سۈنئىي قان
خىمىيە بىلىملىرى
خىمىيە ئالىملىرى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق سۈنئىي قاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقتى، بۇ قان تەبىئىي قان ئورنىدا كېسەللەرنى جىددىي قۇتقۇزۇشتا ئىشلىتىلىپ نۇرغۇن ئادەملەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالماقتا. سۈنئىي قان ئاق رەڭدە بولغىنى ئۈچۈن كىشىلەر ئۇنى «ئاق قان» دەپ ئاتاشتى.1966
- يىلى ئامېرىكىلىق ئالىم كلارىك تەركىبىدە كاربون - فتور بولغان بىرىكمە قاچىلانغان ئىدىشقا سېلىنغان چاشقاننى چىقىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ نەپەس يولىدىكى سۇيۇقلۇقنى چىقىرىپ تاشلاۋاتقاندا چاشقان ھوشىغا كەلگەن، كلارىك بۇنىڭغا قىزىقىىپ، مەقسەتلىك ھالدا بۇ خىل سۇيۇقلۇققا چاشقاننى سېلىپ بىرقانچە سائەت تۇرغۇزۇپ ئاندىن چىقىرىۋالغاندا، ئويلىمىغان ئىش يۈز بەرگەن: چاشقان دەرھال تىرىلگەن. كلارىك تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ خىل سۇيۇقلۇقنىڭ ئوكسىگېن، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئىنتايىن كۈچلۈك دەرىجىدە ئېرىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئوكسىگېننى ئېرىتىش ئىقتىدارى سۇنىڭكىدىن20 ھەسسە، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى ئېرىتىش ئىقتىدارى سۇنىڭكىدىن3 ھەسسە يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بايقىغان ھەمدە بۇنىڭدىن ئىلھام ئېلىپ، بۇ خىل سۇيۇقلۇقنى قان ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدۇ، دېگەن خۇلاسىنى چىقارغان.1979
- يىلى بىر خىل يېڭى تىپتىكى فتور - كاربون بىرىكمىسىنىڭ ئېمۇلسىيىسى تۇنجى قېتىم ياپونىيىدە بۆرەك ئالماشتۇرۇش ئوپېراتسىيىسىدە سۈنئىي قان ئورنىدا ئىشلىتىلىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىلغان. ئۇزاق ئۆتمەي، ئامېرىكا دىنىي ئېتىقاد سەۋەبلىك قان سېلىشنى رەت قىلغان بىر چوڭ ياشلىق قان كېسىلى بىمارىغا سۈنئىي قان سېلىش ئارقىلىق ئۇنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇپ قېلىنغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.1980
- يىلى8 - ئايدا ئېلىمىزنىڭ ئىلىم - پەن خادىملىرىمۇ سۈنئىي قاننى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ياساپ چىقتى. بۇ قان ئەمەلىيەتتە فتور - كاربون بىرىكمىسىنىڭ سۇدىكى ئۇلترا يۇمشاق ئېمۇلسىيىسىدىن ئىبارەت. بۇنداق ئاجايىپ ئاق قان ئادەم بەدىنىگە كىرگەندىن كېيىن، ئىنسانلار بەدىنىدىكى نورمال قاندىكى قىزىل ھۈجەيرىلەرگە ئوخشاشلا ئوكسىگېن توشۇش، كاربون (Ⅳ) ئوكسىدنى چىقىرىپ تاشلاش رولىنى ئوينايدۇ، ئۇنى قىزىل قان ھۈجەيرىلىرى ئورنىدا ئىشلىتىشكە بولىدىغان مەھسۇلات دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. فتور - كاربون بىرىكمىسى خۇددى قىسقۇچپاقىغا ئوخشاش ئوكسىگېننى قاماللاپ تۇتۇپ، ئادەم بەدىنىدە ئۇنى قويۇپ بېرىپ، ئادەم بەدىنىدىكى ئالاھىدە ئوكسىدلىنىش - ئوكسىدسىزلىنىش رېئاكسىيىسىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدۇ. ئۇنىڭ بىئوخىمىيىلىك خۇسۇسىيىتى ئىنتايىن تۇراقلىق بولۇپ، ھەرقانداق قان تىپىدىكى كىشىلەر ئىشلەتسە بولۇۋېرىدۇ.
سۈنئىي قاننى ئادەم بەدىنىدىكى تەبىئىي قانغا سېلىشتۇرغاندا نۇرغۇن يېتەرسىزلىكلىرىمۇ بار، ئۇ ئوزۇقلۇق يەتكۈزۈپ بېرەلمەيدۇ. قاننى ئۇيۇتۇش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس، يۇقۇملىنىشقا بولغان ئىممۇنىتېت كۈچىدىن تېخىمۇ ئېغىز ئاچقىلى بولمايدۇ، شۇڭا ئادەمنىڭ تەبىئىي قېنىغا ئوخشايدىغان سۈنئىي قاننى تەتقىق قىلىپ چىقىش ئۈچۈن يەنىلا زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ.