كروراننىڭ سىرلىق خارابلىشىشى
يەر شارىدىكى سىرلار
«كۆكنۇر بويىدا تاغنى تۇمان قاپلىغان قات - قات، باقىمىز يىراقلاردىـن تاش قاپقا تامان پات - پات؛ جەڭ قىلىپ باياۋاندا جۇلجۇل بولدى سـاۋۇتلار، يانماق يوق ئاخىر جەڭدىن كروران بولمىسا بەربات». بۇ شـېئىـرنـى تـاڭ سۇلالىسىدە ئۆتكەن شائىر ۋاڭ چاڭلىڭ خەن سۇلالىسـىـدە ئۆتـكـەن ئۇلـۇغ سانغۇن خو گۇاڭنىڭ كروراننى قولغا ئېلىپ، خەن ۋۇدىـنىـڭ غـەربـىـي يۇرتقا ئەلچى ئەۋەتىش يولىدىكى توسالغۇلارنى سۈپـۈرۈپ تـاشـلىغانلىقىغـا بېغىشلاپ يازغان. بۇ شېئىر خەن سۇلالىسىگە قـەدەر كروراننىـڭ يـەنـىلا غەربىي شىمالدىكى مۇھىم ئورۇن ئىكەنلىكىنى؛ كېيـىـنچە خارابلاشقان بولسىمۇ، لېكىن تاڭ دەۋرىدىكـى ئەدىـبـلـەرنىڭ ئۇنـى يەنىلا ئېسىدە تۇتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. كروران تاڭ سۇلالىسىدىن بۇيان، مەدەنىيەت ساھەسىدىن تامامەن غايىب بولغان. كروراننىڭ ئورنـى قەيەردە؟ ئۇ ئىلگىرى قانداق گۈللەنگەنىدى؟ نېمە ئۈچـۈن نەچـچە يۈز يىلدىلا خاراب بولدى؟ جۇڭگو ۋە چەت ئەللەردىكى ئالىملار بۇنىـڭـغا ئىـنتايىن كۆڭۈل بۆلۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىـلـىش ئارقىلىق قىسمەن گۇمانلىق سوئاللارغا جاۋاب بەردى، بىراق چوڭ تۈگۈن تېخى يېشىلمىدى.1966
- يىلى نەشـر قىلىنغان «جۇڭگو ئاتلىسى» دا «كروران خارابىسـى» نـىـڭ ئورنـى كۆرسىتىلگەن، ئۇ تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىـي ئۇچى، ھازىـر قـۇرۇپ كەتكەن لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي قىسمىدا بولۇپ، شىنجاڭنىڭ بايىنـغـولـىـن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى چاقىلىق ناھىيىسى دائىرىسىدە. كروران شەھىرى ئىتالىيىنىڭ دۇنياغا مەشھۇر سىتسىلىيە ئارىلىدىكى پومپېي قـەدىـمـىـي شەھىرى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرغاچقا، «قۇملۇقتىكى پومپېي» دەپ ئاتىلىـدۇ.20 - ئەسىردىن بۇيان، ئارخېئولوگلار كروران خـارابىسىنى كـۆپ قـېـتىـم تەكشۈرۈپ، تەرەپ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن330 مېتىر كېلىدىغان تەرتىپسىز كـۋادرات شەكلىدىكى سېپىل خارابىسىنى بايقىدى، بەزى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنـى قېزىپ ئالدى. شەھەرنىڭ ئەتـراپـىـدىـكـى قەبرىلەردىـن يـەنە نۇرغـۇن نەپىس يىپەك تـوقۇلمـا بۇيۇمى، پـۇل، ئالتۇن - كۈمۈش، جاۋاھىرات، سىرلانغان ئەسۋاب - جابدۇق، قاشتېشـى بۇيـۇمى ۋە ئەيـنەك بۇيۇمى چىقتى، ئۇنىڭدىن باشقا، غـەربتىن كەلگـەن رەسـىـم، نەقىش بۇيۇملىرى چىقتى، شەھەرنىڭ شەرقىدىكى ئېگىزلىكـى4 .10 مېتىر كېلىدىغان بۇددا مۇنارى ئېلىمىزدىكى ساقلىنىپ قـالـغـان ئەڭ بۇرۇنقى دىنىي قۇرۇلۇش بولۇشى مۇمكىن. بۇلار كروراننـىـڭ قـەدىـمدە شەرق بىلەن غەرب ئىقتىسادى ۋە مەدەنىيىتى ئۇچرىـشىدىغان جاي، شۇنداقلا مەشھۇر يىپەك يولىدىكى ئاۋات سودا شەھىرى ئىكەنـلىـكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ئۇنىڭ ئورنى شۇنـچىـلىك مـۇھىـم بولغانلىقى ئۈچۈن، قەدىمدە ھەممە تـەرەپ تـالىشىدىغان ئورۇنغا ئايلانغان .
كروراندىن قېزىۋېلىنغان نۇرغۇن تاش قوراللار نەچچە مىڭ يـىـل ئىلگىرى بۇ يەرنىڭ تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىق ئىكەنلىكىنى، دەل - دەرەخلەرنىڭ قويۇق، تۆگە - ئاتلارنىڭ توپ - توپ يايلاپ يۈرىدىغانـلىـقىنى، ئۇنـىـڭ خۇاشيا ئەجدادلىرىنىڭ دېھقانچىلىق ۋە چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مۇنبەت تۇپراق ئىكەنلىكىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلـەپ چـۈشـەنـدۈرۈپ بېرىدۇ. سىماچيەن «تارىخنامە» دە جاڭ چيەن غەربىي يۇتقا ئەلچىلىككە بېرىشـتىن ئىلگىرىلا كروران سېپىل بىلەن قورشالغان مۇھىم دۆلەت ئىدى، دەپ خاتىرىلىگەن.
تاڭ سۇلالىسىدىن كېيىن، كروراننى قايتىدىن دۇنياغا تونـۇشـتـۇرغـان تۆھپىكار شۋېتسىيىلىك جۇغراپىيىشۇناس سىۋېن ھېدىـن.1900 - يـىـلـى سىۋېن ھېدىن لوپنۇر كۆلىنى ئىزدەش جەريانىدا بـۇ قەدىـمىي شەھەرنى تاسادىپىي بايقاپ قالىدۇ ھەمدە ئۇنى دۇنياغا تونۇشـتـۇرىـدۇ، شـۇنـىـڭـدىـن كېيىن كروران خارابىسىنى ساياھەت قىلىدىغـان ۋە تەكشـۈرىدىغان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك زاتلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، ئۇلار قـەدىـمـكـى غەربىي يۇرت مەدەنىيىتىدىن ھەيران بولۇش بىلەن بـىـللە، كـرورانـنىـڭ گۈللىنىشتىن خارابلىشىشقا ماڭغـانـلىـقىدىكى سەۋەب ئۈسـتـىـدە ئويلىنىدۇ. غەربتىكى كروران − پومپېي شەھىرىگە ئوخشىمايدىغان يېرى، پومپېي شەھىرىنىڭ ۋېزۇۋېي يانار تېغى پارتلىغاندا يانار تاغ كۈلىنىڭ كۆمۈۋەتكەنلىكى توغرىسىدا ھازىر ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىندى، لېكىن كـروران ئاپىتىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكى توغرىسىدا تېخى ئېنىق يەكۈن چىقىرىلمىدى، ھازىـر ئومۇمەن مۇنداق ئالـتـە خـىـل قـاراش بـار: ئۇرۇش بـۇزغـۇنـچىلىقى تەلىماتى؛ تارىم دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنـى ئېـچـىـش تـۈپەيلىـدىن تۆۋەنكى ئېقىنىدا سۇنىڭ ئازىيىپ كېتىپ، ئىقلىمنىـڭ قـۇرغـاقـلـىـشـىـشـى تەلىماتى؛ دەريانىڭ يولىنى ئۆزگەرتىشى تەلىماتى؛ ئىنسانلارنىـڭ بـوز يـەر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش تەلىماتى؛ يـىـپـەك يولىنىڭ ئۆزگەرگەنلىك تەلىماتى قاتارلىقلار. كروراننىڭ خارابلىـشىشى توغرىسىدا كۆپ خىل قاراش بار بولۇپ، دۇنيادىكى باشقا خـارابلاشـقـان شەھەرلەردە ئۇنداق ئەھۋال يـوق، مـانـا بـۇ كـرورانـنىـڭ ئادەمـنـى جـەلـپ قىلىدىغان يېرى.