توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ
يېڭىچە قوراللار
ئالەم بوشلۇقى تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگـىـشـىـپ، كـەلـگـۈسـى ئۇرۇش ساھەسى ئالەم بوشلۇقىغا كېڭىيىدۇ. ئالەم بوشلۇقى ياراغلىرىـنـىـڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئالەم ياراغلىرىغا قارشـى ياراغلارمـۇ بارلىققا كەلدى، توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ مانا شۇلارنىڭ بىر خىلى.
توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھ دۈشمەن تەرەپنىڭ ئالەم ئۈسكۈنىلىرىنىـڭ ھەرىكىتىنى توسىدۇ ۋە ئۇنى ۋەيران قىلىدۇ، بۇ ئايـروپـىلانلارنىڭ ھاۋا ئۇرۇشىـغا ئوخشىمايدۇ. ئايـروپـىلان بولسا قانىتى ئۇچرايدىغان ھاۋانىڭ ھەرىكەتلـەنـدۈرگـۈچ كۈچىنىڭ تەسىرى بىلەن ھاۋادا ئۇچۇش لىنىيـىـسـىـنـى ئۆزگـەرتـەلـەيـدۇ. ھالبۇكى، يەر شارىنىڭ سىرتـىـدىـكـى بـوشـلۇقـتـا ئاتـمـوسـفـېـرا بولمىغاچقا، سۈنئىي ھەمراھ يۆنىلـىـشـىـنـى ئۆزگـەرتـىـش ئۈچـۈن سۈرئىتىنى ئۆزگەرتىشكىلا تايىنىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئېنېرگىيە سەرپ قىلىشـقـا توغرا كېلىدۇ، ھالبۇكى، سۈنئىي ھەمراھتىكى ئېنېرگىيە چەكلىك بولىدۇ.
توسۇغۇچى سۈنئىي ھەمراھنىڭ بوشلۇقتىكى بىر قېتىمـلـىـق تـوسـۇپ زەربە بېرىشىنى تەشكىللەشتە، ئۈچ جىسىم − قويۇپ بېرىش سۇپىسى، نىشان ۋە توسۇغۇچى ئارىلىقىدىكى نىسپىي ھەرىكەتنى نەزەرگە ئېلىش كېـرەك، بـۇ ئايـروپـىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشـتـىـن خـېـلـى مـۇرەكـكـەپ. بۇنىڭدا يـادرو پارتلىغاندا ھاسىل بولغان رادىئاتسـىـيـە ئېـفـفـېـكـتـى ئارقىـلـىـق سـۈنئىـي ھەمراھنىڭ قۇرۇلمىسىنى گۇمران قىـلـىـپ، سـۈنئىـي ھەمـراھتـىـكى تـوك يوللىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋاسـىـتـە. سـابـىـق سـوۋېـت ئىتتىپاقى تەجرىبە قىلىپ ياسىغان توسـۇغۇچـى سـۈنئىـي ھەمـراھ نـىـشان سۈنئىي ھەمراھىغا يېقىنلاشقاندا ئۆزلۈكىدىـن پـارتلاپ، زور مـىـقـداردىـكـى پارچىلارنى ھاسىل قىلىپ، نىشـان سـۈنئىـي ھەمـراھىـنـى يـوقـىـتـىـدۇ. توسـۇغۇچـى سۈنئىي ھەمراھ نىشاننى نازۇك يېتەكلىنىدىغان راكېتا قويۇپ بېرىپ يوقاتسىمۇ بولىدۇ، ئۇ مۇئەييەن ئوربىتا ھەرىكەت ئىقتىدارىـغـا ئىـگـە بـولـۇپ، °5 − °10 لـۇق دائىرىدە ئوربىتىدىكى ئېغىش بۇلۇڭـىـنـى ئۆزگتىپ،150 −2000 كىلومېتىر ئېگىزلىك دائىرىسىدىكى سۈنئىي ھەمراھنى توسۇيالايدۇ.
ئامېرىكا، بىر تەرەپتىن، سۈنئىـي ھەمـراھ توسۇغۇچـى لازېـرنى تەتقىق قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىـن، سـۈنئىـي ھەمـراھقـا قـارشـى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى تەتقىق قىلىـپ يـاسـاۋاتـىـدۇ. بـۇ خـىـل سـۈنئىـي ھەمراھقا قارشى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئەمـەلـىـيـەتـتـە قـاتـتـىـق يېقىلغۇلۇق باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بولۇپ، نىشاننى يۇقىرى سۈرئەتتە سـوقـۇلـۇش ئارقىلىق ۋەيران قىلىدۇ.