مىكرو دولقۇنلۇق قوراللار
يېڭىچە قوراللار
مىكرو دولقۇنلۇق ياراغ دېگىنىمىز، كۈچلۈك مىـكـرو دولـقـۇن ھاسـىـل قىلغۇچ ۋە يۇقىرى ئېشىشلـىـق يـۆنـىـلـىـشـلـىـك ئانـتـېـننـا ئارقـىـلىـق توپلاشتۇرۇلغان كۈچلۈك مىكرو دولقۇن دەستىسىنى ئېتـىـپ چـىـقـىـرىـپ، نىشانغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان بىر خىل ياراغنى كۆرسىتىدۇ، بەزىلەر ئۇنـى «رادىئو چاستوتىلىق ياراغ» دەپ ئاتايدۇ.
بۇ خىل ياراغنىڭ ئادەمنى زەخىملـەنـدۈرۈش پـرىـنـسـىـپـى «غـەيـرىي ئىسسىقلىق ئېففېكتى» ۋە «ئىسسسىقلىق ئېففېكتى» دىن ئىبارەت ئىككى خىلغا ئايرىلىدۇ، غەيـرىي ئىسسىقلىق ئېففېكتى پسىخىك ۋە تۈرلۈك ئىقتىدارلارنىڭ چېكىنىشى، مەسىلـەن، مىكرو دولقۇن دەستىسىنىڭ رادىئاتسىيىسىـدە بـاش ئاغـرىـش، نـېـرۋىـدىـن ئادىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىسسسىقلىق ئېففېكـتـى تـېـرىـنىـڭ كۆيۈشى، ئىچكى توقۇلمىلارنىڭ كۆيۈشى، ھەتتا ئۆلۈشنى ئۆز ئىـچـىـگـە ئالـىـدۇ. مـىـكـرو دولـقـۇن ئېنېرگىيىسى يـوچـۇق، ئەيـنـەك يـاكـى تـالالاردىـن ئۆتـۈپ، ئاپتوموبىلنىڭ ئىچىگە كىرەلەيدۇ، شۇڭا، برونېلەنگەن ياراغلارنىڭ ئىچىدىكى خادىملارمۇ زەخىملىنىشتىـن ساقلىنالمايدۇ.
مـىـكرو دولـقـۇنـلـۇق ياراغ ئارقـىـلـىـق ھازىـرقــى زامــان ياراغ سىستېمىسىدىكى بىرقەدەر ئاجىز ئېلېكترونلـۇق ئۈسـكـۈنـە ۋە زاپـچـاسلارغـا ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى كاردىن چىقارغىلى ياكى بۇزغىلى بولىدۇ. كۈچلـۈك مىكرو دولقۇن رادىئاتسىيىسى دەقىقە ئىچىدە ئۆزگىرىدىغان ئېلېكتروماگـنـىـت مـەيـدانـى بولۇپ، نىشاننى توسۇپ تۇرغان مېتالنىڭ يۈزىدە ئىنـدۇكـتـىـۋ زەرەت ۋە ئېلېكتر ئېقىمىنى پەيدا قىلىپ، ھەر خىل يوچـۇقلار ئارقـىـلـىـق تـۈرلۈك ياراغلارنىڭ ئىچكى قىسمىغا كىرىپ توك يولىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ.
مىكرو دولقـۇنـلـۇق ياراغلار ئارقـىـلـىـق، ئايـروپـىلان، قـىـتئەلـەر ئارا ئۇچىدىغان باللىستىك بـاشـقـۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەد، چـارلـىـغـۇچـى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد، سـۈنئىـي ھەمـراھ، رادار، ياراغلارنـىـڭ كومپيۇتېر سىستېمىسى ۋە باشقا فوتو ئېلېكتـرىك ئۈسـكـۈنـىـلـەرگـە ھۇجـۇم قىلغىلى بولىدۇ، ئۇ نىشاننىڭ ئۆزىگە بۇزغۇنچـىـلـىـق قـىـلـمـايـدۇ، بـەلـكـى ئۇلارنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئېلېكترون ئۈسكۈنىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلـىـپ، ئۇلارنى جەڭگىۋارلىقىدىن مەھرۇم قىلىدۇ.