UyghurWiki
UyghurWikiيەر شارىدىكى سىرلارسىرلىق سەھرايى كەبىر قۇملۇقى

سىرلىق سەھرايى كەبىر قۇملۇقى

يەر شارىدىكى سىرلار سەھرايى كەبىر قۇملۇقى دۇنيادىـكـى ئەڭ چـوڭ قـۇمـلـۇق. ئۇ، غـەربـتـە ئاتلانتىك ئوكياندىن شەرقتە قىزىل دېڭىز قىرغىقىغىچە، شىمالـدا ئاتلاس تاغ تىزمىلىرىدىن جەنۇبتا سۇدان يايلاقلىرىغىچە سوزۇلغان بولـۇپ، يەر كۆلىمى8 مىليون كۋادرات كىلومېـتىـردىـن ئاشـىـدۇ. «سـەھرا» سـۆزى ئەرەب تىلىدا «ھېچ نەرسە يوق» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا، بۇ جاي «ھاياتلىقنىـڭ قەبرىسى» دەپ ئاتالغان، بىراق ئۇنىڭ ئاستىدا نېفىـت، تـەبـىئىـي گـاز، تۆمۈر، ئۇران، مانگان قاتارلىقلار مول، نۇرغۇن دۆلەتلەر جـەزىـرىـدىـكـى بۇ گۆھەر زېمىنغا كۆز تىكمەكتە. ئارخېئولوگلارنىڭ بايقىشىچە، نـاھايـىـتـى ئۇزاق يـىـللار ئىلگىرى سەھرايى كەبىر قۇملۇقى ھاياتلىق جۇش ئۇرغـان زېـمـىـن ئىـكـەن. ئۇلار قۇملۇقتا نۇرغۇن ئۆڭكۈرلەرنـى، ئۆڭكۈر تـاملىرىدىكى رەسىملەرنى بايقىغان، بۇ رەسىملەردە تـوپ - تـوپ زىراپە، بۆكەن، سۇ كالىسى ۋە پىل قاتارلىقلار، ئۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلار دەريادا قېيىق ھەيدەپ كېتىۋاتقان، ئوۋچى قولىغا نەيزە ئېلىپ شىر قوغلاۋاتقان كۆرۈنۈشلەر تەسۋىرلەنگەن، تام رەسىملىرىدىكى سېﻒ ئىلاھى شۇ جايدىكى خەلقـنـىـڭ «مول ھوسۇل ئىلاھى» بولۇپ، ئاۋات چارۋىچىلىق ۋە ئاسايىشلىق مەنزىرىنىڭ سىمۋولى ھېسابلىنىدۇ.1981 - يىل11 - ئايدا سەھرايى كەبىر قۇملۇقىدىن ئۇچـۇپ ئۆتـكەن ئامېرىكا ئالەم ئايروپىلانى يىراقتىن سېزىش تېخنىكىـسـى ئارقـىـلـىـق، بىپايان قۇملۇققا يوشۇرۇنغان قەدىمكى زامان تاغ جىلـغىلىـرى ۋە دەريا قىنىنى بايقىغان. ئارقىدىنلا گېئولوگىيە خىزمەتچىلىرى نەق مەيدانـنـى تەكشۈرۈپ، قۇملۇقنىڭ تېـگـىـدىـكـى تـۇپـراق سـۈپىـتـىـنـىـڭ ياخشىلىقىنى دەلىللىگەن ھەمدە قەدىمكى زامان كىشىلىـرىنىڭ ئەمـگـەك قورالى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تاپقان. قەدىمكى زامان كـىـشىـلـىـرى بۇنىڭدىن200 مىڭ يىل ئىلگىرى، ئاز بولغاندىمۇ10 مىڭ يىل ئىلگىرى ياشىغان. ئۇنداقتا، ئەينى يىللاردىكى بۇ بوستانلىق قانداق قىلىپ «گۈل - گىياھسىز، ئۇچار قاناتسىز، گويا قۇم دېڭىزى ياتىدۇ چەكسىز» دېگەندەك ھالەتكە چۈشۈپ قالغان؟ يەر شارى ئىلمى ساھەسىدە بۇ مەسىلە توغرىسىدا سۈنئىـي سـەۋەب ۋە تەبىئىي سەۋەبتىن ئىبارەت ئىكـكـى خىل قـارىمۇقـارشـى كۆزقاراش بار. ئالدىنقى قاراشتىكىلەر، يىراق قەدىمكى زاماندا سـەھرايـى كـەبـىـر قۇملۇقىدىكـى قەبىلىلەر سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچىنى كېڭەيـتىـش ئۈچۈن دەل - دەرەخلەرنى تىزگىنسىز كۆيدۈرگەن ھەم كـەسـكـەن، يايلاقنىڭ بەرداشلىق بېرىـش ئىـقـتـىـدارىدىن ئاشۇرۇپ چـارۋا بـاقـقـان، ئەسىرلەرنىڭ ئۆتۈشى بىـلـەن ئورمـان نابۇت بولۇپ، يـايلاقلار قـۇرۇشـقـا باشلىغان، يەر قۇملاشقان، ئاخىرىدا بىپـايـان قۇملۇققا ئايلانـغان، دەپ قارايدۇ. كېيىنكى قاراشتىكىلەر، گېئولوگىيە تارىخىدىكى چوڭ دەۋرنىڭ ئۆزگىرىشى سەھرايى كەبىردىكى قەدىمىي ئىقلىم مۇھىتىنى ئۆزگەرتىۋەتكەن، بۇنـىـڭ بىلەن يىللىق ھۆل - يېغىن مىقدارى تەخمىنەن300 مىللىمېتىردىن تـوساتـتـىـنلا50 مىللىمېتىرغـا چـۈشـۈپ قـالغان، ئالـدى بـىـلـەن قـىـسـمـەن رايـونلار قۇملاشقان، كېيىن قۇملىشىش سۈرئىتى تـېـزلـىـشـىـپ، ئەتـراپـتىـكـى بوستانلىقلارنى بېسىپ كەتكەن، ئاخىرىدا، ئافرىقىنـىـڭ ئۈچتىن بىر قىسىم تـۇپـرىـقـىـنـى يۇتۇۋەتكەن، دەپ قارايدۇ. بوشلۇقتىن تارتـىـلـغـان يـىـراقـتـىـن سـېـزىـش رەسـىـمـلـىـرىـدىـن ئىسپاتلىنىشىچە، سەھرايى كەبىردىكى بىپايان قۇمنىڭ نەچچە يـۈز مېتىر، ھەتتا نەچچە مىڭ مېتىر ئاستىدا300 مىڭ كۇب كىلومېتىر يـەر ئاستى سۈيى بار ئىكەن. بۇ سۇلار نەدىن كەلگەن؟ سەھرايى كەبىر دېڭىـز - ئوكياننىڭ ئۆزگىرىشىدىن شەكىللەنمىگەن تۇرسا، بۇ يەردە نېمە ئۈچۈن تـۇز رۇدىـسـى بايقىلىدۇ؟ سەھرايى كەبىرنى بېسىپ ياتقان چەكسىز قـۇم زادى قـەيەردىن كەلگەن؟ مانا بۇلار توغرا جاۋاب كۈتمەكتە.
← بارلىق تېمىلار يەر شارىدىكى سىرلار
سىرلىق سەھرايى كەبىر قۇملۇقى | UyghurWiki | UyghurWiki