UyghurWiki
UyghurWikiيېڭىچە قوراللارماشىنا ئەسكەرلەر

ماشىنا ئەسكەرلەر

يېڭىچە قوراللار دۇنيادا ھازىر تۈرلۈك شەكىلدىكى «ماشىنا ئەسكەر» لەر تەتقىـق قـىـلـىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ، ئۇلار قاراۋۇللۇق قىلالايدۇ، چارلاش ۋەزىپىلىرىنى ئىجـرا قىلالايدۇ؛ «ساپيور ئەسكەر» لەرنىڭ ئورنىدا مىنا كۆمۈش، مىنا تازىلاش قـاتارلىق خەتەرلىك مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى ئۈستىگە ئالالايدۇ؛ «رازۋېدكىچـى ئەسكەر» بولۇپ، دۈشمەن ئارقا سېپىگە بېرىپ، تۈرلۈك مۇرەككەپ ھەم خـەتـەرلىك رازۋېدكا ۋەزىپىلىرىنى ئورۇندىيالايدۇ، ئۇنىڭدىن باشـقـا، «سـۇ ئاسـتـى ئەسكەرلىرى» نىڭ ئورنىدا دۈشمەن سۇ ئاستى پاراخوتىنىڭ ئورنىنى بەلگىلىيەلەيدۇ، تورپېدانى ئاپتوماتىك قويۇپ بېرىپ، نىشاننى گۇمران قىلالايدۇ. جەڭ مەيدانلىرىنىڭ يەر شەكلى مۇرەككەپ بولغاچقا، قۇرۇقـلـۇقـتـىـكـى نۇرغۇن جايلاردا ئاپتوموبىللار يۈرەلمەيدۇ. بەزى دۆلەتلـەر يـەنـە ھەر خـىـل شەكىلدىكى «ماڭالايدىغان ماشىنا» نى تەتقىق قىلىپ ياسـاۋاتـىـدۇ، ئۇلار جـەڭ مەيدانلىرىدا توسالغۇسىزمېڭىپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى ئورۇندىيالايدۇ. ماشىنا ئادەم ھېرىپ - چارچاشنى بىلمەيدۇ، خېيىمخەتەردىن قـورقـمـاي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، ئادەمنىڭ «قوماندانلىقى» غا مۇتلەق بـويـسـۇنـىـدۇ، ئۇلار كەلگۈسى جەڭ مەيدانلىرىدىكى كۆڭۈلدىكىدەك «جەڭچى». ھازىر ئامېرىـكـا قۇرۇقلۇق ئارمىيىسى تەتقىق قىلىپ ياساۋاتقان ھەربىي ماشىنا ئادەمـلـەردىـن ئاپتوموبىللارنى قۇتقۇزغۇچى، قوغدىغۇچى ماشىنا ئادەم، مىنا ئورۇنلاشـتـۇرغۇچى ماشىنا ئادەم، مىنا تازىلىغۇچى ماشىنا ئادەم، «پىيادە ئەسكـەرلـەر ئاۋانگارتى» ماشىنا ئادىمى، مەھەللىلەرنى رازۋېدكا قىلغۇچى ماشىنا ئادەم، تاكتـىكىلىق رازۋېدكا ماشىنا ئادىمى ۋە تۈتۈن قويۇپ بەرگۈچى ماشـىـنـا ئادەم قاتارلىقلار بار. ھەربىي ماشىنا ئادەملەرنىڭ جابدۇندۇرۇلۇشى ۋە ئىشلىتىـلـىشى كەلگۈسىدىكى جەڭگە زور تەسىر كۆرسىتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار يېڭىچە قوراللار