ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان قوراللار
يېڭىچە قوراللار
ئېلېكترون تېخنىكىسى تېز تەرەققىي قىلغانلىقى ئۈچۈن، ھازىرقـى زامـان ئۇرۇشىدا، تانكا، ئايـروپىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، سـۈنئىـي ھەمـراھنىـڭ ھەر بىر ھەرىكىتى رادار ۋە باشقا تۈرلۈك فوتو ئېلېكـتـرىـك تـەكـشـۈرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بولىدۇ. ھۇجۇمچىلار نىشانغـا يـەتـمـەي تۇرۇپلا بايقىلىپ قېلىپ، زەربىگە دۇچ كېـلـىـدۇ، شـۇڭـا ئالىملار ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ياراغلارنى ياسـاشـقـا بـاشـلـىـدى. ئۆزىـنـى يوشۇرالايدىغان ياراغلار دېگىنىمىز پەن - تېخنىكىدىن پايدىلىنـىـپ تـۈرلـۈك ياراغلارنى نىقابلاش ئارقىلىـق، ئۇلارنـى رادارغـا بـايـقـاتـقـۇزمـاي ئۆزىـنـىـڭ تۇيۇقسىز زەربە بېرىش، مۇداپىئە كۆرۈش ئىقتىدارى ۋە ياشاش ئىقتىدارىنـى ئۆستۈرۈشنى كۆرسىتىدۇ.
ئالىملارنىڭ بايقىشىچە، رادار تارقاتقان دولقـۇن مـەلـۇم تـوسـالـغـۇلارغـا ئۇچرىغاندا، رادار ئېكرانىدا ئۇنىڭ قايتما دولقـۇنـى ئەكـس ئېـتـىـدىـكـەن، ئەگەر ئىلغار تېخنىكىلار قوللىنىلىپ، راداردا ئەكس ئەتكەن دولقۇن سۈمۈرۈۋېلىنسا، يـاكـى ئېلېكترونلۇق كاشىلا ئارقـىـلـىـق رادارنـىـڭ ئەكـس دولـقـۇنى يوقىتىۋېتىلسە، يوشۇرۇنۇش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدىكەن.
ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ياراغلارنى يـاسـاشـنـىـڭ مـۇنـداق ئۈچ خـىـل ئۇسۇلى بار: بىرىنچى، ياراغنىڭ قۇرۇلما تاشقى شەكـلـىـنـى ئۆزگـەرتـىـپ، رادارغا قايتىش كەسمە يۈزىنى كىچىـكـلـىـتـىـش ئارقـىـلىـق، راداردا ئەكـس ئېتىدىغان كەسمە يۈزنى كىچىكلىتىش؛ ئىككىنچى، رادار سـىـگـنـالـىـنـى سۈمۈرۈۋالالايدىغان ماتېرىياللارنى ئىشلىتىش، مەسىلەن، مـېـتـالـنـىـڭ يـۈزىگە رادار دولقۇنىنى سۈمۈرۈۋالالايدىغان بىر قـەۋەت بـويـاق سـۈرتـۈپ قويۇلسا، بۇنداق ياراغ دۈشمەننىڭ رادار ئېكرانىدىن يوقىلىدۇ؛ ئۈچـىـنـچـى، ئېـلـېـكـتـرونـلـۇق قارشىلىشىش ئۈسكۈنىلىرىـنـى ياخشىلاپ، دۈشـمـەن تـەرەپـنـىـڭ رادار ئازىمۇتىنى تېز سۈرئەتتە توغرا ئېنىقلاپ، كۈچلۈك كاشـىلا پەيدا قىلىش ياكى ئالداش.
ھازىر ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان بومباردىمانچى ئايـروپـىلانـى ۋە كۈرەشچى ئايـروپـىلانى ئەمەلىي جـەڭ بـاسـقـۇچـىـغـا كىردى، ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان چارلىغۇچى باشقۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدمۇ تەتقىق قىلىنىپ ياسالدى. ھازىر، ئۆزىنى يوشۇرالايدىغان ھەربىي پاراخوتـمـۇ دۇنـيـاغـا كېلدى، ئۇ كەلگۈسى دېڭـىـز ئۇرۇشلىرىدا ئۆز «ھايـاتـىـي كـۈچ» ىنى نامايان قىلغۇسى.