UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىبوياقلار

بوياقلار

خىمىيە بىلىملىرى ئەگەر بوياقلار بولمىغان بولسا، رەڭگارەڭ كىيىملەرمۇ بولمىغان بولاتتى. قەدىمكى زامانلاردا ئىنسانلار ھايۋانات، ئۆسۈملۈك پىگمېنتلىرى ئارقىلىق يىپەك ۋە رەختلەرنى بويىغان، بۇ پىگمېنتلار ئەڭ دەسلەپكى بوياقلار ئىدى. بوياقلار رەڭلىك ماددىلار بولسىمۇ، لېكىن رەڭلىك ماددىلارنىڭ ھەممىسىلا بوياق بولىۋەرمەيدۇ. بوياق قىلىپ ئىشلىتىش ئۈچۈن، بۇ ماددىلار ئۆزلىرىنىڭ رېڭىنى تالالارغا سىڭدۈرەلىشى ھەمدە يۇيۇشقا، ئاپتاپقا چىداملىق بولۇشى، رەڭگى ئۆڭۈپ كەتمەسلىكى كېرەك. رويان يىلتىزىدىن بىر خىل قىزىل رەڭلىك بوياق − ئالىزارىننى تازىلاپ ئېلىشقا بولىدۇ. بۇ خىل بوياققا ئېرىشىش ئۈچۈن نۇرغۇن دۆلەتلەر ئۇنى زور مىقداردا ئۆستۈرگەن.1868 - يىلى گېرمانىيە خىمىيە ئالىملىرى رويان تەركىبىدىكى ئالىزارىن ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئۇنىڭ ئانتراتسېننىڭ ھاسىلىسى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ چىققان ھەمدە كوكۇس مېيى تەركىبىدىكى ئانتراتسېننى خام ئەشيا قىلىپ ئۇنى سىنتېزلىغان.2 - يىلى ئالىزارىن سانائەتلەشكەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ھەمدە تېز تەرەققىي قىلىپ، روياننى تېرىپ ئۆستۈرۈشنىڭ ئورنىنى ئالغان. يەنە بىر مۇھىم بوياق ئىندىگو كۆكى (نىل بوياق) بولۇپ، ئۇ ئەسلىدە ئۆسۈملۈكتىن ئايرىپ ئېلىناتتى. ئالىزارىن سىنتېزلىنىپ بىر - ئىككى يىل ئۆتكەندىن كېيىن ئىندىگو كۆكىمۇ تەجرىبىخانىدا سىنتېزلاپ چىقىلدى. بىر قاتار بوياقلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇلارنى سىنتېزلاپ چىقىش ئارقىلىق، ئالىملار ئاستا - ئاستا بوياق بىلەن ماددىلارنىڭ تۈزۈلۈشى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئىگىلىدى. بوياقلارنىڭ مولېكۇلىسى تەركىبىدە «رەڭ بەرگۈچى رادىكال» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تۈرلۈك ئاتوملار گۇرۇپپىسى بولىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە «ياردەمچى رەڭ رادىكال» لىرىمۇ بولىدۇ، بۇ خىل ياردەمچى رەڭ رادىكاللىرى رەڭ بەرگۈچى رادىكاللار ھاسىل قىلغان رەڭنى تېخىمۇ قېنىقلاشتۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ، لېكىن مولېكۇلىدا پەقەتلا ياردەمچى رەڭ رادىكالىلا بولۇپ، رەڭ بەرگۈچى رادىكاللار بولمىسا، ماددىلار رەڭلىك بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ قانۇنىيەتنى بىلگەندىن كېيىن، تەبىئىي بوياقلارغا قارىغاندا رەڭگى تېخىمۇ چىرايلىق، خۇسۇسىيىتى تېخىمۇ تۇراقلىق بوياقلارنى ئىشلەپچىقاردى. بوياقچىلىق سانائىتى تەرەققىي قىلىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، پەقەتلا توقۇلما بۇيۇملارنى بوياشقا ئىشلىتىلىدىغان بوياقلار ئىشلەپچىقىرىلىپلا قالماستىن، يەنە بىئولوگىيە، مېدىتسىنا تەتقىقاتىدا مەخسۇس ئىشلىتىلىدىغان بوياقلار، سۇيۇق كرىستاللىق بوياقلار، لازېر نۇرلۇق بوياقلار، رەڭگى ئۆزگىرىدىغان بوياقلار، يورۇقلۇق سەزگۈچى بوياقلار، يېرىم ئۆتكۈزگۈچ بوياقلار قاتارلىقلارمۇ ئىشلەپچىقىرىلىپ، ئۆتكۈر پەنلەر ۋە سانائەت، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقرىشىدا كەڭ كۆلەمدە قوللىنىلماقتا.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
بوياقلار | UyghurWiki | UyghurWiki