ئىككىلەمچى ئاۋاز قوراللىرى
يېڭىچە قوراللار
چەت ئەللەردە ئوق، سىنارەد ھەم لازېر نۇرى ئىشلىتىلمەستىن، بەلكى، ئاۋاز دولقۇنى ئوق قىلىنىپ دۈشمەننى ئۆلتۈرىدىغان، يارىلاندۇرىدىغان ياراغلار تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ، مانا بۇ ئىككىلەمچى ئاۋاز ياراغلىرىدۇر.
تەبىئەت دۇنياسى تۈرلۈك ئاۋازلار بىلەن تولغان بولىدۇ. ئاۋازنىڭ يۇقىرى - تۆۋەنلىكىنـى ئاۋاز چاستوتىسى بەلگىلەيدۇ. چاستوتىنىڭ بىرلىكى «ھېرتس»، چاستوتـىسى20 مىڭ ھېرتستىن يۇقىرى ئاۋازلار ئۇلترا ئاۋاز دولقۇنى،20 ھېرتستىن تۆۋەن بولغانلىرى ئىككىلەمچى ئاۋاز دولقۇنى دەپ ئاتىلىدۇ، بۇنـى ئادەم ئاڭلىيالمايدۇ. ئوخشاش بولمىغان ئاۋاز دولقۇننىڭ ئادەمنىـڭ سـەزگـۈسـى، روھىي ھالىتىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى تۈپتىن ئوخشاش بولمايدۇ. لـەرزان ھەم ھېسسىياتلىق ناخشا ئاۋازى كىشىنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇرىـدۇ؛ ھەيـۋەتـلـىـك ھەم ياڭراق ئاتاكا سىگنالى جەڭچىلەرنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۇرغۇتىدۇ؛ تۈرلۈك شاۋقۇنلار ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. چاستوتىـسـى20 ھېرتستىن تۆۋەن ئىككىلەمچى ئاۋازلار ئادەم بەدىنىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىـدۇ، بولۇپمۇ چاستوتىسى7 ھېرتستىن تۆۋەن بولغان ئىككـىـلـەمـچـى ئاۋازلار ئادەمنىڭ مۇسكۇللىرىنى تارتىشتۇرىدۇ، پۈتۈن بەدەننى تىترىتىدۇ، نەپەسنى قىيىنلاشتۇرىدۇ، نېرۋىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ئىككىلەمچى ئاۋاز كۈچىنىشى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە، سۇسىزلىنىش خاراكتېرىدىكى شوك بولۇش، سېزىمنى يوقىتىش، قان تومۇر يېرىلىش، ئىچكى ئەزا زەخىملىنىشنى پەيدا قـىـلـىـدۇ، ئاخىرىدا ئۆلۈمنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئىككىلەمچى ئاۋاز ئادەم بـەدىنىدىكى مۇسكۇل، ئىچكى ئەزالاردا ئەزەلدىن بار تەۋرىنىش چاستـوتىسى بىلەن ماسلىشىپ، مۇسكۇل ۋە ئىچكى ئەزالاردا رېزونانس پـەيدا قىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، ئادەم بەدىنىگە زىيان يەتكۈزىـدۇ.1906 - يـىـلـى، چـار روسسىيىنىڭ بىر ئارمىيىسى مەلۇم چوڭ كۆۋرۈكتـىـن ئۆتۈۋاتـقانـدا، تـەڭ تاشلانغان قەدەم بىلەن كۆۋرۈكتە كۈچلۈك رېزونانس پەيدا بولـۇپ، كۆۋرۈك گۈمۈرۈلۈپ چۈشۈپ تراگېدىيە يۈز بەرگەن. ئىككىلەمچى ئاۋاز ياراغلىرىنىڭ ئادەملـەرنـى ئۆلتۈرۈش، يارىلاندۇرۇشىنىڭ سىرى رېزونانس قائىدىسىدىن پايدىلانغانلىقىدا. ئىككىلەمچى ئاۋازنى ئادەم ئاڭلىيالمىغاچقا، كىشىلەر ئىككىلەمچى ئاۋازنى «گاچـا ياراغ» دەپ ئاتايدۇ.
ھازىر تەتقىق قىلىنىۋاتقان ئىككىلەمچى ئاۋاز ياراغلىرىنى مۇنـداق ئىـككى خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ: بىرى، نېرۋا تىپىدىكى ئىككىلەمچى ياراغ، ئۇنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى ئىنسانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى ئالفا (α) رىتىمـى بـىلەن ئىنتايىن يېقىنلىشىدىغان بولغاچقا، رېزونانس پەيدا بولغاندا، ئادەمـنىـڭ چوڭ مېڭىسىنى كۈچلۈك غىدىقلايدۇ؛ يەنە بىرى، ئىچكى ئەزا تىپىدىكـى ئىـككىلەمچى ئاۋاز ياراغ، ئۇنىڭ تەۋرىنىش چاستوتىسى بەدەننىڭ ئىچكى ئەزالىرىدا ئەزەلدىنلا بار تەۋرىنىش چاستوتىسى بىلەن يېقىنلىشـىـدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئىچكى ئەزالاردا كۈچلۈك رېزونانس ھاسـىـل بـولـۇپ، ئۆلـۈم پەيدا بولىدۇ.