UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىفارفور سىرىمۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ

فارفور سىرىمۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ

خىمىيە بىلىملىرى 1970 - يىلى كانادادا بىر بالا ھەر كۈنى سىرلىق فارفور چەينەككە قاچىلانغان ئالما شەربىتىنى ئىچىپ ئىككى ئايغا بارمايلا كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. دوختۇرلار بۇنى تەكشۈرۈش ئارقىلىق بالا قوغۇشۇن بىلەن زەھەرلىنىپ ئۆلگەن، دەپ ھۆكۈم قىلغان. ئۇنداقتا قوغۇشۇن نەدىن كەلگەن؟ ئەڭ ئاخىرىدا، ئۇنىڭ ئالما شەربىتى قاچىلانغان سىرلىق فارفور چەينەكتىن كەلگەنلىكى ئېنىقلانغان. ئالما شەربىتى كىسلاتالىق خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغاچقا، ئۇ فارفورغا سۈركەلگەن سىردىكى قوغۇشۇننى ئېرىتىپ چىقىرىپ بالىنىڭ قوغۇشۇندا زەھەرلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. فارفور سىرى تەركىبىدە قوغۇشۇندىن باشقا يەنە كادمىي، مانگان قاتارلىق زەھەرلىك ئېغىر مېتاللارمۇ بولىدۇ. چۈنكى، رەڭلىك فارفور ياسىلىدىغان خىلمۇخىل رەڭدىكى بوياقلار رەڭ ماتېرىيالى بىلەن ياردەمچى ئېرىتكۈچىنى ئارىلاشتۇرۇپ كۆيدۈرۈش ئارقىلىق ياسىلىدۇ. رەڭ ماتېرىيالىمۇ تەركىبىدە ئېغىر مېتاللار بولغان بىرىكمىدىن تۈزۈلىدۇ، ياردەمچى ئېرىتكۈچى ئۈچۈن ئادەتتە تەركىبىدە سىنك بولغان بىرىكمە ئىشلىتىلىدۇ. رەڭ ماتېرىيالى بىلەن ياردەمچى ئېرىتكۈچىنىڭ ئارىلاشمىسىنى چىنە - قاچا، داس ياسىلىدىغان پىشۇرۇلمىغان فارفور يۈزىگە سۈركەپ ھەر خىل نەقىشلەرنى چىقىرىپ كۆيدۈرۈپ پىشۇرساق، چىنە - قاچا، داسلارغا ھەر خىل گۈل - نەقىشلەر چۈشىدۇ. ئومۇمەن ئالغاندا، ئادەتتىكى يېمەكلىكلەر بۇ خىل رەڭلەرنى چىقىرىۋېتەلمەيدۇ. لېكىن، بۇ قاچىلارغا كىسلاتالىق يېمەكلىكلەر قاچىلانسا، فارفور سىرىدىكى قوغۇشۇن، كادمىي قاتارلىق زەھەرلىك ئېلېمېنتلار ئاستا - ئاستا ئېرىپ يېمەكلىك ۋە ئىچىملىككە ئۆتىدۇ، ئادەم مانا بۇنداق تاماقلارنى ئىستېمال قىلغاندا، ئاستا - ئاستا ئېغىر مېتاللاردا زەھەرلىنىپ، كېسەل بولىدۇ. بەزى دۆلەتلەر فارفور سىرى بېرىلگەن تاماق قاچىلىرىدا مەلۇم شارائىتتا ئېرىپ چىقىدىغان قوغۇشۇن بىلەن كادمىينىڭ مىقدارىنىڭ10 مىڭدىن5 ۋە10 مىڭدىن7 دىن تۆۋەن بولۇشىنى بەلگىلىدى. قارىئۆرۈك قىيامى، ئاچچىقسۇ، ئالما مۇرابباسى، تۇزلانغان يېسىۋىلەك قاتارلىق كىسلاتالىق يېمەكلىكلەرنى سىرلىق فارفور قاچىلاردا ئۇزاق ۋاقىت ساقلىماسلىق كېرەك.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
فارفور سىرىمۇ ئادەمنى زەھەرلەيدۇ | UyghurWiki | UyghurWiki