ئەينەكلەر
خىمىيە بىلىملىرى
مىلادىيە10 - ئەسىردە ئەرەبلەر فىنىكلاردىن ئەينەك ئىشلەش تېخنىكىسىنى ئۆگەنگەندىن ھازىرغىچە1000 يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئەينەك يەنىلا كۋارتىس قۇمى، سودا، دالا شپاتى، ھاك تېشى قاتارلىقلارنى ئاساسلىق خام ئەشيا قىلىپ، ئۇلارغا ئازراق ناترىي نىترات (سېلتىرا) قوشۇپ ئارىلاشتۇرۇش، سۇيۇقلاندۇرۇش، سوزۇلدۇرۇش، پىششىقلاپ ئىشلەش ئارقىلىق ياسىلىپ كەلگەن. لېكىن، زامانىۋى ئەينەكلەر ئىلگىرىكى سۈزۈك ئەينەكلەرگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئاسانلىقچە سۇنمايدۇ، ئاسانلىقچە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدۇ.
خىمىيە ئالىملىرى ئەگەر ئەينەك ئىشلىنىدىغان خام ئەشيالارغا رەڭلەندۈرگۈچى ماتېرىياللار قوشۇلسا ئەينەكنىڭ رەڭلىك بولىدىغانلىقىنى، ئوخشىمىغان رەڭلەندۈرگۈچى ماتېرىياللارنى قوشۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان رەڭلىك ئەينەكلەرنى ئىشلەشكە بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ھازىر قىزىل، يېشىل، بىنەپشە، كۆك رەڭلەردىكى ئەينەكلەر بارلىققا كەلدى ھەمدە ئىقتىدارى ھەر خىل ئەينەكلەرمۇ تەتقىق قىلىنىپ ياسالماقتا.
ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان بىر خىل ئەينەك بار، بۇ ئەينەك دېرىزىلەرگە قويۇلسا ئۇنىڭ ئىسسىقلىق ساقلاش ئۈنۈمى40 نەچچە سانتىمېتىر قېلىنلىقتىكى كېسەك تام بىلەن ئوخشاش بولىدۇ. يەنە بىر خىل ئوق ئۆتمەس ئەينەك بار. ئۇ سىلكىنىشكە چىداملىق، شۇنىڭدەك ئۇنىڭدىن ئوق ئۆتمەيدۇ. ئوتتىن مۇداپىئەلىنىشكە ئىشلىتىلىدىغان ئەينەكلەر ئوت ئۇچقۇنىغا يولۇققان ھامان كۆپۈك چىقىرىپ، ئوتتىن مۇداپىئە قىلغۇچى تاختىغا ئايلىنىدۇ. رەڭگىنى ئۆزگەرتىدىغان ئەينەكلەر دېرىزىلەرگە قويۇلسا، نۇر كۈچلۈك بولغاندا ئۇنىڭ رەڭگى تۇتۇقلىشىپ كۆزنى چاقمايدۇ، نۇر ئاجىزراق چاغدا ئۇ سۈزۈكلىشىپ ئۆينى يورۇق قىلىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئالاھىدە ئىقتىدارغا ئىگە نۇرغۇن ئەينەكلەرمۇ بار. كۆپۈك ئەينەك ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەسلىك، ئىسسىقلىق توسۇش ئىقتىدارىغا ئىگە؛ بىئولوگىيىلىك ئەينەكلەرنى سۆڭەك ئورنىدا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ئۇلار ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزۈلسە راست سۆڭەككە ئوخشاشلا تۇتىشىپ كېتىدۇ؛ بور - سىلىتسىيلىق ئەينەك كۈپتە ئېچىتىلغان ئۈزۈم ھارىقىنىڭ تەمى بەكمۇ خۇش پۇراق بولىدۇ؛ بىر تال چاچتەك ئىنچىكە ئەينەك تالاسى15 مىڭ يوللۇق تېلېفوننى ئۇزىتالايدۇ.
ھازىر خىمىيە ئالىملىرى ھەر خىل يېڭى تىپتىكى ئەينەك مەھسۇلاتلىرىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياساپ چىقىپ، ھەر خىل ئېھتىياجنى قاندۇرماقتا.