UyghurWiki
UyghurWikiيېڭىچە قوراللارلازېر قوراللار

لازېر قوراللار

يېڭىچە قوراللار 1975- يىلى باش قىشنىڭ مەلۇم كۈنى، ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىـپـتـىـكـى ئىككى سۈنئىي ھەمراھى سوۋېت ئىـتـتـىـپـاقـىـنـىـڭ سـىـبـىـرىـيـىـدىـكـى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد قويۇپ بېرىش مەيدانى بوشلۇقىدا رازۋېدكـا قىلىدۇ، تـوسـاتـتـىـنلا يـورۇق نـۇر چـاقـنـاپ، ئىـكـكـى سـۈنئىـي ھەمـراھ كونتروللۇقىنى يوقىتىپ «كۆرمەس» بولۇپ قـالـىـدۇ. نـەچـچـە سـېـكـۇنـت ئىچىدىلا قىممىتى نەچچە مىليون دوللارلىق يـېـڭـى تىپتىكى رازۋېدكا سۈنئىي ھەمراھى كاردىـن چـىـقـىـدۇ. بـۇ، سـوۋېـت ئىتتىپاقىنىڭ يەردىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان سۈنئىي ھەمراھقا قارشى لازېر يارىغىنىڭ تۆھپىسى ئىدى. ئادەتتە، مىلتىق، زەمبىرەكلەردىن ئوق، سىنارەدلەر ئېتىلـىـدۇ، لازېر ياراغلاردىن «فوتۇن ئوق» دەپ ئاتىلىدىغـان بـىـر خـىـل نـۇر دەستىسى ئېتىلىپ چىقىدۇ. فـوتـۇن ئوقــنـىـڭ كـۆيـدۈرۈش، سـوقـۇش، رادىئاتسىيىدىن ئىبارەت ئۈچ خىل ئىقتىدارى بولۇپ، نىـشـانـنـى تـېـشـىـپ ئۆتـەلـەيـدۇ، پارچىلىۋېتەلەيدۇ، گۇمران قىلالايدۇ. لازېر نۇرى دەستىسىنىـڭ سـېـكـۇنـتـلـۇق سـۈرئىـتـى300 مـىـڭ كىلومېتىر بولۇپ، تۈز يۆنىلىش بويىچە ئىلگـىـرىـلـەيـدۇ، شـۇڭـا، نـىـشـانـغـا توغرىلانسىلا دەل تېگىدۇ. لازېر ياراغلار ئىنېرتسىـيىـسـىـز ياراغلار بولۇپ، ئاتقاندا ئارقىغا تېپىش كۈچى ھاسىل بولمايدۇ، قارىغا ئېتىش يۆنىلىـشـىـنى جانلىق ھەم تېز ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، ئېتىشنىڭ دەلـلـىـكـى ۋە ئۈنـۈمـىـگـە تەسىر يەتمەيدۇ. لازېر ياراغلار تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازېر ياراغلار ۋە يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك لازېر ياراغلار دەپ ئىككى خىلغا ئايرىـلـىـدۇ. تۆۋەن ئېنېرگىيىلىك لازېر ياراغلار كىچىك تىپتىكى لازېـرلىق قۇرۇلما بولۇپ، يەككە دۈشمەنگە ئېتىشقا ئىشلىـتـىـلـىـدۇ، بـۇ ئۇلارنى ئەمـا قىلىدۇ، ئۆلتـۈرىـدۇ يـاكـى كـىـيـىـم - كـېـچىـكـىـگـە ئوت تـۇتـاشـتـۇرۇپ جەڭگىۋارلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتـتـا، لازېـرلىق ياكى ئىنفرا قىزىل نۇرلۇق ئارىلىق ئۆلچەش ئەسۋابـى، تـۈرلـۈك كـېـچـىـدە كۆرۈش ئەسۋابلىرىنىڭ نۇر سېزىش زاپچاسلىـرىـنـى زەخىـمـلـەنـدۈرىـدۇ، كاردىن چىقىرىدۇ. بۇ لازېر مىلتىق، ياراغلار ئەمـا قـىـلـىـش لازېر يارىغى، لازېر تاپانچا قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچـىـگـە ئالـىـدۇ. يـۇقـىـرى ئېنېرگىيىلىك لازېر ياراغلار چوڭ تىپتىكى لازېر نۇر قـۇرۇلـمـىـسـى بولۇپ، ئىنتايىن يۇقىرى لازېر نۇرى ئېنېرگىيـىـسـىـنـى قـويـۇپ بـېـرىـدۇ، ئاساسەن، دۈشمەننىڭ تانكا، ئايـروپـىلان، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە سۈنئىـي ھەمراھ قاتارلىق قۇدرىتى بىرقەدەر زور ھەربىي نىشانى ياكى چوڭ تىپتىكى ياراغ قۇرۇلمىلىرىنى يوقىتىشتا ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ياراغلار قويۇق تۇمان قاپلىغان ياكـى يـامـغـۇر، قـار يـاغـقـان ۋاقىتلاردا قۇدرىتىنى جارى قىلدۇرالمايدۇ، شۇڭا، ھاۋا ئوچـۇق كـۈنـلـىـرىلا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر لازېر مىلتىق ئىشلىتىـلـىـۋاتىـدۇ؛ لازېـر زەمبىرەكمۇ تەجرىبە قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىـلـدى، مـاشـىـنـا، پاراخوت، سۈنئىي ھەمراھلاردا ئېلىپ يۈرۈلىدىغان لازېر ياراغلارمۇ تەتقىق قىلىنىپ ئىشلىنىۋاتىدۇ. لازېر ياراغلار كەلگۈسىدىكى ئۇرۇشتـا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتكۈسى.
← بارلىق تېمىلار يېڭىچە قوراللار
لازېر قوراللار | UyghurWiki | UyghurWiki