UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىقايسى خىل سۇلياۋ خالتىلار زەھەرلىك

قايسى خىل سۇلياۋ خالتىلار زەھەرلىك

خىمىيە بىلىملىرى بازارلاردىكى يېمەكلىك خالتىلىرى زەھەرسىز، بىخەتەر بولغانلىقتىن ئۇنىڭغا قۇرۇق، ھۆل، خام، پىششىق يېمەكلىكلەرنى قاچىلاشقا بولىدۇ. يېمەكلىك زاۋۇتلىرى، كەمپۈت زاۋۇتلىرى يېمەكلىكلەرنى ئوراپ - قاچىلاشقا ئىشلىتىدىغان سۇلياۋ خالتىلار زەھەرسىز بولىدۇ، ئەلۋەتتە. كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، پايپاقلار، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، مېتال زاپچاسلارنى ئوراشقا ئىشلىتىلىدىغان خالتىلار زەھەرلىك بولۇپ، ئۇنىڭغا يېمەكلىك قاچىلاشقا بولمايدۇ. زەھەرسىز سۇلياۋ خالتىلار ئادەتتە پولى ئېتېندىن ياسىلىدۇ، زەھەرلىك سۇلياۋ خالتىلار بولسا پولىۋىنىل خلورىدتىن ياسىلىدۇ. پولىۋىنىل خلورىد سمولىسى تەركىبىدە پولىمېرلانمىغان ۋىنىل خلورىد مونومېرلىرى بولغاچقا، بۇ مونومېرلار ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق بىرىكمىلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پولىۋىنىل خلورىد سمولىسىدىن خالتىلارنى تەييارلاش جەريانىدا ئۇنىڭغا ئېلاستىكىلىقنى ئاشۇرغۇچىلار، تۇراقلاشتۇرغۇچىلار، رەڭ ماتېرىيالى قاتارلىق قوشۇمچە ماتېرىياللارمۇ قوشۇلىدۇ، بۇ قوشۇمچە ماتېرىياللارنىڭ بەزىلىرىدە زەھەرلىك ماددىلار بولۇپ، خالتىلارنى ئىشلىتىش جەريانىدا بۇ زەھەرلىك ماددىلار ئوزۇقلۇقتىكى ماي ياكى سۇغا تارتىلىپ ئوزۇقلۇقلار بىلەن بىللە ئادەم بەدىنىگە كىرىپ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. پولىۋېنىل خلورىد سمولىسىنىڭ ئۆزى زەھەرسىز. ئەگەر پولىۋېنىل خلورىد سمولىسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋاقتىدا، ئەركىن ھالەتتىكى ۋېنىل خلورىد مونومېرى ئازايتىلىپ ئىنتايىن ئاز چەككە چۈشۈرۈلۈپ، ئۇنىڭدىن مەھسۇلات تەييارلىغاندا زەھەرسىز قوشۇمچە ماتېرىياللار تاللاپ قوشۇلسا زەھەرسىز پولىۋېنىل خلورىد سۇلياۋ خالتىلىرىنى ئىشلەپ چىقارغىلى بولىدۇ. پولى ئېتىندىن ئىشلەنگەن خالتىلار بىلەن پولىۋېنىل خلورىدتىن ئىشلەنگەن خالتىلارنى ئادەتتە پەرقلەندۈرۈش قىيىن. پەقەت كۆيدۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىقلا ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈشكە بولىدۇ. پولى ئېتىن ئاسانلا كۆيۈپ ئۈستۈنكى قىسمى سېرىق بولغان كۆك يالقۇن چىقىرىدۇ، كۆيگەندە خۇددى شامنىڭ پۇرىقىدەك پۇراق چىقىدۇ؛ پولىۋىنىل خلورىد ئاسانلىقچە كۆيمەيدۇ، كۆيگەندە سىرتقى يالقۇنى يېشىل، ئىچكى يالقۇنى سېرىق بولىدۇ، تۇز كىسلاتادەك غىدىقلايدىغان پۇراق تارقىتىدۇ. سۇلياۋ خالتىلارنى ئىشلەتكەندە زەھەر زىيىنىنىڭ بولۇش - بولماسلىقى ئۇنى ئىشلىتىش ئۇسۇلىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. يېمەكلىك قاچىلانغان بەزى خالتىلارنىڭ سىرتىغا تاۋار ماركىسى بېسىلغان بولىدۇ، ئۇنى ئىشلەتكەندە تەتۈرىگە ئۆرۈپ ئىشلىتىلسە يېمەكلىك بۇ رەڭلەرنى يۇقتۇرۇپ ئالىدۇ-دە، بىخەتەر بولماي قالىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى