مېتېئورىت
خىمىيە بىلىملىرى
قاراڭغۇ كېچىلەردە دائىم ئاسماندىن ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە (كۆزنى يۇمۇپ - ئاچقۇچە) يۇلتۇزلارنىڭ ئېقىپ چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئۇلار قۇياش سىستېمىسىدىكى يۇلتۇزلار ئارا ماددا − ئاقار يۇلتۇزلاردىن ئىبارەت. ئۇلار يەر شارىغا يېقىنلاشقان ھامان ئىنتايىن تېزلىكتە ئاتموسفېرا قەۋىتىگە كىرىپ ھاۋادا كۆيۈپ تاكى ئۇلار گازغا ۋە يۇمشاق پاراشوكقا ئايلانغانغا قەدەر نۇر چىقىرىدۇ. بىر قىسىم چوڭراق ئاقار يۇلتۇزلار ھاۋادا كۆيۈپ بولۇشقا ئۈلگۈرمەستىن يەر يۈزىگە چۈشىدۇ. مانا بۇلار مېتېئورىتتىن ئىبارەت.
ئالىملارنىڭ ئانالىز قىلىشىغا ئاساسلانغاندا، ئاسماندىن چۈشكەن بۇ ماددىلارنىڭ تەركىبىدىكى ئېلېمېنتلار بىر - بىرىگە ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ئادەتتە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ بىر تۈرى تۆمۈرمېتېئورىت بولۇپ، بۇ خىل مېتېئورىتلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تۆمۈر، نىكېل قاتارلىق ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان، ئۇلارنىڭ ئىچىدە تۆمۈر تەخمىنەن %90 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا %8.5 ئەتراپىدا نىكېل ۋە باشقا مىكرو ئېلېمېنتلار بولىدۇ. بۇنداق مېتېئورىتلار ھازىرغىچە تېپىلغان مېتېئورىت ئومۇمىي سانىنىڭ%6 ىنى ئىگىلەيدۇ. ئىككىنچى تۈرى تاش مېتېئورىت، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق تەركىبى سىلىتسىي، ماگنىي ۋە ئاز مىقداردىكى تۆمۈر، ئاليۇمىن قاتارلىقلاردىن ئىبارەت، ئۇلارنىڭ مېتېئورىتلار ئىچىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى ناھايىتى چوڭ بولۇپ، %92 نى ئىگىلەيدۇ. ئۈچىنچى تۈرى تاش - تۆمۈر مېتېئورىت بولۇپ، ئۇلاردا تۆمۈر، نىكېل ۋە سىلىكاتلىق رۇدىلارنىڭ ھەربىرى3 /1 ھەجىمنى ئىگىلەيدۇ. بۇ خىل مېتېئورىتلار ھازىرغىچە تېپىلغان مېتېئورىتلار ئومۇمىي سانىنىڭ %2 ىنى ئىگىلەيدۇ.
بۇ خىل ئاسماندىن چۈشكەن تاشلار يەر شارىدىكى رۇدىلاردىن ئانچە كۆپ پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ. مېتېئورىتلار تەركىبىدە تۆمۈر، نىكېل، گۈڭگۈرت، ماگنىي، سىلىتسىي، كۇبالت، كالتسىي، ئوكسىگېن قاتارلىق ئېلېمېنتلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى يەر شارىدا ئەزەلدىن مەۋجۇت.
مېتېئورىتلارنىڭ خىمىيىۋى تەركىبى، كېلىش مەنبەسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش كىشىلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىكى ئۆزگىرىش ۋە ھەرىكەتلەرنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ تونۇپ يېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ، ئۇ ئالەملىك ئۇچۇش ۋە باشقا ئالەم بوشلۇق تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتلەردە زور ئەھمىيەتكە ئىگە.