گۈڭگۈرت
خىمىيە بىلىملىرى
كاۋچۇك زامانىۋى ئىشلەپچىقىرىش، ھەربىي سانائەت ۋە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا كەم بولسا بولمايدۇ. بۇنىڭدىن150 نەچچە يىللار ئىلگىرى كىشىلەر كاۋچۇك ئىشلەپچىقىرىشنى بىلمەيتتى، پەقەت كاۋچۇك دەرىخىدىن خام كاۋچۇك ئېلىشنىلا بىلەتتى، ئۇ يازنىڭ ئىسسىق كۈنلىرى ئىنتايىن يۇمشاق بولسا، قىش كۈنلىرى ياغاچ تاختىغا ئوخشاش قېتىپ كېتەتتى. خام كاۋچۇكنى رەختكە سۈركەپ تەييارلانغان كاۋچۇكلۇق رەختتىن تىكىلگەن يامغۇرلۇق چاپانلىرىنى پەقەت ئىللىق پەسىللەردىلا ئىشلىتىشكە بولاتتى.1838
- يىلى ئامېرىكىلىق گۇديېر خام كاۋچۇكقا ئازراق گۈڭگۈرت قوشۇپ قىزدۇرۇلسا ئېرىشىلگەن مەھسۇلاتنىڭ ئادەتتىكى خام كاۋچۇكقا قارىغاندا كۆپ ياخشى بولىدىغانلىقىنى، مەيلى قىش كۈنلىرى ياكى ياز كۈنلىرى بولسۇن يۇمشاق تۇرىدىغانلىقىنى، ئېلاستىكلىقىنى يوقاتمايدىغانلىقىنى ھەم چاپلاشمايدىغانلىقىنى بايقىغان. بۇنداق بىر تەرەپ قىلىنغان كاۋچۇك گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلگەن كاۋچۇك دەپ ئاتىلىدۇ، ھازىر سىز يامغۇر ياغقاندا كىيىدىغان رېزىنكە ئۆتۈك، ۋېلىسىپىت كامېرى، پەلەي قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ ھەممىسى گۈڭگۈرتلەشتۈرۈلگەن كاۋچۇكتىن ئىشلەنگەن. ئەگەر كاۋچۇكقا قوشۇلغان گۈڭگۈرت بەك كۆپ بولۇپ كەتسە كاۋچۇك قاتتىقلىشىپ كېتىدۇ.
نېمە ئۈچۈن گۈڭگۈرت كاۋچۇكنى بويسۇندۇرالايدۇ؟ ئەسلىدە كاۋچۇك مولېكۇلىلىرىدىكى كاربون ئاتوملىرى خۇددى بىر تال كاربون زەنجىرىگە ئوخشاش بىر - بىرىگە تۇتىشىپ تۇرىدۇ، بۇ كاربون ئاتوملىرى يەنە ئىككى دانە ھىدروگېن ئاتومى بىلەن تارتىشىپ تۇرىدۇ. بۇ مولېكۇلىلار ئەنە شۇنداق بىرلىشىپ ئۇزۇن بىر تال يىپنى ھاسىل قىلغان. شۇڭا، ئۇ يىپسىمان تۈزۈلۈش دەپ ئاتىلىدۇ. ئەگەر بۇ خىل تۈزۈلۈشتىكى كاۋچۇك مولېكۇلىلىرى ئارىسىغا گۈڭگۈرت ئارىلاشتۇرۇلۇپ قىزدۇرۇلسا، گۈڭگۈرت ئىنتايىن ئەپچىللىك بىلەن يىپسىمان مولېكۇلا زەنجىرلىرى ئارىسىدا كۆۋرۈك پەيدا قىلىپ، يىپسىمان تۈزۈلۈشتىكى يىپسىمان مولېكۇلىلارنى تورسىمان تۈزۈلۈشكە ئىگە قىلىدۇ - دە، كاۋچۇكنىڭ كۈچى ھەسسىلەپ ئاشىدۇ.
لېكىن، خام كاۋچۇكنى پىششىقلاپ ئىشلەپ كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىغا ئايلاندۇرۇشتا ماتېرىيالنى تەڭشەش، پلاستىكلاشتۇرۇش، ئارىلاشتۇرۇپ پىششىقلاش، يىسسىلەش، بېسىپ چىقىرىش، گۈڭگۈرتلەش قاتارلىق12 خىل ئىش تەرتىپىدىن ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر كاۋچۇكتىن بالون ئىشلەشكە توغرا كەلسە شەكىلگە كەلتۈرۈش، گۈڭگۈرتلەشتىن ئىبارەت ئىككى خىل ئىش تەرتىپىدە باشقا كاۋچۇك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەش تېخنىكىسىدىكىگە قارىغاندا بىرقەدەر زور ئوخشىماسلىقلار بولىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، ماتېرىيال تەڭشىگەندە گۈڭگۈرت قوشۇشتىن سىرت، يەنە ماگنىي ئوكسىد، گۈڭگۈرتلەشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى، كونىراشنىڭ ئالدىنى ئالغۇچى، چىداملىقلىقنى ئاشۇرغۇچى، يۇمشاتقۇچى، رەڭ بەرگۈچى قاتارلىقلارنى قوشۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ خۇددى ئۆي سالغاندا خىش، كېسەك، تاش - شېغىل لازىم بولغاندىن سىرت، يەنە پولات چىۋىق، سېمونت قاتارلىقلارمۇ لازىم بولغاندەك ئىش. ئەنە شۇنداق خىمىيىۋى ماددىلار قوشۇلۇپ يەنە قىزدۇرۇلسا، كاۋچۇكنىڭ ئېلاستىكلىقى، چىدامچانلىقلىقى، سۈركىلىشكە چىداملىقلىقى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ئاشىدۇ. ئۇنىڭدىن ئىشلەنگەن رېزىنكە ئاياغ، گرېلكا، رېزىنكىلەنگەن رەخت، يامغۇر چاپىنى، ئاپتوموبىل بالونى قاتارلىق بۇيۇملار پارقىراق، چىداملىق بولىدۇ.