چاقماقتەك تېز زەررىچە قورال
يېڭىچە قوراللار
تەبىئەت دۇنياسىدا كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىـغـان ئېـلـېـكـتـرون، پروتون، تۈرلۈك ئىئون قاتارلىق مىكرو زەررىچىلەر بار. مۇشۇ ئىنتايىن ئۇششاق زەررىچىلەرنىـمـۇ «ئوق» ياكى «زەمبىرەك ئوقى» قىلىپ نىشاننى يوقاتقىلى بولىدۇ، بـۇ خـىـل ياراغلار زەررىچە ياراغ دەپ ئاتىلىدۇ.
ئېلېكترون، پروتون، ئىئون قاتارلىق زەررىچىلەر ئىنتايـىـن كـىـچـىـك بولسىمۇ، لېكىن سۈرئىتى چوڭايغانسېـرى ئۇلارنـىـڭ ئېـنـېـرگـىـيـىـسـىـمـۇ زورىيىدۇ. زەررىچىنىڭ سېكۇنتلۇق سۈرئىتى300 مىڭ كىلومېتىرلـىـق نـۇر سۈرئىتىگە يېقىنلاشقاندا، ئۇنىڭدىكى ئېنېرگىيە بارلىق جىسىملارنى تـېـشـىـپ ئۆتەلەيدۇ، يۇقىرى سۈرئەتتە ھەرىكەت قىلىۋاتقان بۇ مىـكـرو زەررىـچـىـلـەرنىڭ ھەربىرى ئىنتايىن زور ھەرىكەت ئېنېرگىيىسىگە ئىگە «زەمبىرەك ئوقى» غا ئايلىـنـىـدۇ. ئەگەر نۇرغۇن زەررىچىـلـەر يىغىلىپ قويۇق زەررىـچـە ئېـقـىـمـىـغـا ئايلاندۇرۇلسا، بۇنىڭ ئېنېرگىيىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ. مۇشۇنداق زەررىچە ئېقىمىـنـى نىشانغا ئاتقاندا، بارلىق مۇستەھكەم نىشانلارنى گۇمران قىلغىلى بولىدۇ.
زەررىچە ياراغلارنى، ياراغ سىستېمىسىنىڭ ئورنىغا ئاساسـەن، قۇرۇقلۇقتىن، پاراخوتتىن ۋە ھاۋا بوشـلـۇقـىـدىـن قـويـۇپ بېرىلىدىغان زەررىچە ياراغلارغا ئايرىشقـا بـولـىـدۇ. قـۇرۇقـلـۇقـتـىـن قـويـۇپ بېرىلىدىغان زەررىچە ياراغ، ئاساسەن، يـەر يـۈزىـگـە ئورۇنلاشـتـۇرۇلـىـدۇ، ئۇ ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرگەن قىـتئەلـەر ئارا ئۇچـىـدىـغـان باللىستىك سىنارەد قاتارلىق نىشانلارنى توسۇشـقـا ئىـشـلىـتـىـلـىـدۇ، ئۇ ئىستراتېگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد بازىسى قاتارلىق مۇھىم نـىـشـانلارنـى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ. پاراخوتتىن قويـۇپ بـېـرىـلـىـدىـغـان زەررىچە ياراغلار چوڭ تىـپـتـىـكـى پـاراخـوتلارغـا ئورۇنلاشـتـۇرۇلـىـدۇ، ئۇ ئاساسەن، پاراخوتلارنى پاراخوتقا قارشى باشقۇرۇلىدىـغـان سىنارەدلەرنىڭ زەربىسىدىن قوغداشتا ئىشلىـتـىـلـىـدۇ. ھاۋادىن قويۇپ بېرىلىدىغان زەررىـچـە ياراغلار بوشلۇقتىكى ئۇچۇش ئۈسكۈنىلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، ئاتموسفېـرا قەۋىتى سىرتىدا ئۇچىدىغان باشقۇرۇلىدىغـان سىنارەد ۋە بـوشـلـۇقتا ئۇچىدىغان باشقا ياراغلارنى توسۇشتا ئىشلىتىلىدۇ.
زەررىچە ياراغلارنىڭ سۈرئىتى نۇر سۈرئىتىگە يېقىنلىشـىـدۇ، شـۇڭـا، ئۇنىڭدا لازېر ياراغلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ھازىرلانغان بولۇپ، ئۇنى ھەر ۋاقىت نىشانغـا ئاتقىلى، ئېتىش يۆنىلىشىنى جانلىق تەڭشىگىلى، بىرلا ۋاقىتتا كۆپ نىشاننى توسقىلى بولىدۇ. ئېنېرگـىـيـە مەنبەسى يېتەرلىك بولسىلا، ئۇدا جەڭ قىلغىلى بولىـدۇ. ئۇنـىـڭـدىـن بـاشـقـا، زەررىچە ياراغلار مېتېئورولوگىيە شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمـايـدۇ، جەڭ قىلىش ئىقتىدارى لازېر ياراغلارنىڭكىدىنمۇ ياخشى.