UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىنۇكلېئىن كىسلاتا

نۇكلېئىن كىسلاتا

خىمىيە بىلىملىرى كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭگارەڭ گۈللەر، ئوت - چۆپلەر، كىشىلەر كۆڭلىنى مەپتۇن قىلىدىغان گۈزەل قۇشلار، ھايۋانلار، ھاشاراتلار، بېلىقلار، خىلمۇخىل مىكرو جانلىقلار، ھەممىگە قادىر ئىنسانلار، قىسقىسى بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ئورتاق ھاياتلىق سىرى نۇكلېئىن كىسلاتاغا يوشۇرۇنغان، نۇكلېئىن كىسلاتا بولمىغان بولسا ھاياتلىقمۇ بولمىغان بولاتتى. نۇكلېئىن كىسلاتا ئىنتايىن كىچىك بولۇپ، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپ بىلەنمۇ كۆرگىلى بولمايدۇ.2 تىرىليون دانە تۇخۇمدىكى نۇكلېئىن كىسلاتانى قوشقاندا پەقەت بىر تۇخۇمنىڭ ئېغىرلىقىچىلىكلا كېلىدۇ. نۇكلېئىن كىسلاتا دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا بىلەن رىبو نۇكلېئىن كىسلاتادىن ئىبارەت ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. دىئوكسىرىبو نۇكلېئىن كىسلاتانىڭ دىئامېتىرى5 مىليوندىن1 سانتىمېتىرغا تەڭ بولۇپ،2500 دانە دىئوكسىرىبو نۇكلېئىن كىسلاتا مولېكۇلىسى بىرلەشتۈرۈلسە بىر تال چاچ توملۇقىچىلىكلا كېلىدۇ. ئۇنىڭ مولېكۇلىلىرى خۇددى ئوڭغا قاراپ ئايلىنىۋاتقان بۇرما شەكىلدىكى شوتىغا ئوخشايدۇ، شوتىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تۇتقۇچى دېئوكسىرىبوزا بىلەن فوسفات كىسلاتا ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرىدۇ. ھىدروگېن بېغى ئارقىلىق تۇتىشىپ تۇرغان جۈپ - جۈپ ئىشقار رادىكاللىرى شوتىنىڭ بالداقلىرىدىن ئىبارەت. رىبونۇكلېئىن كىسلاتانىڭ «چىراي قىياپىتى» دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتاغا ئوخشىمايدۇ، ئۇ پەقەت بىر تەرىپى بار شوتا بولۇپ، «تۇتقۇچ» ىدىكى ئىشقار رادىكاللىرى ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن جۈپلىشىپ تۇرىدىغان يەنە بىر تەرىپى يوق. «نېمە تېرىساڭ، شۇنى ئالىسەن» دەيدىغان تەمسىل بار، ئۇنىڭدىكى سىرمۇ نۇكلېئىن كىسلاتادا، ھاياتلىقنىڭ ئاساسى ئاقسىل، نۇكلېئىن كىسلاتا بولسا ئاشۇ ئاقسىللارنى قايتىلاپ ئىشلەيدىغان جان. قانداق نۇكلېئىن كىسلاتا بولسا شۇنداق ئاقسىلنى قايتىلاپ ئىشلەيدۇ. ئۇنداقتا ئاقسىللار زادى قانداق ئىشلىنىدۇ؟ جانلىقلار دۇنياسىدا، دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتا ھەرقايسى تۈرلەرنىڭ ئىرسىيەت شىفىرلىرىنى ئېلىپ يۈرگۈچى ماددا، ئۇ خۇددى ئۇزىتىش بەلۋېغى نەرسە - كېرەكلەرنى يەتكۈزۈپ بەرگەنگە ئوخشاش، ئۆزىدىكى ئالاھىدە ئۇچۇرلارنى رىبونۇكلېئىن كىسلاتاغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، رىبونۇكلېئىن كىسلاتالار ئۇچۇرغا ئاساسەن ھەر خىل ئامىنو كىسلاتالارنى مۇۋاپىق «ئورۇن» غا ئەۋەتىپ، تىزىپ زەنجىرگە ئايلاندۇرىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن دېئوكسىرىبونۇكلېئىن كىسلاتانىڭ يۈزىدە مەلۇم تۈرنىڭ ئاساسلىق تېنىنى شەكىللەندۈرگۈچى ئاقسىل ھاسىل بولىدۇ. بوش قالغان نۇكلېئىن كىسلاتا يۈزى يېڭى ئاقسىللارنى «قۇراشتۇرۇش» قا تەييارلىنىدۇ. مانا شۇنداق قايتا - قايتا تەكرارلىنىشلار ئارقىلىق ئوپمۇئوخشاش بولغان ئاقسىللار ئۈزلۈكسىز «قۇراشتۇرۇلۇپ» چىقىدۇ، ئالدىنقى ئەۋلاد تۈرىنىڭ شەكىل ئالاھىدىلىكى ئەۋلادمۇئەۋلاد كېيىنكىلىرىگە ئۆتىدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى
نۇكلېئىن كىسلاتا | UyghurWiki | UyghurWiki