UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرى«قۇرۇق باتارېيە»

«قۇرۇق باتارېيە»

خىمىيە بىلىملىرى قولچىراغدىكى توك قۇرۇق باتارېيىدىن كېلىدۇ. قۇرۇق باتارېيە نېمە ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھالدا توك ھاسىل قىلالايدۇ؟1800 - يىلى ئىتالىيىلىك فىزىكا ئالىمى ۋولت دۇنيادىكى تۇنجى باتارېيىنى ئىجاد قىلغان بولۇپ، بۇ باتارېيە مىس تاختا بىلەن سىنك تاختىنى سۇيۇق سۇلفات كىسلاتا ئېرىتمىسىگە سېلىپ ياسالغان. ئۇنىڭ «توك ھاسىل قىلىش» پرىنسىپى مۇنداق: سىنك تاختا بىلەن مىس تاختا سۇيۇق سۇلفات كىسلاتاغا سېلىنغاندىن كېيىن، سىنك مىسقا قارىغاندا ئاكتىپ بولغانلىقتىن ئاسانلا ئېلېكترون يوقىتىپ ئىككى ۋالېنتلىق سىنك ئىئونىغا ئايلىنىپ ئېرىتمىگە ئۆتىدۇ. سىنك تاختىدا قېلىپ قالغان ئېلېكترونلار ئۆتكۈزگۈچ ئارقىلىق مىس تاختىغا ئېقىپ ئۆتىدۇ ھەمدە مىس تاختا ئەتراپىدىكى ھىدروگېن ئىئونلىرى بىلەن بىرىكىپ ھىدروگېن گازىنى ھاسىل قىلىدۇ. مانا مۇشۇنداق خىمىيىۋى رېئاكسىيە ئارقىلىق ماددىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى خىمىيىۋى ئېنېرگىيە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ قۇرۇق باتارېيىنىڭ «توك ھاسىل قىلىش» پرىنسىپى ۋولت باتارېيىسىنىڭكىگە ئوخشايدۇ. قۇرۇق باتارېيىنىڭ مەنپىي قۇتۇپى سىنك تاختىدىن ئىشلەنگەن يۇمىلاق سىلىندىر بولۇپ، ئۇ ئېرىگۈچى قۇتۇپمۇ، ئىدىشمۇ بولىدۇ. توك ئۆتكۈزىدىغان كۆمۈر تاياقچىگە مىس قالپاق ئورنىتىلغان بولۇپ، ئۇ مۇسبەت قۇتۇپ بولىدۇ. كۆمۈر تاياقچىنىڭ ئەتراپىدىكىسى مانگان (Ⅳ) ئوكسىد كۇكۇنى بىلەن بىر قىسىم توك ئۆتكۈزىدىغان ماتېرىياللارنىڭ ئارىلاشمىسى بولۇپ، ئۇلار كۆمۈر تاياقچە بىلەن بىللە مۇسبەت قۇتۇپنى تۈزىدۇ. ئاندىن ئاممونىي خلورىد، سىنك خلورىد ۋە كراخمالنى قوشۇپ ياسالغان مەلھەمسىمان ماددا ئېلېكترولىت قىلىنىدۇ. مەنپىي قۇتۇپ بىلەن مۇسبەت قۇتۇپ ئۆتكۈزگۈچى سىم ئارقىلىق تۇتاشتۇرۇلغاندىن كېيىن خىمىيىۋى رېئاكسىيە يۈز بېرىپ، خىمىيىۋى ئېنېرگىيە ئېلېكتر ئېنېرگىيىسىگە ئايلىنىدۇ، توك لامپىلارنى ياندۇرۇپ كېچىنى كۈندۈزگە ئايلاندۇرىدۇ. باتارېيىنىڭ توك چىقىرىش ۋاقتى چەكلىك بولىدۇ، ھازىرقى باتارېيىلەر ئۇدا بىرنەچچە ئون سائەت توك چىقىرالايدۇ، ئەڭ ئاخىرىغا بارغاندا زەرەت مىقدارى ئازلاپ توك بېسىمى تۆۋەنلەيدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۆمرىمۇ ئاخىرلىشىدۇ. باتارېيە توك چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن مەلھەمسىغان ئېلېكترولىت سىنك سىلىندىرنى تېشىپ سىرتقا ئېقىپ چىقىپ باتارېيىنى چىرىتىۋېتىدۇ، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى قولچىراغ، ئېلېكترون سائەت، رادىئو قوبۇللىغۇچ، ئۈنئالغۇ، توكلۇق ساقالئالغۇچ قاتارلىقلارنىڭ زاپچاسلىرىنىمۇ چىرىتىۋېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى ئىشلەتكەندە باتارېيىنىڭ توك چىقىرىش ۋاقتىغا دىققەت قىلىپ ۋاقتىدا ئالماشتۇرۇش، كونا - يېڭى باتارېيىلەرنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلەتمەسلىك كېرەك، شۇنداق قىلغاندا باتارېيە رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى