كوسموماتكا
يېڭىچە قوراللار
كوسموماتكا − ئاسماندىكى ھەربىي پاراخوت. ئۇ غـايـەت زور ئالـەم كېمىسى بولۇپ، يەر يۈزىدىن36 مىڭ كىلومېتىر يىراقـلـىـقـتـىـكـى يـەر شارى بىلەن ماس قەدەملىك ئوربىتىدا يۈرىدۇ. ئۇ4 ئالەم ئايـروپـىلانـى،3 ئالەم سۆرەلمە كېمىسى،1 ئوربىتـا يـېـقـىـلـغـۇ ئامـبـىـرى ۋە1 ئالـەم تەمىنات پونكىتىنى باشلاپ ئالەم بوشلۇقىـنـى چـارلايـدىـغـان ئالەم كـېـمـە ئەترىتى. بۇنىڭ ئىچىدە ئالەم ئايـروپىلانى كوسموماتكىدىن ئۇچۇپ چىقالايدۇ ھەم ئۇنىڭغا قونالايدۇ.
كوسموماتكىدا ئالەم بوشلۇقى جەڭچىلىـرى بـولۇپ، ئۇلار100 گـە يېقىن ئالەم ئۇچقۇچىسىدىـن تـەشـكـىـل تـاپـىـدۇ. ئۇلار مـەخـسـۇس ئالـەم بوشلۇقى جەڭ تەلىم - تەربىيىسىنى ئالـغـان، ئالـەم بـوشـلـۇقـىـدا ئاخـبـارات ئىگىلەش ۋە دۈشمەن نىشانىغا زەربە بېرىشكە ماھىر. قـومـانـدانـلـىـق ئورنـى كوسموماتكىغا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، باشقا ئەزالار ھەرقايسى ئالەم ئۇچـۇش ئۈسكۈنىلىرىگە تارقىلىدۇ ھەم كېمىلەردە ئۆزئارا ئورۇن ئالماشتۇرالايدۇ.
كوسموماتكىدا ئىشلىتىدىغان ياراغلار قۇرۇقلۇقتىكى ياكى ئايـروپـىلاندىكـى ياراغلارغا ئوخشىمايدۇ. ئۇنىڭدا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە راكـېـتـادىـن بـاشـقـا، ئاساسەن، يۆنىلىشلىك دەستە ئېنېرگىيىسى دەپ ئاتىلىدىغان ياراغ ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ياراغدىن قويۇپ بېرىلىدىغىنى سىنارەد بولماستىن، بەلكى تېزلەتكۈچتىن ئېتىپ چىقىرىلـغـان يۇقىرى سۈرئەتلىك ئېلېكترون، پروتـون ۋە ئېـغـىـر ئىئـون قاتارلىق زەرەتـلـىـك زەررىچە ئېقىمى بولۇپ، نىشاننىڭ ئەجەللىك قىسمىغـا زەربـە بـېـرىـپ، ئۇنـى يۇمشىتىدۇ، ئۇنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىدۇ، ئۇنى تېشىپ ئۆتىدۇ، كۆيدۈرۈۋېتىـدۇ. لازېـر زەمبىرەك ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى قۇدرىتى ئەڭ كۈچلۈك بىـرى، بـىـراق ئۇ لازېر نۇرى دەستىسىنى ئېتىپ چىقىرىدۇ، ئۇ تەسىر قىلغان ئىـنـتـايـىـن كىچىك يۈزدە ئاتوم بومبىنىڭ1 مىليون ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغـان ئېنېرگىيە ھاسىل بولىدۇ.
ئالەم بوشلۇقى يېقىلغۇ ئامبىرى، ئالەم بوشلۇقى تەمـىـنـات پـونـكـىـتـى كوسموماتكا بىلەن ئۇچرىشىپ، يېقىلغۇ ۋە ماددىي ئەشيانى بەرگەندىن كېيىـن ئاجراپ كېتىدۇ. ئالەم ئايروپىلانى يەر يۈزىگە بېرىپ - كېلىپ ئادەم ئالماشتـۇرىـدۇ، يارىدارلارنى توشۇيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئالەم ئايـروپـىلانىدىن بىـرنـى «ئالەم بوشلۇقىدىكى قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى» غا ئۆزگەرتىپ، يېنىـك يـارىلانـغـانلارنى ئۇنىڭدا قۇتقۇزۇش ۋە داۋالاشقا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ يەر يۈزىـگـە قـايـتـىـشىـنـىـڭ ھاجىتى يوق.