UyghurWiki
UyghurWikiخىمىيە بىلىملىرىخىمىيىۋى ساراي − ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

خىمىيىۋى ساراي − ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلى

خىمىيە بىلىملىرى ئەگەر خىمىيىۋى ئېلېمېنتلارنى قۇرۇلۇش ماتېرىيالى دېسەك، ئۇ ھالدا ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى ئەنە شۇ ماتېرىياللاردىن ياسالغان «خىمىيىۋى ساراي» دېيىشكە بولىدۇ. بۇ »خىمىيىۋى ساراي«نىڭ لايىھىلىگۈچىسى روسىيە پېتېربۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ35 ياشلىق پروفېسسورى مېندېلېيىۋ ئىدى. دەۋرىي جەدۋەل بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن خىمىيە ئالىملىرى پەقەت63 خىل ئېلېمېنتنىلا بىلەتتى. ئوخشىمىغان ئېلېمېنتلار ئۆزئارا بىرىكىپ مىڭلىغان، ئون مىڭلىغان بىرىكمىلەرنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ بىرىكمىلەرنىڭ بەزىلىرى تۇز، بەزىلىرى كىسلاتا، بەزىلىرى ئىشقارلار، بەزىلىرى ئوكسىدلاردىن ئىبارەت؛ بۇلارنىڭ بەزىلىرى پارقىراق بولسا، بەزىلىرى تۇتۇق بولۇپ پارقىرىمايدۇ؛ بەزىلىرى ئۆتكۈر پۇراققا ئىگە بولسا، بەزىلىرى رەڭسىز، پۇراقسىز بولىدۇ، بەزىلىرى قاتتىق، بەزىلىرى يۇمشاق، بەزىلىرى ئاچچىق، بەزىلىرى تاتلىق بولىدۇ، بىر - بىرىگە زادىلا ئوخشىمايدىغان بۇ ماددىلار سانى چەكلىك بولغان ئېلېمېنتلاردىن تەركىب تاپقان. ئۇنداقتا بۇ ئېلېمېنتلار ئارىسىدا ھېچقانداق قانۇنىيەت يوقمۇ؟ ئەينى ۋاقىتلاردا كۆپلىگەن خىمىيە ئالىملىرى بۇ مەسىلىنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن قانائەتلىنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەنىدى.1869 - يىلى مېندېلېيىۋ ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقلىرى ئارىسىدا زور پەرقلەرنىڭ بارلىقىنى، ئوخشىمىغان ئېلېمېنت ئاتوملىرى ۋالېنتىنىڭ ئۆزگىرىش دائىرىسى بىرقەدەر كىچىك بولۇپلا قالماي، يەنە كۆپلىگەن ئېلېمېنتلارنىڭ ۋالېنتىنىڭ ئوخشاش بولىدىغانلىقىنى، ۋالېنتى ئوخشاش بولغان ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىنىڭ ئوخشىشىپ كېتىدىغانلىقىنى،1 + ۋالېنتلىق بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مېتال،7 + ۋالېنتلىق بارلىق ئېلېمېنتلارنىڭ مېتاللوئىد ئىكەنلىكىنى،4 + ۋالېنتلىق ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى مېتاللار بىلەن مېتاللوئىدلارنىڭ ئارىسىدا بولىدىغانلىقىنى بايقىدى... مېندېلېيىۋ ئۇلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلېمېنتلارنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئۇلارنىڭ ئاتوم ئېغىرلىقلىرىنىڭ ئارتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ دەۋرىيلىك ئۆزگىرىپ بارىدىغانلىقىدەك قانۇنىيەتنى بايقاپ، ئاخىرىدا دەۋرىي قانۇنىنى كەشىپ قىلدى، ھەمدە بۇ دەۋرىي قانۇنىغا ئاساسەن خىمىيىۋى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىقتى. ھازىرقى ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىدە ھازىرغىچە مەلۇم بولغان109 ئېلېمېنت ئاتوم رەت نومۇرى بويىچە تىزىلغان بولۇپ، بۇ خۇددى بىر «ساراي» غا ئوخشايدۇ، ھەربىر ھۇجرىدا بىر «ئېلېمېنت» مېھمان تۇرىدۇ. بىز «خىمىيىۋى ساراي» نىڭ قۇرۇلمىسى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشلىرىدىن ھەر خىل ئېلېمېنتلارنىڭ ئاتوم تۈزۈلۈشىنىڭ ئۇلارنىڭ مېتاللىق خۇسۇسىيەتلىرى، مېتاللوئىدلىق خۇسۇسىيەتلىرى ۋە ۋالېنتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىۋالالايمىز. ئۇ بىزنىڭ خىمىيە دەرۋازىسىدىن كىرىشىمىز ۋە خىمىيىۋى سىرلار ئۈستىدە تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ ئىزدىنىشىمىزدىكى مۇھىم قورال. شۇڭلاشقا، ئېنگېلس: «مېندېلېيىۋ ئىلىم - پەندىكى زور بىر ۋەزىپىنى تاماملىدى» دېگەنىدى.
← بارلىق تېمىلار خىمىيە بىلىملىرى