىلىـق قـۇم دەپ ئاتـايـدۇ. بۇنداق ناخشىلىق قۇملار دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا بـار. ئېـلـىـمـىـزنـىـڭ دۇنخۇاڭدىكى سادالىق قۇم تېغىدىمۇ، كىشىلەر قـۇم بـارخـىـنـىـنـى بـويلاپ تۆۋەنگە سىيرىلسا، ئايروپىلان گۈلدۈرلىگەندەك ئاۋازنى ئاڭلايدۇ.
ئۇنداقتا، بۇ قۇم بارخـانـلـىـرى نېمە ئۈچۈن خىلمۇخىل ئاۋازلارنى چىقىرالايدۇ؟ ئالىملار بۇنى تۆۋەندىكىدەك قىياس قىلغان: دېڭـىـز سـۈيـى ياكى يامغۇر سۈيىدە نەمدەلگەن قۇم بارخىنىدىكى سۇ پارلىـنـىـش جەريانىدا قۇمنىڭ يۈز قىسمىـدا نـېـپـىـز بـىـر قـەۋەت ھاۋا پـەردىـسـىـنـى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن، ئادەم بەدىنىنىڭ ھەرىكىتى تەۋرىنىـشـنـى پـەيـدا قىلغاچقا، قۇمـدىـن ئاۋاز چـىـقـىـدۇ. بـىـراق، قـۇم بـارخـىـنـىـنـىـڭ ئاۋاز چىقىرىشىدىكى سەۋەب تېخى ئېنىقلانغىنى يوق.