مـېـتـېئورولـوگـىـك قوراللار
يېڭىچە قوراللار
كىشىلەر قەدىمدىن بۇيان، جۇ گېلياڭنىڭ «شەرق شامىلى چىقىرىشـى»، بەي نياڭزىنىڭ «جىڭشەن تېغىنـى سـۇغـا بـاسـتـۇرۇشـى» لارغـا ئوخـشـاش، ھاۋا رايىنى ياراغقا ئايلاندۇرغان نۇرغۇن ئەپسانىـلـەرنى تـوقـۇپ چـىـقـقان. ھازىرقى زامان پەن - تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، ئۆتمـۈشـتـىـكى ئەپسانىلەر رېئاللىققا ئايلىنىۋاتىدۇ.
كىشىلەر بوران، بـۇلـۇت، قـار، يـامـغـۇر، ئىسسىق، سوغۇق قاتارلىق ھاۋا رايى ئۆزگىرىشلىرىنى سۈنئىي تىزگـىـنـلـەش ئارقىلىق، ئۆزىگە پايدىلىق، ئەمما دۈشمەنگە پايدىسىز بولغـان كـىـلـىـمـاتـنـى شەكىللەندۈرۈپ، دۈشمەننىڭ قارشىلىق كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى يوقىتىـپ، ئۇرۇشتىكى غەلىبىگە ئېرىشمەكچى بولۇۋاتىدۇ.20
- ئەسىرنىڭ40 - يىللىرىدىن ئېتىبارەن، كىشىلەر ئاتموسفـېـرادىـكـى ئىسسىق، سوغۇق، قۇرغاق، نەملىك، شامال، يامغۇر، بۇلۇت، قـار، قـىـرو ۋە چاقماق قاتارلىق كىلىماتلارنى ياراغ قىلىپ، ئۇرۇشقا خىزمـەت قـىـلـدۇردى، شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ئاجايىپ قۇدرىتىنى بارغانسېرى نامايـان قـىـلـدى.1943 - يىلى، ئامېرىكا ئۆز قىسىملىرىنىڭ دەريادىن ئۆتۈشىنى مۇھاپىزەت قىلىش ئۈچـۈن، ئىتالىيىنىڭ ۋولتاير دەرياسى قىرغىقىدا ئۇزۇنلۇقى5 كىلومېتىر، ئېگىزلىـكـى6 .1 كىلومېتىر كېلىدىغان سۈنئىي تۇمان توسۇقى پەيدا قىلىپ، قىسىمنىـڭ دەريادىن ئۆتۈش ۋەزىپىسىـنـى ئوڭـۇشـلـۇق تـامـامـلـىـغان.70 - يـىـللاردا، ۋيېتنامدىكى جەڭ مەيدانىدا، ئامېرىكا ئارمىيىسى سـۈنئىـي تـۇمـان تـوسـۇقـى ئارقىلىق جەنۇبىي ۋىتنام ئاخبارات خادىملىـرىـنـىـڭ شـىـمـالـغـا سـىـڭـىـپ كىرىشىنى مۇھاپىزەت قىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا، ئايـروپـىلاندىن پايدىلـىـنـىـپ، بەلگىلەنگەن دائىرىدىكى بوشلۇققا كۆپلەپ يامغۇر كاتالىزاتـورى چـېـچـىـپ، ھۆل - يېغىن، كەلكۈن پەيدا قىلىـپ قـاتـنـاشـنـى ئۈزۈپ تـاشلاپ، ۋيېـتـنام ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي ھەرىكىتىگە ناھايىتى زور قىيىنچىلىق تۇغدۇرغان.
يەنە بەزىلەر بەزى ئىلمـىـي ئۇسـۇللاردىـن پـايـدىـلـىـنـىـپ، دۈشـمـەن تەرەپتىكى ھۆل - يېغىن مىقدارىنى كۆپەيـتـىـپ، سـۈنئىـي كـەلـكـۈن پـەيـدا قىلىشنى ياكى يۇقىرى ئېقىمدىكى ھاۋا رايىنى كونترول قىلـىـش ئارقـىـلـىـق، تۆۋەن ئېقىمدىكى دۈشمەنگە ئۇدا قۇرغاقچىلىق پەيدا قىلـىـشـنـى، دۈشـمـەن ئېلىنىڭ بوشلۇقىغا قۇياش نۇرىنى سۈمـۈرىـدىـغـان مـاددىلارنـى چـېـچـىـپ قاتتىق سوغۇق پەيدا قىلىشنى ياكـى يـەر يـۈزىـدىـكـى ئۇزۇن دولـقـۇنـلـۇق رادىئاتسىيە ماددىلىرىنى سۈمۈرۈپ، دۈشمەن ئېلىدە قاتتىق ئىسسـىـق پـەيـدا قىلىشنى، كاتالىزاتور چېچىلىـدىـغـان بـۇلـۇتـقـا كـۈچـلـۈك كـىـسلاتالـىـق خىمىيىۋى دورىلارنى چېچىپ سۈنئىي يامغۇر ياغدۇرۇپ، دۈشمەننـىـڭ يـەر يۈزى رادار، تانكا، زەمبىرەك قاتارلىق ياراغلىرىنى چىرىتىـشـنـى تـەسـەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ. يەنە بەزىلەر تەيفېڭ بورىنىنىڭ يۆنىلىشىگە سـۈنئىـي ئۇسـۇلـدا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۇنى دۈشمەن ئېلىگە باشلاپ، دۈشمەن ئېلىدىكى خادىملار ۋە ئۇلارنىڭ ھەربىي ئەسلىھەلىرىنى يوقىتىشنى تەسەۋۋۇر قىلىۋاتىدۇ.
ھازىر بەزى دۆلەتلەر ئايىماي نۇرغۇن مەبلەغ چىقىرىپ، قۇرۇقلۇقتـىـن ئىنتايىن يىراق كىچىك ئاراللاردا مېتېئورولوگىك ياراغلارنى تەتقىق قىلىـش ۋە تەجرىبە قىلىش بازىلىرىنى قۇردى.