سىرلىق »غەلىتە ئوت«
يەر شارىدىكى سىرلار
ئوت ئىنسـانلار مەدەنىيىتىنىڭ ئەلچىسى. شـەرق ۋە غـەرب ئەپسانىلىرىدە ئوتنى ئىنسانلار ئارىسىغا ئېلىپ كـەلگۈچىلـەر »ئىلاھ« دەپ قارىلىدۇ، يۇنان ئەپسانىلىرىدە پرومېـتېئۇس، جـۇڭـگـو رىۋايەتلىرىدە ئوت پـىـرى ئىنسانلارنى ئوت بىلەن تەمىنلىگەن. ياغاچنى سۈركەپ ئوت ياندۇرۇش، ئوتنى ئۆچۈرۈپ قويماسلىق ئەڭ ئۇلـۇغ تېخنىكا ئىنقىلابى دەپ قارىلىدۇ؛ يادرو ئېنېرگىيىسىدىن پايدىلىنىش بولسا ئۇچۇر دەۋرىنىڭ ئوتىنى ياقتى. بىراق، تەبىئەت دۇنياسىدا يۈز بەرگەن »غەلىتـە ئوت« ئاپەتلىرىنىڭ تېگىگە ئالىملار تا ھازىرغىچە يېتەلمىدى.
ئەڭ مەشھۇر »غەلىتـە ئوت« ئاپىتى1971 - يـىـل10 - ئايـنـىـڭ8 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ چىكاگو شەھىرىدە يۈز بەرگەن زور ئوت ئاپىتىدۇر. شـۇ كۈنى چۈشتە چىكاگو شەھىرىنىڭ تۆت ئەتراپىغا تـۇيـۇقـسىز ئوت كەتكەن،90 مىنۇتتىن كېيىن پۈتۈن شەھەر ئوت دېڭىزى ئىچىدە قالـغـان، كىشىلەر ھېچنېمىگە قارىماي قاچقان، نۇرغۇن ئادەملەر دەسسىلىپ ئۆلـگـەن. زور ئوت مەرمەر تاشتىن ياسالغان ھەيكەلنى ئېـرىـتـىـۋەتـكـەن، مىچىگان كۆلى ئەتراپىدىكى مېتالدىن ياسالغان پاراخوت سۇپـىـسـى ئېـرىـپ كەتكەن. ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچىلـەر مۇنداق دەيدۇ: »پـۈتـۈن ئاسـمانغا ئوت كەتكەندەك ئىدى، چوغدەك قىزىق تاش پارچىلىرى ئاسماندىن چۈشۈشكە باشلىـدى«. شۇ كۈنى كەچتە، خۇددى يۇقۇم تارقالغانـدەك چىكاگوغا يېقىن بىرنەچچە شتاتنىڭ ئورمان ۋە يايلاقلىرىدىمۇ ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. كىشىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرىدىغىنى، ئوت ئاپىتىدىن قـۇتـۇلۇپ چىققان نەچچە يۈز ئادەم شەھەر ئەتراپىدىكى تاشيولـغـا تـوپلاشـقـان بولۇپ، شۇ يەرنىڭ ئۆزىدىلا جېنىدىن ئايرىلغان. جەسەت تەكشۈرۈشـتـىـن ئىسپاتلىنىشىچە، ئۇلارنىڭ ئۆلۈمى ئوت بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن.
ئېلىمىزنـىـڭ گـۇاڭـشـىـدىـكـى جـاۋپـىـڭ، پـىـڭـنـەن، فۇسۇيدىمۇ »غەلىتە ئوت« ئاپىتى كۆپ قېتىم يۈز بەرگەن.1967 - يىـل4 - ئايـنىڭ13 - كۈنى جاۋپىڭ ناھىيىسى فۇلو گۇڭشېسى جۇداۋ ئىشلەپچىـقـىـرىـش ئەترىتىدە120 قېتىم غەلىتە ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن، ئالدى بىلەن چوشقىغا بوغـۇز بـېـرىـدىـغـان ئوقۇر ئۆزلۈكىدىن يانغان، ئارقىـدىـن كـەپـە، يـوتـقان، ئۆي جـاھازلـىـرى قاتارلىق بۇيۇملار كۆيگەن. شۇ يىـلـى5 - ئايـنـىـڭ29 - كـۈنى بـىـر كـۈندە ئون قېتىم ئوت كەتكەن، بۇنىڭ يەتتە قېتىملىقىنـى بـەزىـلـەر ئۆز كـۆزى بىلەن كۆرگەن. كىشىلەر ياغاچتىن قۇراشتۇرۇلغان قازانئاسقۇچـتـا ئالدى بـىلەن ئاق تـۈتـۈن كـۆتـۈرۈلـۈپ، ئانـدىن بىر خـىل غـەلـىـتە پـۇراق تارالغانلىقىنى، ئارىدىن بىر مىنۇت ئۆتۈپلا ئوت تۇتاشقانلىقىنى كۆرگەن.1979
- يىل10 - ئاينىڭ29 - كۈنى كەچقۇرۇن يۈننەننىڭ ياڭۋېنشەندىكـى كـەنـت ئاھالىلىرى ئېتىز ئىشلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشقا باشلىغان، بـۇلارنـىـڭ ئىچىدە ئۈچ يىگىت ئايرىلىپ خۇشال - خۇرام ئويناۋاتقىـنـىـدا گۈلدۈر - قاراس قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئاسمـانـدىـن ئوت چـۈشـكـەن، يـەر يۈزىنى تۈتۈن قاپلىغان، ئۇلار ئولتۇرغان شىبەن تـاشـمـۇ كۆككە كۆتۈرۈلۈپ، ئۈچەيلەننى يىراققا ئېتىۋەتكەن، بۇلاردىن ئىككىسى500 مـېـتـىـر يىراقلىققا ئۇچۇپ بېرىپ، بىئەجەل ئۆلگەن، يەنە بىرى تېخىمۇ يىراققا ئۇچۇپ كەتكەن، ئۇ قورقۇپ كەتكەچكە ئەقلىدىن ئازغان.
جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنىڭ ھۆججەتلىرىـدە يـەنـە ئادەم بـەدىـنـىـنـىـڭ ئۆزلۈكىدىن يېنىش ھادىسىسى توغرىسىدىكى خاتىرىلەر بار. مەسىـلەن، چـىـڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئالىم يۈي يۆ »گۇتەيشەن خاتىرىـلىـرى«دېگەن ئەسىرىدە سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇەنبېي رايونىدىكى بىـر ئايـال بـىـلـەن ئۇنـىـڭ تۆت يـاشلىق ئوغلىنىڭ ئۆيىدە ئۆزلۈكىدىن كۆيۈپ جېنىدىن جۇدا بولغانلىقـى، جـەسـەتـنـى يېرىپ كۆرگەندە ئوتنىڭ قورساق بوشلۇقىـدىـن باشلاپ يانـغانلىقـى، ئىـچـكـى ئەزالارنىڭ كۆيۈپ قارىداپ كەتكەنلىكى، بىراق ئانا - بالا ئىـكـكـىـسـىـنـىـڭ چىرايىدا قىلچىلىك ئازاب ئالامىتى ۋە كۆيۈپ ئۆلگەنلەردە بولىدىغان ئالامەت يوقلۇقىنى تىلغا ئالىدۇ.
بۇ »غەلىتە ئوت«لارنىڭ مەنبەسىنىڭ تېپىلماسلىقى يـاكـى كـۆپ جـايـدا بىرلا ۋاقىتتا ۋە ياكى يانمايدىغان جىسىملاردا يۈز بېرىشى قاتارلىقلار ئالىملارنى گاڭگىرىتىپ قويدى. بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، مـەلـۇم خـىـل گـاز جىسمى يەر يۈزىدىكى يېرىقچىلاردىن چىقىپ، ھاۋادىكى ئوكسىگېـن بـىـلـەن بىرلىشىپ، كاربون، ھىدروگېن قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان جىـسـىـملارغـا قونۇپ، بۇ جىسىملارنى كاربونلاشتۇرۇپ كۆيۈشنى پەيدا قىلـغان؛ بەزى مۇتەخەسسىسلەر شارسىمان چاقماق »غـەلىتـە ئوت«نـى پەيدا قىلغان، شارسىمان چاقماق ھەمىشە بوشلـۇقـتـا لـەيـلـەپ يۈرىـدۇ، تېشىپ ئۆتۈش خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن كۈچلۈك، مۇۋاپىق شـارائىـتـتـا ئادەم بەدىنى ياكى باشقا جىسىملارغا چاپلىشىپ ئۇنى كۆيدۈرىـدۇ، دەپ قـارىماقتا. يەنە بەزىلەر »گۈمۈرۈلۈشتىن يەر تەۋرەش«، »ئاق فوسـفـورنىـڭ كـۆيـۈشـى« قاتارلىق باشقا سەۋەبلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق بۇ ھۆكۈملەر كىـشـىـنـى قايىل قىلالمايدۇ. بۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى تېخى تېپىلغىنى يوق.