گېن قوراللار
يېڭىچە قوراللار
ئىرسىيەت ئىنژېنېرىيىسىنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، سانـائەت، يـېـزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى ۋە داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش ئىشلىرىـدا يـېـڭـى تەرەققىياتلار بارلىققا كېلىپ، ئىنسـانلارغـا غـايـەت زور مـەنـپـەئەت ۋە گـۈزەل ئىستىقبال ئاتا قىلدى. بىراق، ئۇ ئۇرۇشقا ئىشلىتىلسە، ئىنسـانلارغـا غـايـەت زور ئاپەت ئېلىپ كېلىشىمۇ مۇمكىن. بەزى دۆلـەتـلەرنىڭ تـەتـقـىـق قـىـلـىـپ ياساۋاتقان گېن ياراغلىرى ئىنسانلارنىڭ نەسلىنى قۇرۇتىـدىـغـان مۇشـۇ خىل جىنايەتكار ياراغلاردۇر.
گېن ياراغلىرى دېگىنىمىز، ئىرسىيەت ئىنژېنېرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، كېسەللىك پەيدا قىلغۇچى مىكرو ئورگانىزملارنىڭ ئىرسـىـي گېنىنى سۈنئىي ئۆزگەرتىپ، خەۋپى تېخىمـۇ زور بـولـغـان يـېـڭـى بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى كۆرسىـتـىـدۇ، مـەسـىـلـەن، بىئولوگىك جەڭ دورىلىرىنىڭ «كېسەللىك پەيدا قىـلـىـش كـۈچـى زور گېن» ىنى يۆتكەپ، كېسەللىك پەيدا قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ كۈچلـۈك ئۇرۇش دورىلىرىنى ياساپ چىققىلى بولىدۇ؛ ياكى «دورىغا چىداملىق گېـن» نى يۆتكەپ، دورىغا تېخىمۇ چىداملىق يېڭى ئۇرۇش دورىـلـىـرىـنى يـاسـاپ چىققىلى بولىدۇ. ئەگەر بۇ بىرنەچچە خـىـل زىـيـانـلـىـق گـېـنـنـى بـىللە يۆتكىگەندە، خەۋپى تېخىمۇ زور بىئولوگىك ئۇرۇش دورىلـىـرىـنـى ياساپ چىققىلى بولىدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا تېتراتسىكلىنـغـا قـارشـى چـوڭ ئۈچـەي تاياقچە باكتېرىيىسىنىڭ ئىرسىي گېنى بىلەن پېنسىلىننىڭ رولىغا قارشى ئالـتـۇن رەڭلىك ئۈزۈمسىمان شار باكتېرىيىسى گېنىنى ئۇلىغـان، ئانـدىـن ئۇلـىـغـان مولېكۇلىنى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىگە كىرگۈزۈپ، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىككـى خىل ئانتىبىئوتىكلارغا قارشى يېڭى چوڭ ئۈچەي تاياقچە باكتېرىيىسىنى يېتىشـتـۈرۈپ چىققان. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىمۇ زەھىرى كۈچلۈك كۆزەينەكلىـك يـىلان توكسىنى گېنى بىلەن يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسى گېنىنى ئۇلاپ كۆزەينـەكـلـىـك يىلان توكسىنى بار يېڭى يۇقۇملۇق زۇكام ۋىرۇسىنى يېـتـىـشـتـۈرمـەكـچـى بولغان. ئەگەر كىشىلەر بۇ خىل يېڭى باكـتـېـرىـيـىـلـەرنـىـڭ ھۇجـۇمـىـغـا ئۇچرىسا، يۇقۇملۇق زۇكام كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلۈپلا قالماسـتـىـن، يەنە زەھەرلىك يىلان زەھىرىدىن يۇقۇملىنىش كېـسـەلـلـىـك ئالامەتـلـىـرى كۆرۈلۈپ، بىمار پالەچ بولىدۇ ياكى ئۆلىدۇ. يـەنـە بـەزى دۆلـەتـلـەر تـېـخـى ئىرسىيەت ئىنژېنېرىيىسىدىن پايدىلىنىپ، «ئىرقىـي ياراغلار» نـى ياساپ چىقىپ، بەزى مىللەت ۋە ئىرقلارنى تاللاپ يـوقـىـتـىـش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
گېن ياراغلارنىڭ بارلىققا كېلىشى بىلەن، ئىنسانلار يوقىلـىش خـەۋپـىـگـە دۇچ كەلدى، شۇڭا بۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشىلىـقـىـنـى قوزغىدى.