مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى سىرلىق ئاپەت
يەر شارىدىكى سىرلار
1626 - يىل5 - ئاينىـڭ30 - كـۈنـى چـۈشـتىـن بـۇرۇن سـائەت توققۇزلار ئەتراپىدا، مىڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى بېيجـىـڭـدا ئاسـمـان سـۈپسـۈزۈك ئىدى، توساتتىن گۈلدۈر قىلغان كۈچلۈك ئاۋاز بـىلەن تـەڭ شـەرقـىـي شىمال بۇرجەكتىن غەربىي جەنۇب بۇرجەككە مېھرىگىـيـاھـسىمان ئىـس - تۈتەك كۆتۈرۈلۈپ، جاھاننى قاراڭغۇلۇق بېسىـپ ئۆيـلـەر ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، كىشىلـەر پـاتىپاراقـچىـلىقتا قـالـغـان. ھازىـرقـى شۇەنۋۇمېن ئىچكى كوچىسى (مىـڭـشـۇنچېڭ قوۋۇقى كوچىسى)دىـن فۇشىڭمېن كوچىسىنىڭ جەنۇبىي قىسمى (مىڭ سۇلالـىـسىـنىڭ زىندان پىرقىسى كوچىسى)غىچە بولغان6 كىلومېتىرلىق دائىـرە خىش - كاھىشلارغا تولغان. تارىخىي ماتېرىياللاردا خاتىرىلىنـىـشـىـچـە، چـاڭئەن كوچىسى ئەتراپىدا ئاسماندىن ئادەمنىڭ بېشى ياكى بېشىدىكى ئەزالار پارچىلىنىپ چۈشكەن؛ دېشىڭمېننىڭ سىرتىغا ئادەمنـىـڭ بـىلىكى، پۇتى توپلانغان. ئادەتتىكى چاغلاردا خاننىڭ مەپىسىنى تارتىدىغـان، مال - دۇنياسىنى ئارتىدىغان پىلمۇ چۆچۈپ كېتىپ نۇرغۇن ئادەمنى دەسسەپ ئۆلتۈرگەن. شۇەنۋۇمېن ئەتراپىدا جەسەتلەر تاغدەك دۆۋىلىنىپ ئەتراپنى سېسىقچىلىق قاپلىغان. ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر بۇنى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولىدىغانـلـىـقـىـنـىـڭ بېشارىتى، دەپ قارىغان.300
نەچچە يىلدىن بۇيان تارىخشۇناسلار ۋە ئالىملار مۇشۇ قېتـىـمـقـى غەلىتە ئاپەتنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە ئىزچىل ئىزدەنمەكتە.
كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىمقى ئاپەت ئەينى چاغدىكى پارتلاش مەركىزىگە جايلاشقان قول سانائەت ھەربىي قورال - ياراغ ئۇستىخانىسى − ۋاڭگۇڭ ئۇستىخانىسىدىكى مىلتىق دورىسىنىڭ پارتلىشىدىن كېلىپ چىققان، شـۇڭـا، بـۇ قـېـتىـمقى ئاپەت »ۋاڭـگـۇڭ ئۇستىخانىسىدىكى غەلىتە ئاپەت« دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بـىـراق، پارتلىتىش مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ ھېسابلىشىـچـە، تـارىـخـىـي ماتېـرىـياللاردا خاتىرىلەنگەن غەلىتە ئاپەتنىڭ ئېنېرگىيىسى30 مىڭ توننا قارا پوروخ پارتلىغاندىكى ئېنېرگىيىگە تەڭ ئىكەن، ۋەھالەنكى، ۋاڭگۇڭ ئۇستىخانـىـسـىدا ساقلانغان مىلتىق دورىسـى ئەڭ كـۆپ بـولـغـانـدىـمۇ نـەچـچـە يـۈز توننىدىن ئاشمايدىكەن، ئۇنىڭ نەچچە چاقىرىم يىراقلىقتىكى زىجىنچېڭدا »20 نەچچە تۈپ دەرەخنى يىلتىزىدىن قومۇرۇۋېتىشى«، قـورۇ ئىچىدە »نەچچە جاڭ چوڭقۇرلۇقتىكى ئازگال پەيدا قىلىشى«دەك زور ۋەيـران قىلىش كۈچى يوقكەن.
يەنە بەزىلەر ئەينى ۋاقـىـتـتـا ئىـچـىـدە ئوت بـار »قـارا قۇيۇن« كۆتۈرۈلگەنلىكى، »شىئەنمېن ئەتراپىدا كـېـپـەكـتـەك، گۈرۈچتەك تۆمۈر ئۇۋاقلىرىنىڭ تۆكۈلگەنلىكى ھەمدە يۆنىلىشلىك زەربە دولقۇنى، مېتېئورىت ئازگىلى بارلىقىغا ئائىت خاتىرىلەرگە ئاساسەن، بۇ ئاپەتنىڭ سـەۋەبـى تـۇنگـۇستىكى زور پارتلاشنىڭكىگە ئوخشىشىپ كېتىدۇ، ئۇنى مېتېئورىتـنـىـڭ چـۈشـۈشـى پەيدا قىلغان، دەپ قارايدۇ. بىراق،1626 - يىلىدىن كېيـىـن، پارتلاش نەق مەيدانىدىن ھېچقانداق مېتېئورىت ئىزى بايقالمىدى.
سېيسمولوگ (يەر تەۋرەشنى تەكشۈرگۈچى ئالىم)لارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئاپەتنى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئۇلار1623 ~1626 - يىللىرى بېيـجىڭنىڭ شـەھەر ئەتراپى ناھىيىلىرى ھەمدە تاڭشەن، باۋدىڭ قاتارلىق قوشنا جايلاردا كۆپ قـېتىم يەر تەۋرىگەن، ئاپەتتىن ئىلگىرى يەر نۇرى، يەر ساداسـى، يەر تـەۋرەش بۇلۇتى قاتارلىق بېشارەتلەر كۆرۈلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە تـارىخىي كـىـتابلاردا خاتىرىلەنگەن بېيجىڭنىڭ شەرقىي شىمالىغـا جـايلاشقان مىيۈن ناھىيىسىدە يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشنىڭ ۋاقتى بىلەن ۋاڭگۇڭ ئۇستىخانىسىدا پارتلاش يۈز بەرگەن ۋاقىت ئۇدۇل كېلىدۇ، ۋاڭگۇڭ ئۇستىخانىسىدىكى پارتلاش يەر تەۋرەشنى بېسىپ كەتكەن، لېكىن ئەسلىي جىنايەتچى يەر تەۋرەش ئىدى، دەپ قارايدۇ. بىراق، بۇ خىل پىكىرمۇ مۇكەممەل ئەمەس، نېمە ئۈچۈن تارىخىي كىتابلاردا غەرب، جەنۇب تەرەپتىكى ئاپەت ئەھۋالىلا خاتىرىلەنگەن، شەرق ۋە شىمال تەرەپلەردە ھېچ ئىش بولمىغان؟
يۇقىرىقىلاردىن باشقـا يـەنـە10 نـەچـچـە خـىـل قـىـياس ۋە تـەھلىل بـار. ھەر خىل قاراشلارنى ئومۇملاشتۇرۇپ، تارىخىي مـاتـېـرىـيـاللاردا خاتىرىلەنگەن ئاپەت جەريانـى، بـۇزغـۇنـچـىـلـىـقـقـا ئۇچـراش دائىـرىـسـى، تالاپەتنىڭ ئېغىرلىقىغا دائىر پاكىتلارنى نەزەرگە ئالغاندا، بۇ ۋەقەدە تەبـىئىـي ئاپەتنىڭ ئاساسلىق ئورۇندا تۇرىدىغانلىقى، مىلتىق دورىسى پارتلىـشـىنىڭ قوشۇمچە رول ئوينىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇ، بـىـراق، بـۇ تەبىئىي ئاپەتنىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ياكى بىـرنـەچچە خـىـل تەبىئىـي ئاپەتنىڭ بىرلىكتە پەيدا بولۇشىدا قانداق سـەۋەب - نەتىجە مۇناسىۋىتى بارلىقى، مىلتىق دورىسى پـارتـلـىـشـىنىڭ قـانـچـىـلـىـك تـەسىر كۆرسەتكەنلىكى توغرىسىدا تا ھازىرغىچە ئادەمنى قايىل قىلغۇدەك يەكۈن چىقىرىلمىدى.